تاشلاندۇق چۈش (7)

رەناگۈل غوپۇر

        باھار ، زىبانىڭ ھىكايىسىدىكى پالچى تۇڭگان ئېسىڭدىمۇ؟ لالە تۇرمۇشنىڭ ئەندىشىسىدە ئۇ بوۋاينىڭ يېنىغا بارغان. ئۇ بوۋاي شۇ زامانلىرى داڭلىق بولۇپ، پۈتۈن قىز چوكانلارنىڭ ئىسسىتقۇ، سوۋۇتقۇلىرىنىڭ ئامالىنى قىلاتتى. لالە قىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ، دىلشاتنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا بىللە تۇرۇپ دىلنارنىڭ تويىنى قىلىۋېلىش مۇمكىنچىلىغى بار يوقلىغىنى سورىدى. بوۋاي لالەگە ئۇزۇن قاراپ« ئەجەبا ئۆزۈڭنىڭ بۇ تويدا بولماسلىغىڭدىن پەقەت ئەندىشە قىلمامسەن » دىدى. پۈتۈن ئەس يادى دىلشاتتىكى لالە بۇ گەپكە زەن سالمىدى.

          كېيىن مەلۇم بولىشىچە لالەنىڭ ئاچىسى ھېلىقى جاينى قايتۇرۇپ ئالالمىغان ئاداۋېتىنى دىلنارنىڭ تويىنى بۇزۇپ چىقاردى. يوغان تاۋاق قىلىپ قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، لالەنىڭ ئۆتمۈشىنى يېيىپ پاقىسىغا قېنىپ يېنىپ چىقتى.

        لالە تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ يېنىپ كەلدى. نەتىجىسىنى ئاڭلىغىلى ئۆزى يالغۇز باردى. دوختۇر كۆز ئالدىدىكى 46 ياشلىق، چىداملىق ئەمما ھەسرەتلىك كۆرىنىدىغان بۇ ئايالغا بىر قاراپ، ئۈستەلدىكى كېسەللىك ئارخىپىغا بىر قاراپ سۆزىنى باشلىدى« دىئاگنوز ئېنىق بولدى. ياخشى ئەمەس، ئەمىلىيەتتە بەك ناچار. جىگەر راكى ئىككىنچى باسقۇچ. …..» كەينىدىكى گەپلەر لالەنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. قانداق داۋالىسا لالە ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇ داۋالاتماسلىقنى تاللايتى. باھار، لالە بەك چارچىدى. بۇرۇنقى ھايات قارا باسقاندەك. دىلشاتقا توي قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، قىزىنى ساق سالامەت ياتلىق قىلىۋالسام دىگەن ئارزۇسى يېقىن ئارىدا روياپقا چىقمايدىغىنىنى بىلىپ، دەم ئېلىشنى قارار قىلدى. بەزىدە ئىنسان ئۆلۈمنى خالاپ قالىدىكەن، باھار.

          باھار، لالەنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشاي دىدى. كېسەل سەۋەبىدىن تارتقان جاپالىرىنى دىمەي بولدى. ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان لالە ھىچنىمە يىيەلمەيتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلىپ تاغقا چىقىپ ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى قىلدى. بۇ كۈنى دىلشات يوق، قەيسەر بار ئىدى. قەيسەر ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ يىللاردىن بېرى لالەگە بولغان سۆيگۈسىنى ئاشكارىلىدى. لالە كۆزلىرىدە ياش، ئاچچىق كۈلەتتى. « قىزىق جۇمۇ سەن» دەپلا گەپنى تۈگەتتى. لالە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوت چۆپنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ چۆپتىن بىر تۇتام يۇلىۋېدى، قولىغا بىر تۆتقۇلاق چىقتى. تۆتقۇلاق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئامەتنىڭ سىموۋولى. قىزلار چۇقىرىشىپ لالەنى تەبرىكلىدى. لالە « كېسىلىم ئامىتىم ئوخشايدۇ» دىۋىدى، ھېلىلا كۈلىشىۋاتقان قىزلار يىغلاشقا باشلىدى. لالە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆيدىكى مال مۈلۈكنى ئىككى قىزىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزدى. ۋەسىيەتنامە تەييارلىدى. بارلىق ئېلىم بېرىملارنى تۈگەتتى.

          باھار، ئۇ كۈنى لالەنىڭ 47 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھارپىسى ئىدى. دىلشات بۇ كۈنلەردە ئېتىنىڭ تېزگىنىنى سەل تارتىپ، لالەگە 24 سائەت ھەمراھ بولىۋاتاتتى. قىزلىرى نۆۋەت بىلەن كېلەتتى. گۈگۈم پەيتى، شەپەق نۇرى ياتاقنىڭ دەرزىسىدىن تامغا قىزىل شولا تاشلىغان. يازنىڭ ئايىقى بولۇپ قالغاچقا ھاۋا ئارامبەخش ئىدى. دىلشات ، قىزلار لالەنىڭ كارۋېتىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ئەتە تۇغۇلغان كۈننى قانداق خاتىرلەشنى مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.  دىلشات لالەگە سەپ سالدى. بۇ كۈنلەردە لالە بارغانسىرى گۈزەل بولۇپ كېتىپ باراتتى. بۈگۈن تېخى ئالاھىدە سۈزۈلۈپ تېرىلىرى خۇددى تومۇرلىرى كۆرۈنگىدەك نىپىزلىشىپ كىتىپتۇ. كىرپىكلىرى بۇرۇنقىدەك قويۇق بولمىسىمۇ، تال تال تۇراتتى. لەۋلىرى تاتارغان ھال رەڭدە. بۇرۇنلىرى قىرلىق. چېچى يەنە شۇنداق قويۇق بولۇپ كەينىگە تۈگۈلگەن. ئۇ كارۋات بېشىغا تىكلەنگەن ياستۇققا يۆلىنىپ قىزلىرىغا قارايتتى. بىرچاغدا لالە چارچىغىنىنى ئېيتىپ ياتماقچى بولدى. دىلشات ئۇنىڭ يېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. لالە ئۇيقۇسى كەلگەنلىگىنى ئېيتتى. دىلشات زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۇخلىماسلىقنى دىدى. ئەمما لالە« دىلشات، شۇنداق بىر تاتلىق ئۇيقۇ بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇخلاۋېرەيچۇ» دەپ كۆزىنى يۇمماقچى بولدى. دىلشات بىر يامانلىقنى سەزگەندەك بولۇپ « لالە، غەيرەت قىل ، ئەتە 47 ياشقا كىرىسەن» دىۋىدى ، لالە كۆزلىرى يۇمۇق پېتى كۈلۈمسىرەپ « ئارانما؟ نەچچە ئەسىر ياشىغاندەك چارچاپ كەتتىم. دىلشات، قىزلارغا ياخشى قارا، مەن كۆرگەننى كۆرمىسۇن، مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي » دەپلا بېشى قىيسايدى. قىزلار دوختۇرلارنى چاقىرىشتى. دوختۇر ئۆلۈم ۋاقتىنى ئېلان قىلىۋەتتى. ياتاقنى يىغا زارە قاپلىدى.

شۇنداق باھار، لالە 47 ياشنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمىدى.

(تامام)

جاۋاب يېزىش