ۋەتەن ئاشىقى

سەرۋى

كېزىپ ئەللەرنى ھىچ كۆرمەم سېنىڭدەك جەننىتى رىزۋان،

تىلىمدا زىكرىدۇر ئىسىمىڭ، ئوتۇڭدا يانغىنىم يانغان.

مۇسافىرلىق پېتىپ جانغا، سېنىڭ قەدرىڭنى بىلدۈردى،

كۆزۈمگە تۇپرىقىڭ سۈرسەم، قالارمۇ باشقا بىر ئارمان.

غېرىپ باشىمنى ئىپ كەتتىم، سېىنى باسقاندا ياۋ-دۈشمەن،

قەرزدارمەن ساڭا مەڭگۈ، شۇنىڭغا زورلىدى دەۋران.

كېچەلەردە چۈشەپ نەچچە سېنى يوقلاپ بېرىپ كەلدىم،

سەھەردە ئويغىنىپ يىغلاپ يۈرەكنى تىلغىدى ئەفغان.

غېرىپ ئاتلىق بولۇپ قالدىم، سېنى ئالدى تالاشقانلار،

تۆكۈپ دەردىمنى ياتلارغا پۈتتۈم قانچىلاپ داستان.

كۆزۈمدىن كۆرمىدى ئەكسىن، ماڭا باققان بۇرادەرلەر،

دېدىكى تىندۇرۇپ ئاپتۇ كۆزۈڭنى بىر قارا ھىجران.

ئۆتۈپ كەتتى تالاي ياز-قىش ۋەتەن دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ،

ھامان بىر كۈن كۆرەرمەن دەپ ئېيتتىم قانچىلاپ يالغان.

دېسە يۇرتۇڭ ئىدى قانداق، دېدىم : جەننەتكە تەققاس قىل،

ئىدىكى گۈل-گۈلستانلىق، بېغى ئۇز، بۇلبۇلى خەندان.

ئىدىكى قەشقىرىم خانلىق مەدرەسەم، قەدىم جايىم،

ماكانى ئىلمۇ-ئىرپاننىڭ ئىنايەت ئەيلىگەچ سۈبھان.

مەئىشەتلىك بېغى ئەلۋەك، قېرى-ياشى شېرىن سۆزلۈك،

تاللىق ئارتۇچۇم باغرىم- مازارىم ساتۇق بۇغراخان.

ئىدىكى خەلقى تەقۋادار، تەۋاززۇلۇق خوتەن شەھىرىم،

ھەكىملەر بابىدا يەكتا، يەنە بىر نامىدۇر شەھدان.

ئىدىقۇت خانىدانىمنىڭ مىراسى چوغ گۈزەل تۇرپان،

ئۈزۈمزار قوينىدا سانسىز يېتىشكەن ئوت يۈرەك ئوغلان.

قۇمۇل شەھرىم ئىنايەتلىك خەلقى قاپ يۈرەك غەييۇر،

زۇلۇمغا باشىنى ئەگمەس دىگەيسەن ساھىبى كامران.

گۈزەل ئاقسۇغا گەر كەلسەڭ كېتىشنى ئىستىمەس كۆڭلۈڭ،

تارىم بويىدا تىلسىم، غازاتگاھىم ئۆزى مەردان،

ئىدىكى كانى ھىممەتنىڭ گۈزەل غۇلجام سائادەت يار،

جۇۋان ھەم قىزلىرى ھۆردەك، تامام ئەركەكلىرى پالۋان.

ئىدى ئالتاي چىمەنزارىم، بىھىشكە نۇسخىدار باغچەم،

قارا ئىرتىش ئاقار ئۇندا، ئەقىللەرگە كۈمۈش رەخشان*.

ئىدى كورلام دىلىم شادى، پەرىۋەش* قىزلىرى سەرۋەر،

تاھىر-زۆھرەمنى ئۆستۈرگەن، باش ئەگىم بويى سەيلان.

ئىدىكى مۆھتىرەم، ئەۋزەل، ئۈرۈمچى رەستىسى ئاۋات،

ساكلارىم* بېغى تاللىق*، گۇۋاھ تارخ بېرەر پەرمان.

ئۇچۇم تۇپراقىنى ئالسام، شىمرلاپ زەرلىرى سۆزلەر،

قەدەم ئاستىم ئەمەس تۇپراق، مىسالى خەزنە- ئالتۇن كان.

خوشنام بار ئىدى بۇندا قارا تاز*، قارغا، قۇزغۇندەك،

گۈزەل يۇرتۇمغا قەست قىلدى، سوزۇپ تىرناقلىرىن چەندان.

