شائىرەلەر كۆكلىسۇن

 —- باش ئەگمەس ئۇيغۇر شائىرەلەرگە بېغىشلايمەن
       كۈندۈزئاي ھامۇت

ھەر شائىرە تۆكەر گۈل،
قەلىمىدىن خۇشپۇراق.
نازۇكلىغى مىسرانىڭ،
گۈل بەرگىدە يالتىراق.

گۈل بەرگىدە يالتىراق،
جىمجىت سىڭەر تۇپراققا.
شائىرەلەر شېئىرى،
مەلھەم بولار پىراققا.

مەلھەم بولار پىراققا،
ئازادلىق ھەم ئىنسانلىق.
شېئىردىكى ھەر ھىكمەت،
قامچىلايدۇ يامانلىق.

قامچىلايدۇ يامانلىق،
ئادالەت ھەم ھەقىقەت!
شائىرەنىڭ قەلىمىدىن،
تامچىلايدۇ رىۋايەت.

تامچىلايدۇ رىۋايەت،
ياشناپ قالغان ئالىمدىن.
كۆمۈلسىمۇ سۆڭىكى،
سۆزى ئاشار ئالەمدىن.

سۆزى ئاشار ئالەمدىن،
ھەر شائىرە قەلبىدە.
پارىلدايدۇ بىر گۆھەر،
سىرغىپ ئاققان ھىسىدە .

سىرغىپ ئاققان ھىسىدە،
شائىرەلەر ياشىسۇن!
قەلبلىرى دۇر تۆككەچ،
شائىرەلەر كۆكلىسۇن!

شائىرەلەر كۆكلىسۇن،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىچىدە.
ئۇيغۇر روھى ئۆلمىسۇن،
مەكتەپ ئاچسۇن قەدەمدە!

      2021- يىلى 8- مارت.  شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش