ئۆرلە، ئىگىز ئۇيغۇر باللىلىرى

كۈندۈزئاي ھامۇت


ئوقۇۋاتىدۇ ئۇيغۇر بالىلىرى،
مەكتەپلەر ئارا تاللىنىپ،
يەتتە قىتئەدە تامشىيمىز ھامان،
ئاز بولسىمۇ تەملىك تۇز بىلىپ.

پەخرلىك ئەۋلاتلار ئۈمىد بېرىدۇ،
تەكلىماكاندا قالغان ئانىغا.
زەپەر قۇچسا ھەر بىر ئۇيغۇر،
قانات بېرەر مەسۈم  ئاتىغا.

بۈگۈن كەتتى ياپونغا ئۇدۇل،
كانادادىن گۈلنىگار ئۆزى.
كۆكتوقايدا ئۇيغۇر سۆيىنەر ،
پەخرىيەنىڭ كەلسە بىر سۆزى.

لەيلىگۈلمۇ ئوقۇش باشلايدۇ،
لوندوندىكى داڭلىق مەكتەپتە.
خەدىچەمۇ تازا تىرىشتى،
ساۋاقدىشى قالدى ھەۋەستە.

بۈگۈن ئوقار ئۇيغۇر بالىلىرى،
چەتئەللەردە تىرىشىپ،ئەركىن.
ئاھ ،ۋەتەندە قالغان بالىلار،
بىلىم، نانغا تەشنادۇر كەسكىن.

نەدە بولسا ياشىسۇن ئۇيغۇر،
مەنزىلىدە تىرىشسۇن ھارماي.
ئەقىل تاپسۇن ئىسىل مەكتەپتىن،
جەمئىيەتتە قاتاردىن قالماي.

بارالمىغان گۈزەل مەكتەپكە،
قازناقلاردا ئۇيغۇر ئانىلار.
ئۆلتۈرۈلدى قىرغىنلار ئارا،
مەكتەپ كۆرمەي قىران ئوغۇللار.

زاۋۇتلارغا سېتىلار ئۇيغۇر،
ساختا نامدا ”ئىشچى” ئاتىلىپ.
مەكتەپ كەتتى مەجبۇرى يىراق،
تۇرمۇشىدىن چۈشىگە قېتىلىپ.

يېتىشتۈردى ئۇيغۇر ئاتىلار،
ئەلگە كېرەك ئۇيغۇر ئەۋلادنى.
كۆز نۇرىنى بەردى ئانىلار،
باغاشلاشقا ھۆر بىر ھاياتنى.

زامانداشلار تىنماي تىرىشتى،
ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىمۇ.
تىرىشقانلار نەتىجە ئالار،
خەلقارانىڭ سەھنىسىدىمۇ.

تۈركىيەدە ياشىماق بەس تەس،
دەيدۇ كىملەر تىرىشماي تۇرۇپ؟
تۈركىيەدىن كەتتى ھارۋاردقا،
نى رەيھانلار باش ئەگمەي يۈرۈپ .

كامالتۈرك سۆزلىسە جانلىق،
يالقۇن روزى كەچتى دىللاردىن.
جەۋھەر، ئايدىن يېتىلۋاتىدۇ،
ئاتىلىرى سالغان ئىزلاردىن.

ۋەتىنىمدە نابۇت قىلىندى،
خىل يېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى،
بىزدىن بىرلىك، كۈرەش كۈتىدۇ،
ئۆزى مەھكۇم ئۇيغۇر ئەرلىرى.

قىرغىنچىلىق، ھاشار ۋە سېلىق،
قۇرۇتالماس ئۇيغۇر خەلقىنى.
بىزنى ئەتە قۇياش كۈتىدۇ،
ئۆرلە  ئىگىز ئۇيغۇر بالىلىرى.

  2021-04-08.  شىۋىتسىيە


جاۋاب يېزىش