باراۋەرلىك

سارە سەيدەكرەم

«ئەسىرلەردىن بۇيان، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ئېكىسپىلاتاتسىيەنى كۆرۈپ يېتىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر سىستېما قۇرۇلغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى «ياراتقۇچى بەلگىلىگەن تەقدىر» دەپ تەسۋىرلەيدىغان بۇ سىستېما ئاياللارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا بەنت قىلىپ قويدى. «

                  – ناۋال ئالساداۋىنىڭ «ھاۋا ئانىنىڭ يوشۇرۇن چىرايى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.    

«بىر جەمئىيەتنىڭ ئاياللىرى بىلىمسىز، نادان بولسا، شۇ جەمئىيەتتە ھەرگىزمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى  بولمايدۇ. «

                               – خالىد ھۈسسەيىننىڭ «مىڭلىغان يارقىن قۇياش» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

كىشىلەر دائىم جەننەتنى ئانىلارنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا دەيدۇ.  بىراق شۇ جەننەت ئايىغى ئاستىدا بولغان ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى جەننەتتىمۇ؟ئۇلار ھۈر، ئەركىن ياشاۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شۇ جەمئىيەتتە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئورنى بارمۇ؟ ئەگەر بار دىيىلسە، ئۇلارنىڭ ئورنى زادى قانچىلىك؟ ئەرنىڭ دۇئاسى بىلەنلا جەننەتكە كىرەلەيدىغان ئەشۇ ئانىلار پەرزەنتلىرىنى جەننەتكە باشلاپ كىرەلەمدۇ؟ ئۆزى جەننەتتە بولالمىغان ئانىلار پەرزەنتلىرىگە قايسى جەننەتنى ئاتا قىلالايدۇ؟

ئانا دېمەك، ۋەتەن دېمەكتۇر. ئانا دېمەك، دىيار دېمەكتۇر. ئانا دېمەك، يۇرت دېمەكتۇر. ئانا دېمەك، تىل دېمەكتۇر. ئانا دېمەك، ئايال دېمەكتۇر. ئايال دېمەك، ئىنسان دېمەكتۇر. ئۇنداقتا، ئاياللار نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئىككىنچى قاتلىمىدا بولۇشى كېرەك؟ ئەگەر جەمئىيەت ئاياللارنى ھەقىقەتەن قەدىرلىسە، ئاياللار بۈگۈنكىدەك تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچرارمىدى؟! ھەممىمىز «باراۋەرلىككە ئىشىنىمىز» دەيمىز. بىراق جەمئىيىتىمىزدىكى ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى قانداق ئەمىلىيلىشىۋاتىدۇ ۋە قانداق ئەمەلىيلىشى كېرەك ئىدى؟ ئەگەر ھەممىمىز تەڭ دەرىجىدە ئىنسان دەپ قارىلىدىغان بولساق، نېمە ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىرىمىز ئەر ياكى ئايال بولىشىمىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟

غەرب دۆلەتلىرىدە ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى، جەمئىيەتتىكى ئىش ئورۇنلىرى، شۇنداقلا ئائىلىدىكى ئورنى بىرئاز يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا باراۋەرلىك يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئېشىپ بولالمىدى. ئاياللار يەنىلا بىر بۇيۇم بولۇشتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي بىر ئىنسان سۈپىتىدە مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە زامانىۋىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى ئاياللارغا قارىتىلغان قۇللۇق ئىسكەنجىلىرى يەنە يېڭى شەكىللەرنى ئالدى. ئاياللار ھازىر كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ قۇللىرى بولۇپ، ئۇلار بىر بازار، بىر ئىستېمالچى ھەم بىر ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلاندى. زامانىۋىي شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تاراتقۇلىرى (كىنو، ئېلان، ناخشا، ژۇرنال، تور بەتلەر) ئاياللارنى مودا دەپ ئاتىلىدىغان، زامانىۋىيلاشقان سودا بازارلىرىغا «گۈزەللىك پەرىشتىلىرى» دېگەن ئۇنۋانلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بېقىندى ئىستېمالچىلىرىغا ئايلاندۇرماقتا. مەسىلەن: پەقەت ئون سۇملۇق ئىچ كىيىمى ئۈچۈن ئاياللارنى ھەرقانداق كوچىدىكى ئېلان تاختىلىرىدا، ئېكرانلاردا ياكى يالىڭاچ كۆرگەزمىلەردە كۆرەلەيسىز. 

ئەمىسە، بىزنىڭ ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىمىز بىلەن غەربتىكى قىز – ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟ ئوخشاش قىز بولۇپ تۇغۇلغان بۇ قىز – ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنەرلىك پەرقلەر شۇكى،غەرب قىز – ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى،ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ،ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىمىز بولسا، ھەتتا ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ھەقسىزلىق، باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىنمۇ بىخەۋەر بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆزىنىڭ قىز بالا بولۇپ يارالغىنى ئۈچۈن، «يارىتىلىشتىكى قانۇنىيەت» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپ، «ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان ھەقىقەت» دەپ ئىشەندۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىن يىراق، ئىنسانىيلىقتىن يىراق، ھەتتا ئىلىم – پەندىنمۇ يىراقلاشتۇرۇلۇپ، بىر ئەرنىڭ خالىغانچە باشقۇرۇپ، خالىغانچە ئىشلىتەلەيدىغان بىر «ئائىلە سايمىنى»غا ئايلاندۇرۇلۇپ كەلمەكتە. شۇڭا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ ئورنى ئۆيدە. ئۇ ئۆزىنى: «مەن بىر ئىنسان، شۇڭا تۇغۇلغانىكەنمەن، ئىنساندەك ياشايمەن. ئۆزۈمنىڭ ھۈرلىكىمنى ئۆزۈم تاپىمەن. ئۆزۈمنىڭ جەننىتىنى ئۆزۈم قۇرىمەن. ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆزۈم ئالىمەن. مېنىڭمۇ ۋەتەن – مىللەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيىتىم بار» دىمەي، پەقەتلا ئۇنىڭ ھاياتتىكى بىردىنبىر نىشانى –  ئۆلگەندە كىرىدىغان جەننىتى ئۈچۈن، ئەرنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ ياشاشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ.

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، مەيلى غەرب ئاياللىرى ياكى شەرق ئاياللىرى ۋە ياكى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى بولسۇن،ئالدى بىلەن  ئۆزىنى بىر ئىنسان دەپ تونۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ياراتقۇچى ئاتا قىلغان باراۋەرلىك، ئىنسانلىق ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنى يارىتىپ ياشاشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ھېچكىمنىڭ دەپسەندە قىلىدىغان ۋە تارتىپ ئالىدىغان ھەققىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشى لازىم.

 2021 – يىل 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، سەيشەنبە.

جاۋاب يېزىش