تاشلاندۇق چۈش(6)

رەناگۈل غوپۇر

           تۇرمۇش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بولاتتى. ئەمما دىلشاتتا غەيرىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دىلشات بىر نەرسىنى يوشۇرىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. تۇرۇپ يوقاپ كېتەتتى. بەزىدە سەۋەپسىزلا ئاغرىپ قالاتتى. يەنە ئوڭشىلاتتى. سەل جۈدەشكە باشلىدى. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ قالدى. ئىشتەيسىز. ئىش خوشياقماس بولۇپ قالدى. لالە دىلشاتنى  بىرەر يامان كېسەل بولۇپ قالغاندىمۇ، دەپ ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كەچ سائەت ئون بىرلەر بىلەن بىر تېلىفون تاپشۇرۇپ ئالدى. ساقچىخانىدىن دىلشاتنى ئېلىپ كېتىشنى سوراپ ئۇرۇپتۇ. جىقلا پۇلنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لالە ئۆڭ سۆلى يوق ساقچىخانىغا بارغاندا، دىلشات يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. ئەتتىگەن قاتۇرۇپ كىيىپ چىقىپ كەتكەن كىيىملىرى بۇلغانغان، ئوڭ قولى بېغىشىدىن كويزا بىلەن پارنىڭ تۇرۇببىسىغا سولانغان. يېنىدا ئوخشاش كويزىلانغان ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىكى بىر چوكان. چىرايلىق دىگىلى بولمايدۇ ، ئەمما نازلىق بىر ئايال بار ئىدى. لالە قاراپلا چۈشەندى. ئۇ نۇمۇسنى يۈتۈپ ساقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ پۇلنى تۆلەپ ئادەمنى ئېلىپ كېتىشكە قول قويۇشقا كىرگەندە، ساقچى بالا « ھەدە، يولدىشىڭىز چېكىدىكەن» دىدى. لالە ھەيران قېلىپ « نىمىنى چېكىدىكەن ئۇكام، تاماكىنى ھەممىسى چېكىدىغۇ ؟ » دىۋىدى، ساقچى « ياقەي، تاماكا چەككەنگە تۇتقىلى تۇرساق جان توشامدۇ؟ ئاق چېكىدىكەن، خىروئىن. ماۋۇ خوتۇن بىلەن ئاق ئېلىۋاتقان يېرىدە قولغا چۈشتى» دىمەسمۇ، لالە تىلىنى چىشلىۋالغىلى تاس قالدى. ياش بالىلارنىغۇ ئاڭلىغان. بۇ ئىڭەككە تاقاشقان بالىسى بار ئادەمگە نىمە ئىش بۇ ئەمدى. لالە ئالدىدا ماڭدى. دىلشات سالپىيىپ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كەلدى. قىزلىرى ياتاق ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلارمۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ سۆزلىشىشكە باشلىدى. لالە« مېنى سورىغىلى سالما دىلشات، راستىنى ئېيىت » دىدى. دىلشات بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ گەپنى باشلىدى:

       دىلشات ئاتا ئانىسىدىن كېلىشكەن چىراينى ئېرسىيەت ئالغان. بويى ئىگىز. ئورۇقمۇ ئەمەس سېمىزمۇ ئەمەس. ئالدىراش ئەمەس خىزمىتى بار. ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ ، لالەنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ ئىقتىسادى ياخشى. ئىقتىسادى غېمى يوق. پەرزەنتىلىرى قىزبالا بولغاچقا ئانىسىغا يېقىن. لالە ئۆينى گۈلدەك تۇتىدۇ. دىمەك دىلشات غەمسىز. غەمسىز ئادەم غەم ئىزدەشكە باشلايدۇ باھار. بىر دوستىنىڭ چاقىرغان سورۇنىغا كېچىكىپ كەلگەن دىلشات ئوتتۇز ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى نازلىق بىر چوكاننىڭ يېنىغا باشلاندى. ئاغىنىسى ساقىلىق قىلىپ بىرىنچى رومكىنى ئۆزىگە قۇيدى. ئۇ سۆز قىلىپ ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا ھاردۇق چىقارغاچ ئانچە مۇنچە نەغمە ناۋا قىلىشىپ ئولتۇرۇشنى ئېيتىپ ھاراقنى كۆتىرىۋەتتى. بېلىق كۆزى قىلىپ قۇيۇلغان رومكا ئىككى رەت ئايلانغاندىن كېيىن، ئەرلەرمۇ سالاپىتىنى سەل چۈشۈرۈپ شوخلاشتى. قىزلارمۇ يوغان رومكىدا ئىچكەن قىزىل ھاراقنىڭ تەسىرىدە نازلىنىشقا باشلىدى. دىلشاتنىڭ يېنىدىكى چوكاننىڭ ئىسمى گۈلزار ئىكەن. سودا قىلىمىش. دىلشات گۈلزارنى تانسىغا تارتتى. رومانتىك مۇزىكا، يېقىملىق ئەتتىر، نازۇك بەل، يۇمشاق قول. گۈلزارنىڭ ئاغزىنى ئۇچلاپ « دىلشات ئاكا، تانسىغا ئۇستىكەنسىز-ھە!» « دىلشات ئاكا، ئۇستىخنىڭىز چىرايلىق، سىزگە كاستىيۇم يارىشىدىكەن.»  دىلشات ئاكا ئاق، دىلشات ئاكا كۆك دىيىشلىرى بىلەن دىلشات ھاراقتىنمۇ يا بۇ ئاۋازدىنمۇ ئىشقىلىپ كۈلۈمسىرەپ يۈزلىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالاي دىدى. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا تېلىفون نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇشتى. گۈلزار ئىچكەنسىرى ئېچىلىپ نازلىناتتى. بىرچاغدا ئېھتىياتسىزلىقتىن چاينى دىلشاتنىڭ لالە دەزمال سېلىپ كىيدۈرۈپ قويغان كۆينىكىنىڭ مەيدىسىگە تۆكۈۋەتتى.« ۋىيەي، دىلشات ئاكا، قاراڭ پالاكەتلىگىمنى. قانداق قىلامىز ئەمدى؟ بولمىسا مېنىڭكىگە بېرىپ شۇ يەرنىلا يۇيۇپ دەزمال سېلىپ بېرەي، كەچۈرۈڭ جۇمۇ!» دەپ دىلشاتنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرىۋالغان گۈلزارغا  قاراپ دىلشات ھەدەپ تۈكۈرۈكىنى يۈتەتتى.

          « سىزگە ئەپسىز بولمامدا؟ »   

          « ياق، پەقەت ئەپسىز ئەمەس، ئەكسىچە بەك قولايلىق بولىدۇ»

           باھار، شۇنداق قىلىپ دىلشات گۈلزار بىلەن چىقىشىپ قالدى. 

             لالە ئۆزىنى بەكمۇ تۇتىۋېلىپ دىلشاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۈگەتتى. دىلشاتنىڭ ھىكايىسى بەك يېڭىلىقمۇ ئەمەسلا بىر ئىش ئىدى. گۈلزار قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ ئانچە مۇنچە  نەشە دىگەندەكلەرنى ئىستىمال قىلاتتىكەن. كېيىن مەس قىلغۇچى دورىلارنىمۇ تېتىپ بېقىپتۇ. ئاندىن خىروئىننى چېكىشنى ئۈگىنىپتۇ. ئەمما بەك قاتتىق خۇمار ئەمەسكەن. دىلشات باشتا قارشى تۇرغان بولسىمۇ بىر قېتىم تاماكىغا ئارىلاشتۇرىۋەتكىنىنى چېكىپ قېلىپ پات پات سېغىنىدىغان بولۇپ قاپتىمىش. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە خۇمارى قاتتىق ئەمەسكەن. بۈگۈن گۈلزار بىلەن بولاق ئالغىلى بارغاندا تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئەمما تىرىشسىلا تاشلىۋېتەرمىش.

          باھار، زەھەرلىك چېكىملىك ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇلار ئەمدى نورمال ھىسيات، ئەدەپ ئەخلاق قارىشى بار ئادەم بولالمايدۇ. لالە بۇنى بىلمىدى . ئۇ دىلشاتقا ئىشەندى. مۇشۇ مىنۇتتىن  باشلاپ دىلشات ئۇ نىجىسنى تاشلايدىغان بولدى. ئەمما بىر ھەپتە تاشلىسا يەنە بىر ھەپتىسى چېكىۋالاتتى. ئاندىن يۈكۈنۈپ، ئۆزىنى شاپالاقلاپ ، يىغلاپ ۋەدىلەرنى بېرەتتى. مۇشۇ جەريان تەكرارلىنىپ يەنە ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى. گۈلزار بىلەنمۇ تاشلاشمىدى. ئۆيدىكى پۇل بەزى بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ. لالە نەچچە پۇل خەجلەپ ئۇنى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ساناپ بولالمايدۇ. لالەنىڭ يېڭى ئەندىشىسى بار. ئۇ بولسىمۇ دىلنارنىڭ توي ئىشى.

        دىلنار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتى. ئالىي مەكتەپتە يۈرگەن يىگىتى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ، ئۆيدىكىلەرمۇ كۆرۈشۈپ بولدى. لالە دىلنارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ، دىلشاتنىڭ تۈزكرەك ۋاقتىدا « مۇشۇ دادىسى» دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ تويىنى قىلىۋالغۇسى بار ئىدى. لالە ھازىر دىلشاتتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇ خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىنى بېرىلىپ قىلىدۇ. نەدە ياردەم لازىم دىسە شۇ يەردە پەيدە بولىدۇ. توي تۆكۈن ، نەزىر چىراق ھىچنىمىدىن قالمايدۇ. ئۆيدىن تاپالمىغىنىنى ئەل ئارىسىدىن تاپماقچى بولىدى.

         « چوڭ چاي مۇشۇ شەنبە» دىگەن پەيشەنبە كۈنى ، دىلنارنىڭ يىگىتىنىڭ ئاپىسى تېلىفون قىلىپ بۇ توينى قىلالمايدىغىنىنى، ئوغلىغا دادىسى خېنەنلىك قارا خىتاي قىزنى ئېلىپ بېرەلمەيدىغىنىنى، لالەنىڭ مۇشۇنداق ئىشنىمۇ يوشۇرۇپ، قارا نىيەتلىك قىلغىنىنى دىدى. لالە قولىدا يانفون، بېقىنى بىر ئاغرىق بىلەن كىرىسلودا ئولتۇرۇپلا قالدى. قىزلىرى يىغا زارە بىلەن دوختۇرغا ئاپاردى.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش