جەمئىيەت ئەھدىنامىسى

Du Contract Social

Aptori: Jean Jacques. Rousseau

جېان جاك روسسۇ

ڧرانسۇزچىدىن دىلدار ئەزىز ئەرجىمىسى

تەرجىمە قىلغۇچىدىن

جېان جاك رۇسسۇ (1712 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جەنۋەدە تۇغۇلۇپ، 1778 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ڧرانسىيەدە ۋاپات بولغان) نىڭ «جەمئىيەت ئەھدىنامىسى» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرى 1762 – يىلى يېزىپ تاماملانغان بولۇپ، بۇ ئەسەر تا بۈگۈنگە قەدەر 18 – ئەسىردىكى دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كورسەتكەن ئەسەرلەردىن بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەسەر پەقەت دۇنيا بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغىلا نەزىرىيىۋىي ئاساس سېلىپ قالماستىن، يەنە «يېقىنقى زامان دۇنيا  قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىدىيىۋىي ئاساسى» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ كىتابنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا تەكىتلەنگىنى «تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، ئىنسان تەبىئىيتى نەزىرىيىسى، ئىنساننىڭ تۇغما ھەق – ھوقۇقلىرى، قانۇنچىلىق، ئىنساندىكى ئۆزىنى باشقۇرۇش ئېڭىنىڭ يېتىلىشى، بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلارغا ئەمەس، بەلكى  خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى….» قاتارلىق نەزىرىيىۋى ئاساسلارنىڭ  ھەممىسى ئەڭ دەسلەپتە دەل مۇشۇ  كىتابتا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر.

«جەمئىيەت ئەھدىنامىسى» دىكى نەزىرىيىۋىي ئاساسلار ئەينى چاغدا زامانىۋىي دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئاساسىي بولۇپ، ئۇ ياۋروپا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتىگە، شۇنداقلا 18- ئەسىردىكى شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەبىت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش كۈرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»، فرانسىيەنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە بۇ  ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈپ چىقىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە «جەمئىيەت ئەھدىنامىسى» دىكى دېموكراتىك ئىدىيە ئاساس قىلىنغان.

بۇ كىتابنى مەن دوكتۇرلۇق دىسىرتاتسىيەمدە نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش جەريانىدا مېنى ھاياجانغا سالغان يەنە بىر نەرسە شۇ بولدىكى، مەزكۇز كىتابنىڭ ئاپتورى گەرچە مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە قايىللىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئىسلام دىنىنى تارقىتالىشى ۋە شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرەلىشىنىڭ سەۋەبىنى  ئاجايىپ قايىل قىلارلىق نەزىرىيىۋى ئاساسلار بىلەن شەرھىيلەپ بەرگەن.

بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان خەلقىمگە سۇنۇش مىنىڭ ئون ئىككى  يىللاردىن بېرىقى ئارزۇيۇم بولۇپ،  مەن تەتقىق قىلىۋاتقان جېان جاك رۇسسۇنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن «قۇتادغۇبىلىگ»تىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوخشاشلىقلار مېنى ھاياجانغا سېلىپ، ھەتتا كېچىلىرى ئۇيقۇمنى قاچۇرغان ئىدى. بۇلار مېنىڭ تېخى ئاخىرى چىقمىغان دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيەمنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى ۋاقتىدا خەلقىمگە تەقدىم قىلالمىغانلىقىم، مەندىكى مىللىتىم، ۋەتىنىمگە بولغان قەرزدارلىق تۇيغۇسىنى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن، سالامەتلىكىمنىڭ كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىشىغا قارىماي، مىللىتىمگە بولغان ئۇيغۇرلۇق قەرزىمنى قايتۇرۇش نۇقتىسىدىن، بارلىقىمدىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپ، بۇ كىتابنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن فىرانسۇزچىدىن ئۇيغۇرچىغا  قايتا تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم.  چۇنكى بىرىنچى قېتىملىق تەرجىمەمنىڭ كومپىيۇتېرىمدىن  ئوغرىلىنىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، ئىككىنچى قېتىم قايتا تەرجىمە قىلىشقا بەل باغلىشىمدىكى بىردىنبىر  سەۋەپ شۇكى، ئەگەر بۇ كىتاب ۋەتەنسىز ئۇيغۇرۇمنىڭ قولىغا چىقسا، ئۇلار كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشتا بىر نەزىرىيىۋىي ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ. چۈنكى بۇ كىتاپ  ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىدە، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا خۇددى قۇمدەك چېچىلىپ ياشاۋاتقان، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى جان -جەھلى بىلەن ئارزۇ قىلسىمۇ، دۆلەت قۇرۇشنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرىدىن تېخى خەۋەرسىز ، يۈرىكىدە لاۋۇلداپ تۇرغان ئارمانلىرى بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭغا لايىق پىلان ۋە دەرمانى يوق ئۇيغۇرلىرىم ئۈچۈن بىر ماياك بولالايدۇ. بولۇپمۇ خەلقىمىز ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان، قايمۇقۇش، تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشتا بېسىپ ئۆتىدىغان قەدەم – باسقۇچلار ۋە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەردىن خەۋەردار بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كىتاب يەنە خەلقىمىزگە ئىجابىي قىممەتكە ئىگە نەزىرىيىۋىي يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارىدىم.

     بۇ كىتاب يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان غەرب دۇنياسىنى تولۇق چۈشىنىشىگىمۇ ئالاھىدە ياردەم بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن. چۇنكى بۇ بىر سىياسىي، پەلسەپەۋىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدا جەمئىيەتشۇناسلىق بىلىملىرىمۇ مۇجەسسەملەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە سىياسىي ھوقۇقنىڭ پرىنسىپلىرىمۇ مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر تەبىئىي ھوقوقىنى، يەنى دېموكراتىك ھوقوقىنى قولغا ئېلىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش تولىمۇ موھىمدۇر.

بۇ كىتابنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى  شۇكى، ئۇنىڭدا «قانۇنلۇق قۇرۇلغان ھەرقانداق بىر دۆلەت چوقۇم جامائەتنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەن سۆز، خەلق دېكتاتۇرلىقىنىڭ مۇستەبىت  تۈزۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ.  بۇ يەردىكى ئىگىلىك ھوقۇق، ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇق – ئەركىنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. تارىخشۇناسلار: «روسسۇ بولمىغان بولسا، فرانسىيە ئىنقىلابى بولمىغان بولاتتى. ناپولېئون ۋە روسسۇلار زامانىنىڭ نيوتونلىرىدۇر. نيۇتون كائىناتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىنى بايقاپ، فىزىكا ئىلمىگە ئاساس سالغان بولسا، روسسۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بار بولۇشقا تېگىشلىك تەبىئىي ھەق – ھوقۇق ئىلىملىرىنى بايقاپ، زامانىۋىي دېموكراتىيىگە ئاساس سالدى. خۇددى نيوتون تاشقى دۇنيانىڭ تەرتىپى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بايقىغىنىدەك، روسسۇمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى بايقىدى ۋە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە تونۇتتى» دەپ قارىشىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ ئەينى چاغدا مەيدانغا چىقىشى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىنسانىيەت جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارالغان بولسا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سۇنۇلىشى، ھازىرقى زاماندا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېھتىياجى. چۈنكى بىز بۇ كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇشۇ چاغقىچە بىزنى گاڭگىرىتىۋاتقان، كاللىمىزدا ئېنىق بولمىغان نۇرغۇنلىغان سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز. ئەگەر شۇنداق بىر ئارزۇ بىلەن بۇ كىتابنى قولغا ئالغان  ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ، كىتابقا باھا بېرىشكە ئالدىرىماستىن، ئۇنى  چوقۇم ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ  قېتىم قايتا – قايتا ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن پىكىر بايان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەنە شۇ چاغدا بۇ كىتابنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى چۈشەنگەندىن باشقا، يەنە  مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇشىمنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ. مەن بۇ كىتابنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان ئىكەن، ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن ئۆزىدە چوقۇم ئەركىن بىر روھ  يېتىلدۈرۈشىگە، مۇستەبىتلىكنى، زۇلۇمنى ئۆزىگە ھەرگىز راۋا كۆرمەسلىكىگە، ئۆزىنى تونۇشىغا، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ھارماي كۈرەش قىلىدىغان بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇپ قالغۇسى دېگەن ئۈمىدتە بۇ ئەمگىكىمنى خەلقىمگە سۇندۇم.

  – دىلدار ئەزىز

ئاپتور ھەققىدە:

18 – ئەسىردىكى فرانسىيە  يىڭىچە ئاقارتىش ئىددىيەسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك پېشىۋاسى، پەيلاسوپ، مائارىپچى، يازغۇچى، مۇزىكانت ۋە رەسسام جېان جاك روسسۇ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيىۋىي يېتەكچىسى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە «زامانىۋىي دېموكراتىيەنىڭ پىشىۋاسى» دەپ ئاتالغان. جېان جاك روسسۇ ئۆزىنىڭ «جەمئىيەت ئەھدىنامىسى» نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيەنىڭ «ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدىغان دۆلەت» بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىدى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇردى، «ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇستەبىتلىككە ۋە زۇلۇمغا قارشى چىقتى. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى: «ئىنسانلارنىڭ باراۋەرسىزلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى مەنبەسى ھەققىدە»، «جەمئىيەت ئەھدىنامىسى»، «ئېمىل <مۇئارىپنىڭ تەبىئىتى>»، «ئىقرارنامە» قاتارلىقلار بار.

مۇقەددىمە

بۇ قىسقا ماقالە ئەسلىدە مەن بۇرۇن ئۆزەمنى چاغلىماي باشلاپ قويۇپ، كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە تاشلىنىپ قالغان ئەسىرىمنىڭ قىسقارتىلغان مەزمۇنى ئىدى. يېزىلىپ بولغان قىسمىغا قارىغاندا مۇشۇ قىسمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىشتىن بۇرۇن، قىممىتى يوق دەپ قارالغان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋەتتىم.

 بىرىنچى توم 

مەن جەمئىيەت تەرتىپى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قانۇننىڭ مۇمكىنچىلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قانۇنلۇق بىر تەرتىپ ئىچىدە يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بار – يوقلۇقى ئۈستىدىمۇ ئىزدەنمەكچىمەن. بۇ تەتقىقاتتا مەن، ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە، ھوقۇقنىڭ  يول قويۇلىشى ۋە مەنپەئەتنىڭ تەلىپىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئادالەت بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمەن. مەن ئوتتۇرغا قويغان تېمامنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىماي تۇرۇپلا بۇ تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتىم. بەلكىم كىشىلەر مەندىن: «سەن ھۆكۈمرانمۇ ياكى قانۇن چىقارغۇچىمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسەتنى تەتقىق قىلىۋاتامسەن؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارغا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەنكى: «ياق، مەن ھۆكۈمرانمۇ، قانۇن چىقارغۇچىمۇ ئەمەس. شۇنداق بولمىغانلىقىم ئۈچۈنلا مەن سىياسەتنى تەتقىق قىلىشىم كېرەك. ئەگەر مەن ھۆكۈمران ياكى قانۇن چىقارغۇچى بولغان بولسام، ھەرگىزمۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلەش ئۈچۈن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمىغان، ئۆزەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان بولاتتىم ياكى سۈكۈتنى تاللايتتىم. ئەركىن بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى ۋە شۇ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئاۋازىم جامائەت ئىشلىرى ئىچىدە قانچىلىك ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش ھوقوقۇمنىڭ بولۇشى، مىنىڭ بۇ مەزمۇننى تەتقىق قىلىش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. ھەر قېتىم مەن ھەرخىل تۇزۇلمىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا، ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئۆز دۆلىتىمنىڭ ھۆكۈمىتىنى سۆيۈشكە يىڭى سەۋەبلەرنى بايقىغاندەك بولىمەن.»

بىرىنچى باپ

بىرىنچى تومغا ئىزاھات

ئىنسان ئەركىن تۇغۇلىدۇ، بىراق كىشىلەر يەنىلا چەكلىمە ئىچىدە ياشايدۇ.  ئۆزىنى ھەممە نەرسىنىڭ خوجايىنى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ھەممە نەرسىدىنمۇ بەكرەك قۇلدۇر. بۇ ئۆزگىرىش قانداق شەكىللىنىدۇ؟ بۇ تەرىپىنى مەن بىلمەيمەن. بۇ ئۆزگىرىشنى قانۇنلاشتۇرغان نەرسە زادى نېمە؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئەگەر مەن پەقەت زورلاشنى ۋە زورلشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى ئويلىغان بولسام، شۇنداق دەيمەنكى: «كىشىلەر زورلۇققا ۋە شۇ ئارقىلىق بويسۇنۇشقا مەجبۇرلانغان بولسا، ئۇلار توغرا قىلغان بولىدۇ؛ ئەگەر كىشىلەر ئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئالغان شۇ كىشەنلەرنى چېقىپ تاشلىيالىغان بولسا، ئۇلار تېخىمۇ توغرا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكى باشقىلار تەرىپىدىن قايسى ئۇسۇلدا تارتىۋېلىنغان بولسا، خەلقمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا مەھرۇم قىلىنغان ئەركىنلىكنى قايتا قولىغا ئالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان  كىشىلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى باشقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. «جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ئىنسانلارنىڭ باشقا بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇقەددەس ھوقۇقتۇر. مەيلى نېمىلا دېمەيلى، بۇ ھوقۇق ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان تەبىئىي ھوقۇق ئەمەس، بەلكى كېلىشىم ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھوقۇقتۇر. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئالدى بىلەن بۇ كېلىشىمنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتۇر. بىراق بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئۆزەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكىرلىرىمنى بېكىتىۋېلىشىم كېرەك.»

مەسئۇل كوررىكتور:دىلدار ئايتۇلدى

جاۋاب يېزىش