تاشلاندۇق چۇش(5)

رەناگۈل غوپۇر

      ھەپتە ئۆتتى. بىر ئەتتىگەنلىگى بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ باشلىشىدا ئىككى ماشىنا دەرۋازا ئالدىدا توختىدى. ماشىنىدىن لالەنىڭ ئاكىسى بىلەن قاملاشقان، ئىگىز بويلۇق، قارا قاش، ساقاللىق ئىككى ئۇيغۇر بالا چۈشۈپ، دەرۋازىنى ئىتتىرىپلا قوروغا كىردى. ئاكىنىڭ كۆزى بالا كۆتۈرۈپ گەمىدىن چىققان لالەگە چۈشتى. ئۇ لالەگە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى باغرىغا باستى« جېنىم ئۇكام، مېنى كەچۈرگىن. بىز سېنى ئىزدەپ تاپالماي تېخى..»

  « بولدى ئاكا ، كەلگىنىڭدىن رازىمەن»

            بەتبەششىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى لالەنى پۇل تۆلەپ ئالغىنىنى، ئىككى يىلدىن بېرى باققىنىنى پەش قىلىپ ئۇنى كەتكۈزمەيۋاتاتتى. يېزىدىكىلەرمۇ قوروغا يىغىلىشقا باشلىدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەر ئۆزىنىڭ يېزىلىقلىرىغا يان باساتتى. بۇ خەق ساقچىدىنمۇ قورقمايتتى. ئەمما بېلىگە ئۇزۇن پىچاق ئاسقان ئۈچ ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان غەزەپ ئۇچقۇنى، چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمى، قاپقارا چاچ ساقاللىرى، ھېلىدىن ھېلىغا تۇتۇپ قويىۋاتقان پىچىقىغا قاراپ، مىڭ يۈەن پۇل بەرسە لالەنى قويۇپ بېرىدىغىنىنى ئېيىتتى. ئاكا پۇلنى بەردى. لالە قىزىدىن باشقا ھىچنىمىنى ئالمىدى، كەينىگىمۇ قارىمىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ يۆلىشىدە ماشىنىغا چىقتى دە، بۇ دوزاقنى كەينىگە قالدۇرۇپ يۇرتىغا يۈرۈپ كەتتى.

         مانا باھار، لالە ئاخىرى بۇ دوزاقتىن قۇتۇلۇپ چىقتى. ئەمدى« لالە قىزى دىلنار بىلەن شۇندىن كېيىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشلىدى» دەپ ئاخىرلاشتۇرۇشۇمنى خالايدىغانسەن. مەنمۇ شۇنداق ئويلاپتىكەنمەن. ھاياتنىڭ ئالدىدا نەقەدەر گۆدەك- ھە بىز. كەلمىگەن تەلەيدە ھىچكىمنىڭ ئانىسىنىڭ ھەققى بولمىغاندەك لالەنىڭمۇ يوقكەن.

        باھار،بۇ قانداق ھاياجانلىق دەقىقىلەر ھە. دادىسى، ئاچىسى، سىڭلىسى قاتارلىق تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قانغىدەك يىغلىشىپ، سېغىنغان تاماقلىرىنى يەپ، قانغۇدەك ئۇخلاپ. مېنىڭمۇ ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ. لالە زادى ئۆيىدىكىلىرىگە بۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرمۇشى توغىرلىق نىمىلەرنى دىدى، بىلگىلى بولمايدۇ. لالە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىچكىمگە بۇ ھەقتە چىش يېرىپ بىر نىمە دىمىدى.لالە ئۇ دوزاختا تارتقان جاپالىرىنى قەلبىگە سولاپ ئاچقۇچنى پىقىرىتىپ ئېتىۋەتتى. دوستلىرى كەلدى، ئۇرۇق تۇققانلار كەلدى. خوشنىلار كەلدى. ئۇ خوشاللىقىنى ئېيتتى، خاپىلىقىنى يوشۇردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە خوشال بولسىمۇ، ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى قىزى دىلنارنى دەمالىققا قۇبۇل قىلالمىدى. ئىككى يىل يوقاپ كېتىپ بىر بالىنى كۆتۈرۈپ كەلسە، ئۇ بالا تېخى بەئەينى خىتايغا ئوخشىسا. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى سىرتتىن كىرىپ« ئاچا، سېنى بىرسى سىرتتا چاقىرىدۇ» دىدى. لالە بالىسىنى دادىسىغا قارىتىپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. دوقمۇشتا دىلشات تۇراتتى. دىلشات بۇرۇنقىدىن سەل ئەت ئېلىپ كېلىشكەن بىر يىگىت بولۇپ كېتىپتۇ. لالەنى كۆرۈپ دىلشاتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. لالە نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇراتتى. دىلشات ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ « ئەسسالام لالە، سېنى ئاخىرى تېپىپتۇ» دىدى. لالە تۆۋەن ئاۋازدا كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ « سالام دىلشات » لا دىيەلىدى. دىلشاتنىڭ ئۇنى باغرىغا باسقۇسى، ھىچبولمىسا قولىنى بولسىمۇ تۇتقىسى كەلدى. ئەمما لالە بىرخىل  سوغۇق بىلىنەتتى. دىلشات لالەنى تارتىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، ئەتىسى كەچتە كۆرۈشۈشنى سورىدى. لالە ئۇزاق ئويلىشىپ ماقۇل بولدى.

        ئەتىسى لالە دىيىشكەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ سىرتقا چىقتى، يالغۇز ئەمەس، دىلنارنى ئېلىپ. دىلشات سەل پەل غەيرىلىك ھىس قىلىدىيۇ، يەنە چاندۇرماي كۆرۈشتى. ئۇلار چىرايلىق رىستۇراندىن بىرسىگە كىرىپ خالىي يەردە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى. دىلنار ئاپىسىنىڭ يېنىدا جىمجىت ئولتۇراتتى. بۇقىز شۇنچىلىك يۇۋاش ئىدىكى، كىچىك بالا دىسە ئىشەنمىگىدەك ئىدى. بۇيرۇتۇلغان تاماقلار چىقىپ يىيىلگىچە گەپ باشلانمىدى. لالە چايدىن ئوتلىۋېتىپ سۆزىنى باشلىدى« دىلشات، بىز، بولۇپمۇ مەن كىچىك بالا ئەمەس، بارنى ئوچۇق دىمىسەم بولمايدۇ. كۆزلىرىڭگە قاراپ ھەممىنى بىلىۋاتىمەن. ئەمما سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشۈمدىن قەتئى نەزەر، ئۆزۈمنى دەپلا سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرسام بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ قىزىم. ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۆتكەن قارا كۈنلىرىمنىڭ يالدامىسى. ئۇ كۈنلەرنى تۇمان بېسىپ كەتتى،  نىمە ئىشلار بولغىنىنى ئەسلىيەلمەس بولۇپ قالدىم. لېكىن مۇشۇ بالىغا قارىساملا يۈرىكىم ئاغرىيدۇ. مېنى ھېلىھەم ياخشى كۆرۈشۈڭ مۇمكىن. بۇ قىياسىم. بىراق بۇ بالا بىلەن بىز بەختلىك بولالمايمىز. ئۇ كۈنلىرىم خۇددى بېلىقنىڭ قىلتىرىغىنى يۈتىۋەتكەندەك قىلىسەن،ۇ نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن يەنە گېلىڭدا باردەك بىلىنىدۇ. ئاندىن جىدەل ماجرا. بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەچكە دىيىشكەن گەپلەرمۇ كۆڭلىمىزنى ئەڭ ئاغرىتىدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بولدىلا دەيمىز، ئايرىلىمىز. كەچۈر دىلشات . مېنىڭ قىلنى كۆتۈرگىدەك  ھالىم يوق. مەن سەندىن رازى. بەختلىك بول». لالە بۇلارنى دىگەچ يېشىنى توختىتالمىدى. دىلشات  ئۈندىمەي ئاڭلاپ تۈگەتتى.« ئەمدى مېنىڭكىنى ئاڭلا لالە. بۇ بالا سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ ئەمەس. ئەسلى مېنىڭ، ئاكاڭنىڭ، داداڭنىڭ سەۋەنلىكى. سېنى قوغدىيالمىدۇق. سەن يوق كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمنى بىر ئاللاھ، بىر ئۆزۈم بىلىمەن. سېنى تېخى باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ شۇنىڭ بىلەن كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ماڭا ئازراق ۋاقىت بەر. ئارىلىشىپ باقايلى. بولمىغاندا مەيلىڭگە قوياي، بولامدۇ؟ » دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن لالە مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەتتىن باشقا ھىچنىمە تاپالمايتى. دىلشات ئۇنىڭ سۈكۈتىنى خالىغانلىغى دەپ قىياس قىلدى.