نىتەي ئاھ، ھېلىگەر قەللاپ بېسىپ ئالدى گۈزەل يۇرتۇم،

تالاي قىز ھەم يىگىتلەرنىڭ ياتار جايى سوغۇق زىندان.

شۇملۇق خالتىسىن ئاچتى ئۆزى سەت ھېلىگەر قەللاپ،

ئەزىز خەلقىمنى خار قىلدى، ئوقۇپ ئەپسۇن، ھۈرۈپ ھەريان.

كۆرۈڭ خەلقىم ھالى قانداق، كۆيەر ئوتتا، ئاقار سۇدا،

كۈلۈپ خىر-خىر زالىم قەللاپ، ئىچىپ قانلار سۈرەر دەۋران.

نىتەي، كەتتى قولۇمدىن يۇرت، مۇسافىر نامىنى ئالدىم،

ئىشىمدۇر ئاھ ئۇرۇپ يىغلاش، شىكايەتتە سېلىپ غەليان.

سۆزۈمنى ئاڭلىبان يارەن دېدى يۇرتۇڭنى راست سۆيسەڭ،

ساداقەت-ھىممىتىڭ ۋەزنى سىناپتۇ قادىرى راھمان.

ئىشق يولىدا ھەر كىملەر ئېتەر دەئۋا، جېنى تاتلىق،

يېشىنى تۆكىدۇ مۇنچاق، بىلەر ھەممە سۆزى يالغان.

دېمەس ھىچكىم ئاشق پەرھاد مەگەردە كەسمىسە تاغنى،

جېنىدىن كەچمسىە بولماس ئىشقنىڭ بابىدا سۇلتان.

شىكايەت ئەيلىبان يىغلاپ، قۇرۇق دەئۋاغا كىم مەشغۇل،

نىسىپ بولماس ئاڭا مەڭگۈ ۋەتەن ئاتلىق گۈزەل جانان.

ۋەتەن ئىشقىنى گەر بىلسەڭ ئىماننىڭ پارچىسى ئاشىق،

ۋىسال جامى سېنى كۈتكەي، بېرەر رەززاق زەفەر ئىمكان.

نەزەر سال يەتتە ئىقلىمغا كىمەركى خان، كىمەركى قۇل،

سۇغارغاچ قېنىدا تۇپراق، دىلى سەرخۇش سۈرەر دەۋران.

ۋەتەننىڭ ۋەسلىگە يەتكەن ئاشىقلار دېدى تەھقىق،

مەگەر بۇ كويدا جان بەرسەڭ كېلەر ھەققى يەنە ئەرزان.

بىھىش باغلىق گۈزەل يۇرتۇڭ ئۈچۈن جاندىن كېچىپ چىققىن،

قانات بولسۇن ۋەتەن ئىشقى، زەپەر قۇچقىن جەسۇر مەردان.

بېشىڭنى سەجدىگە قويساڭ ئەزىز تۇپراققا يەتكەندە،

ۋەتەننىڭ ئاشىقى دەرلەر سېنى ھەق، خالىقى- راھمان.

تۆكۈپ بەرگى قىزىل گۈللەر پايانداز بولغۇسى، ئاشىق،

ئاياغىڭ ئاستىدە ئاققاي، بولۇپ گوياكى نۇر ئەفشان.

2020-يىلى، 15-مارت، ئامېرىكا

ئىزاھاتلار:

رەخشان: يالتىراق، پارقىراپ تۇرىدىغان

ئۈرۈمچى: مىلادى 925-يىلىدىكى ساك يېزىقىدا يېزىلغان قوليازمىدا ئۈرۈمچى نامى <<ئىرۇمجىنىيا>> دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ساك تىلىدا ئاڭلاتقان مەنىسى <<تاللىق، باراقسانلىق، ئورمانلىق>>تۇر. شۇڭلاشقا ئارخىلوگلار ئۈرۈمچى دېگەن نامنىڭ مەنسى

<<تاللىق>> دېگەن مەنىدە دەپ پەرەز قىلىدۇ( قۇربان ۋەلى، بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز، 1986).

ساكلار(ساك): مىللىتىمىزنىڭ قەدىمى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، توققۇزاق(توققۇز ساك)، ئىكىساق(ئىگە ساق)، ئوغۇساق(ئوغۇزساك) دېگەن يەر ناملىرى بۇ ساك قەبىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

پەرىۋەش: پەرىدەك، پەرى كەبى

قارا تاز: ئەسلىسى تاز قارا، ۋەزىن ئىھتىياجى بىلەن <<قارا تاز>> دەپ ئېلىندى.

ئەفشان: چاچقۇچى، تۆككۈچى، دەريا. نۇرئەفشان: نۇردەرياسى دېگەن مەنىدە.

جاۋاب يېزىش