       باھار، بارلىق بەختلىكلەرنىڭ ھىكايىسى ئوخشاش . ئۇلار شۇنداق شېرىن مۇھەببەتلەشتى. كېچىكىپ بولسىمۇ قۇچقان ۋىسالنى قەدىرلىدى. دىلشاتنىڭ ئاپىسى كۇلىچىنى ئېلىپ بەرمەيمەن دەپ، ئۇنىڭدىن يامىنىنى ئېلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇڭا كونىلار « كۇپۇر سۆزلىمەڭ» دەيمىش.» بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە بارىسىز» دىگەن مۇشۇ  ئوخشايدۇ. گۈزەل توي پەسلى كۈزنىڭ بىر كۈنى ئۇلارنىڭ تويى بولدى. لالەنىڭ ئېسىگە ھېلىقى دوزاقتىكى « تويى» ئېسىگە كېلىپ بەك يىغلىدى. ….

       بارلىق يېڭى مۇھەببەتلەشكەنلەر ياكى يېڭى توي قىلغانلاردەك تاتلىق تۇرمۇش لالەنى مەس قىلاتتى. كۆز ئالدىدىكى دىلشاتقا ، دىلشاتنى دادا دەپ قانمايدىغان دىلنارغا چۈش كۆرىۋاتقاندەك قارايتى. بەزى كەچلىرى ئۇنى قارا بېسىپ ئويغىناتتى. يەنە ھېلىقى خارابە يېزا، ھېلىقى خىتايلارنى چۈشەپ يىغلاپ ئويغىناتتى. بۇنداق چاغدا دىلشات ئۇنى باغرىغا بېسىپ ئۇ كۈنلەرنىڭ تەكرارلانمايدىغىنىنى ئېيتىپ ۋەدە بېرەتتى. لالەمۇ بۇ كېچىككەن بەختنى بەك قەدىرلەپ ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشاتتى. ئاڭغىچە ئۇ ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇپ بىر بانكىغا خىزمەتكە چۈشىۋالدى. دىلشات تەھرىرلىك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى  گۈلدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.

        بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەنە بىر ئىنسان – قەيسەر يىراقتىن دىققەتتە بولاتتى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەن ، ھازىر خىزمەت بىلەن قەشقەرگە چۈشكەن ئىدى.

      لالە دىلشاتتىن يەنە بىر قىز پەرزەنت كۆردى. بەختلىك نىكاھ، كۈيۈمچان ئەر، بىر جۈپ قىز، كۆڭۈللۈك خىزمەت…………ھالبۇكى باھار ، تۇرمۇشنىڭ ئەمما دىگەن يېرىگە كەلدۇق.

                  لالەنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا مىراس بۆلۈپ بېرىپ بولغان. ئۇلارنىڭ قول ئىلكىدە بار ئائىلە بولغاچقا بالىلىرىغا بىر جايدىن مىراس تەككەن. شۇ قاتاردا لالەنىڭ ئاچىسىغا ئۈچتۇرپاندىكى قورو جاينى بەرگەن. ئاچىسىنىڭ بېشىغا ئازراق كۈن كېلىپ ئۇ جاينى ساتماقچى بولغاند،ا لالە ئاتا ئانىدىن قالغان جاي، ياتقا كەتمىسۇن، دەپ دىگەن پۇلىنى بېرىپ ئۇ يەرنى ئېلىپ قالغان. يىللار ئۆتۈپ ئاچىسى « بۇ ئەسلى مېنىڭ مىراسىم، ماڭا قايتۇرۇپ بەر» دەپ تۇرىۋالدى. بۇ نەگە بارسا ئاقمايدىغان گەپ. شۇندىمۇ لالە قېرىنداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ ، پۇل لازىم بولسا بېرىپ تۇرىدىغىنىنى، ئەمما بۇ جاينى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ساتقىنىنى چۈشەندۈردى. ئاچىسى بۇ گەپكە كىرمەستە يوق، بۇ ئاداۋەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ لالەنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يېرىگە پىچاق ئۇردى.

        قىزلىرى كۈندىن كۈنگە چوڭ بولىۋاتاتتى. لالە دىلنارغا دادىسىنىڭ بۇلارنى تاشلاپ كەتكىنىنى دەپ يالغان ئېيىتتى. دىلنارمۇ دىلشاتنىڭ ئالدىغا كىچىك كىرگەچ مۇشۇ دادام دەپ ئويلاۋەردى. مېدىىتسىنا تەرەققى قىلىپ ، دىلنارنى لالە چانمىغىدەكلا ياسىۋەتتى. ئۇمۇ بالاغەتكە يېتىپ ئوغۇللارنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. (داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش