تاشلاندۇق چۈش (4)

رەناگۈل غوپۇر

             باھار، لالەنى شۇ پېتى ئۆلۈپلا قالسىمۇ بوپتىكەن دەپ قالدىم. بىز بالا قازالاردىن ساق قالغانلارنى « يەيدىغان رىسقى باركەن» دەيمىز. مېنىچە لالەنىڭ تارتىدىغان جاپاسى تۈگىمەپتىكەن.

      بەتبەششىرە خىتاي لالەنىڭ قاندا ياتقىنىنى بايقاپ، ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى يېزا داۋالاش پونكىتىغا ئاپىرىپ، خالىمىسىمۇ پۇل خەجلەپ قۇتقۇزىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا لالەنى ساتقۇچى « بۇ دىگەن سىرلىق غەربى يۇرتنىڭ پەرىسى. ئۇ يۇرتتا ئاياللار ئىپاردەك خۇشپۇراق، پاختىدەك ئاق، مامۇقتەك يۇمشاق كېلىدۇ. چىيەنلۇڭمۇ توقىلى ئىپارخانغا ئەڭ ئامراق ئىكەنمىش. بۇ پەرىنى ئالغان ئادەم كۈندە ئۆزىنى چىيەنلۇڭدەك ھىس قىلىدۇ» دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىققىچە ماختىغان. دىمىسىمۇ لالە ئەتراپىدىكى خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان بىرخىل يېقىملىق پۇرايدىكەن. ئۇ تۇرغان گەمىمۇ خۇشپۇراق بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇمۇ باشقا توڭكاي خىتايلارنىڭ باھاسىدىن كۆپ ئارتۇق پۇل تۆلىگەنكەن. ئەمدى لالە ئۆلۈپ تارتىپ قالسا ئۇ پۇل قۇدۇققا چۈشكەندەكلا بولىدۇ. شۇڭا قۇتقۇزىۋېلىش ھەم مەھكەم قارانچۇقلۇق قىلىش كېرەك.

      لالە ئۆلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ بېرىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى. گەمىگە قايتىپلا بوۋاي يەرگە بىر قوزۇق قېقىپ ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىر ئىتنىڭ زەنجىرىنى چېتىپ، يەنە بىر ئۇچىدا لالەنىڭ پۇتىنى تاقىدى. ئۆيدە ھېلىقى ئەبجەق كارۋاتتىن باشقا ھىچنىمە قالدۇرۇلمىدى. لالە مۇشۇ ئۆينىڭ دائىرىسىدە پۇتىدىكى زەنجىرنى سۆرەپ ھەرىكەت قىلالايدۇ. باھار، لالەنى يەنە تىركەشتىمىكى دەمسەن؟ ياق باھار. ئۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر لالەگە ئايلاندى. خامۇش، چاچلىرى پاخپايغان، كۆزى خۈنۈك، يۈز كۆزىنى يۇمايدۇ. تاماق بەرسە موما بىلەن سۇنىلا ئالىدۇ. بىر نىمىلەرنى گۇڭرايدۇ. زەن سېلىپ ئاڭلىساڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە شېئىر، بەزىلىرى ئۇيغۇرچە بىر غەزەل. تېپىۋالغان كۆمۈر پارچىسى بىلەن توپا تامغا بىر خەتلەرنى يازىدۇ. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىسمى، دوستلىرىنىڭ ئىسمى، يەرلەرنىڭ ئىسمى. پەقەت بىرلا ئىسىم يوق. ئۇ بولسىمۇ دىلشات.

              لالە بەتبەششىرىنىڭ مەيلىگە ھە دەيدىغان بولدى. باھار، لالەگە تاللاش يوق. بەتبەششىرىنىڭ ھەر بىر ھايۋانلىغى تۇتسا بىر ئۆيلۈك قۇمۇرۇلۇپ كىرىدۇ. قېرى خىتاي بوۋاينىڭ شەھۋەتلىك قاراشلىرى، باشقىلارغا بىلىندۈرمەي بىر يەرلىرىنى تۇتىۋېلىشى لالەنىڭ جېنىغا پاتتى. ئۇ ئىككى خورلۇقنى كۆتۈرەلمەيتى.

        ياز ئاخىرلاشتى. ئۈرۈمچىنىڭ كۈزى بەك گۈزەل بولاتتى. ئەمما بۇ دوزاقنىڭ كۈزىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا كۆڭۈلسىز ئىكەن. لالە دەرىزىدىن بۇ كۆڭۈلسىزلىككە نەزەر سالاتتى. ئۈرۈمچىدىكى كۈز بىلەن سېلىشتۇراتتى. ۋاقىت ئۇنىڭ يۈرىكىنى ۋە قارشىلىغىنى يەپ تۈگىتىۋاتاتتى. قۇتۇلۇشنى ئويلايتىيۇ، قانداق قۇتۇلۇشنى بىلەلمەيتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە بىر ئىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇ ھامىلدار ئىكەن. ئۇ ئەسەبىلەشتى. تاقلايتى، قوسىقى بىلەن تاملارغا ئۈسەتتى. جادىگەر موماي بۇنى بايقاپ ئۇنىڭغا بولغان كۈزىتىشنى كۈچەيتتى. پۇتىدىكى زەنجىرنى تامنىڭ يېنىغا يەتمەس قىلىپ قىسقارتىۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ لالە بىرلا كۇبلىت ناخشىنى ئېيتىدىغان بولدى.

ئانام مېنى تۇققاندا،

ئاق يۆگەككە يۆگىگەن.

ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن دەپ،

بەختى بولسۇن دىمىگەن.

       باھار،مەن مۈشۈكنى ياخشى كۆرىمەن.  مۈشۈكنىڭ توققۇز جېنى بارمىش. ئايال كىشىنىڭ توققۇز يەردە توققۇز سەكسەن بىر جېنى بارمىكى. لالە ھىچنىمە بولماي ياشاشقا باشلىدى. ئۇ قېچىشنى پىلان قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋۇ ئىتنىڭ زەنجىرىدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ئۇ يالغانلاتىن رايىش بولۇشقا باشلىدى. مومايغا ئۆزىنىڭ چوشقا گۆشى يىمەيدىغىنىنى بىلدۈردى. ئەمىلىيەتتە بۇ نامرات ئۆيدە چاغاندىلا بىرەر ۋاق گۆش ، بولمىسا ئۇماچ، بەرەڭگە، ئانچە مۇنچە باشقا كۆكتاتلارنى يەيتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ قاچا قۇچىسىنى ئايرىم قىلدى. ئۇ گەمىنىڭ ئىچىنى سۈپۈرۈپ سېرىپ تازىلىدى. بەتبەششىرە بۇنىڭدىن بەك خوشال بولدى. ئۇ لالەنى تەقدىرگە بوي بەردى دەپ ئويلىدى. لالە بىكار بولسام ئىچىم پۇشىدىكەن، ئىشلارغا قارىشاي دەپ ھويلىغىچە چىقالايدىغان بولدى. ئەمما بۇ ھەممىسىنىڭ يۈكسەك سەزگۈرلىگى ئاستىدا بولاتتى. شۇندىمۇ بىر ئائىلىلىك لالەنىڭ « كۆنگىنى» گە ئىشىنىشكە باشلىدى.

        بىر كۈنى ئۇ موماي بىلەن دەريا بويىغا كىر يۇيغىلى چىقتى. بۇلاردا كىر يۇيىدىغان سوپۇن دەيدىغان نەرسە يوقكەن. كىيىمنى سۇغا چىلاپ ئېلىپ بىر توقماق بىلەن ھارغىچە ئۇرىدىكەن. لالە مۇشۇنداق ئۇرۇش بىلەن كىيىمنىڭ قانداق پاكىز بولىدىغىنىغا ئەقلى پەقەت يەتمىدى. بۇ دەريا يېزىدىكى بىردىنبىر سۇ مەنبەسى بولۇپ، ئىچىدىغان سۇمۇ مۇشۇنىڭدىن ئېلىناتتى. بىر ياقتا ئىشەك، لالما ئىتلار سۇ ئىچەتتى. سەل يۇقىرىدا بالىلار يالىڭاچ سۇغا چۆمۈلەتتى. لالەنىڭ دەريا بويىدا پەيدا بولىشى بىلەن پۈتۈن يېزىدىكى كىر يۇيغىلى چىققان خوتۇنلار ئۇنى ئورىۋالدى. ئۇلار ھايۋاناتلار باغچىسىغا كىرگەن ئادەملەردەك، ياق خاتا دەپتىمەن، ئادەمنى تۈنجى كۆرگەن ھايۋانلاردەك لالەگە قارايتى. چاچلىرىنى، يۈزلىرىنى تۇتۇپ سىلاپ باقاتتى. بىر بىرسىگە پىچىرلىشاتتى. لالە بەك چىرايلىق دىگۈدەك ئەمەس، ئەمما بۇ تاختايغا يەتتە تۆشۈك ئېچىپلا ياساپ قويغاندەك يۈزلىرى بار ئادەملەر ئارىسىدا ئۇ پەرى ئىدى. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك، جادىگەر موماي باشقىچىلا مەمنۇن بولۇپ كېرىلىپ كەتتى. بولۇپمۇ نەۋرىسىنىڭ چوقۇم بەك چىرايلىق تۇغىلىدىغىنىنى ئاڭلاپ بېشى ئەرشكە يەتتى.

           تۈنجى قار چۈشكەن كۈنى ئىدى. بىر ئۆيلۈك قىشلىق يېقىلغۇنىڭ تەييارلىغىنى قىلىۋاتاتتى. لالەنىڭ قورسىقى ئازراق بىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ تولۇپ بارغانچە چىرايلىق بولۇپ كېتىپ باراتتى. ھەممەيلەن ئىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە لالەنى ئېسىدىن چىقاردى. لالە ھىم ئېتىلمىگەن دەرۋازىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقتى دە، كۆرىۋالغىنى بويىچە تاغنىڭ ئۇ قېتىدىكى تاش يولغا يۈگۈردى. ئېغىر بوي لالەگە يۈگىرەش ئاسانغا توختىمىدى. ئەمما ئۇ قېچىپلا كېتەلىسە بۇ دوزاختىن قۇتۇلدىغىنىنى ئويلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگىرەيتى. بەتبەششىرە لالەنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى تۇيۇپ، كوچىغا چىقىپ ۋاقىراشقا باشلىدى. ئۆي ئۆيلەردىن ئەرلەر چىقىپ لالەنى قوغلاشقا باشلىدى.

        باھار، سېتىۋېلىپ كەلگەن قىزلارنىڭ قېچىپ كېتىش ھادىسىسى بۇ يېزىدا دائىملىق ئىش. شۇڭا ئۇلاردا يۈكسەك بىر ئورتاقلىق بار. كىمنىڭ ئۆيىدىن كېلىن قاچسا يېزا بويىچە قوغلاپ تۇتۇپ كېلىدۇ. لالە نەچچە يىقىلىپ يەنە تۇرۇپ يۈگىرەيتى. ئاخىرى تاشيولغىمۇ چىقتى. بىرەر ماشىنىنىڭ قارىسى كۆرۈنەي دىمەيدۇ. ئۇ توختىماي يۈگۈردى. قار چوڭلاشقا باشلىدى. بىر چاغدا بىر يۈك ماشىنىسى كۆرۈندى. لالە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇنى توختاتتى. ئەمما شوپۇر دىگەن نىجىس لالەگە پۇلۇڭ بولسا چىقىسەن دەپ تۇرىۋالدى. ئاڭغىچە بەتبەششىرە ئادەم باشلاپ يېتىشىۋالدى. شوپۇر يېزىلىقلاردىن قورقۇپ ماينى بېرىپلا قېچىپ كەتتى. بەتبەششىرە لالەنىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇپ ئۆيىگە ئەكىۋالدى-دە، ئۇنى تازا دۇمبالىدى. لالە پەقەت قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭچە بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسە ، ھىچ بولمىسا بالىنى ئۇرۇپ چۈشىرىۋەتسە بەك ياخشى بولاتتى. ئەمما بالىنىڭ جېنىمۇ چىڭكەن، ھىچنىمە بولمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن لالە بالىنىڭ مىدىرغىنىنى سەزدى. لالە بالىنىڭ مىدىرىشى بىلەن ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ بەك يىغلىدى. ئۇ قورسىقىغا مۇشلايتتى، چاچلىرىنى يۇلاتتى. پۈتۈن بەدىنى تاياقتىن كۆكىرىپ، مىدىرلىسىلا ئاغرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا بۇ تىرىكلىك بەك قىيىنغا توختاۋاتاتتى.

        باھار، مەن لالەنى قىز تۇغامىكى دەپ قىياس قىلدىم. كونىلار « قىز ئاپىسىنى ياسايدۇ» دەيدىكەن. لالە بارغانسىرى چىرايلىق بولۇپ كېتىپ بارىتى. بەتبەششىرە ئۇنىڭ چىرايىغا ئاشىق بولۇپ يېنىدىن يىراق قىلماي قارايتتى. لالە بولسا بەتبەششىرىگە قارىغىلى پەقەت ئۇنىمىدى. ھامىلدار ۋاقتىدا چىرايلىق نەرسىلەرگە قارىسا بالا چىرايلىق بولىمىش. بۇ دوزاختا نە چىرايلىق بىر نەرسە بولسۇن باھار. لالە كۆز ئالدىدىن  تاپالماي قەلبىنى ئاختۇراتتى. ھالبۇكى بۇ بىر نەچچە ئاي تارتقان ئازاپ ئوقۇبىتى قەلبىدىكى پۈتۈن گۈزەللىكنى ئۆلتۈرۈپ بوپتۇ. باھار، ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدا گۈزەل ، تاتلىق خىياللارنى قىلىدۇ. بالىنىڭ ساق سالامەت، بەش ئەزاسى مۇكەممەل تۇغۇلۇشىنى، بالىنىڭ  چىرايىنى خىيالەن قىياس قىلىپ نەلىرى ئۆزىگە، نەلىرى دادىسىغا ئوخشىسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ھىسيات لالەگە يات. ئۇ ھىچنىمىنى ئارزۇ قىلمايدۇ. ئەڭ يامىنى ئۇ يىگۈسى كەلگەن ھىچنىمىنى يىيەلمىدى. ئېتىپ بېرىدىغان ئادەمغۇ يوق، ئۆزى ئىتەي دىسىمۇ  بۇيەردە ھىچنىمە يوق، ئىتەلمىدى. ئۇ يىراقتا قالغان يۇرتىدىكى توقچىلىقنى سېغىندى. ئۆيدىكىلىرى قانداقراق تۇرىۋاتقاندۇ؟ ئۆزىنى ئىزدىگەنمىدۇ؟ لالە بۇ يەرنىڭ نەلىگىنى ئۇقمايدۇ. قانچىنچى ئاي، كۈنگە نىمە بىلمەي ياشاۋاتىدۇ. ئادەمنىڭ جېنىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاشۇنداق كۈچلۈككەن. سوزۇلۇپمۇ، ئېزىلىپمۇ ياشاۋېرىدىغان گەپكەن.

       قىش داۋاملىشىۋاتاتتى. خىتاينىڭ چاغىنى كەلدى. بۇ نامرات يېزىدا چاغاندا ئازراق ھاياتى كۈچ پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. ئەمما لالە بۇلارنى ھىس قىلغۇدەك ئەمەستى. كۈنلەر ئۆتۈپ باھارنىڭ شەپىسى كەلدى.

       باھار، سەن بەكمۇ گۈزەل ئىدىڭ. ئەمما لالە سېنىڭ گۈزەللىگىڭنىمۇ ھىس قىلمىدى. ياز كەلدى. تومۇز ئىسسىق. قۇرغاق، توپا پۇقىراپ تۇرغان بىئارامچىلىق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە لالەنىڭ كۆزى يورىدى. تۇغۇت بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلىش. لالەگە بۇ ھەسسىلەندى. شارائىت ناچار، تۇغۇت ئانىسى دەپ ئۆلەرمەن خىتاي خوتۇندىن  بىرسى ئايال كىشىگە ھىچيېرى ئوخشىمايدىغان بىر خوتۇننى باشلاپ كەلدى. لالە تولغاقتىن قىينىلاتتى.      ئاللاھدىن ئۆزىگە ئاسانلىق تىلەيتتى. سۇلار قاينىتىلىپ، قايچا ئوتتا تازىلاندى. شۇ تەرىقىدە لالە نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلىپ « ئاپا» دەپ بىر ۋاقىرىغان پېتى بىر قىزنى بۇدۇنياغا ئەكەلدى. بوۋاقنىڭ قىزلىغىنى بىلگەن بەتبەششىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى خوشال بولالمىدى. ئەمما تۇغۇت ئانىسى كېلەر قېتىم ئوغۇل تۇغىدۇ دەپ دىئاگنوز قويدى. لالە ھالسىز ياتاتتى. ئازراق كۈچى بولغان بولسا « كېلەر قېتىم » دىگەن گەپنى دىگەن ئېغىزغا بىرنى تېپىپ بار چىشنىڭ ھەممىنى چۈشۈرىۋېتىشكە تەييار ئىدى.

          لالە بوۋاققا قاراپمۇ قويمىدى. ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ. لالە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ قانداق  بولىشى بەرىبىر. بوۋاق قوسىقى ئېچىپ قىرقىراپ يىغلايتتى. موماي لالەنى بوۋاقنى ئىمىتسۇن دەپ تەڭلەپ تۇراتتى. بەتبەششىرە بىر تەرەپتىن يالۋۇراتتى. لالە ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ تامدىكى ئۆزى يازغان ئىسىملارنى ئۈنسىز ئوقۇيتى. ئالاھەزەل ئون مىنۇتتىن كېيىن بوۋاق يىغلاپ كۆكىرىپ كەتتى. موماي لالەنى تارتىشتۇراتتى. لالە جان جەھلى بىلەن بوۋاقنى تارتىپ ئېلىپ كۆكرىكىگە باستى. باھار، بوۋاق شىپپىدە توختىدى. ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتى بالا ئانا تېنىدە ئاپىرىدە بولغان كۈندىن باشلىنىدۇ. بوۋاق كۆزى كۆرمىسىمۇ ئانىسىنى تونىدى. لالە ئامالسىز ئۇنى ئىمىتىشكە باشلىدى. ئانا سۈتى ئانىنىڭ قېنىدىن پەيدا بولارمىش. بوۋاق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئانىسىنى شورايتتى. لالە ئاخىرى يۈزىنى بوۋاققا بۇراپ كۆزىنى بوۋاقنىڭ يۈزىگە تىكتى. ئەپسۇس، لالەنىڭ ئەنسىرىگىنى بوپتۇ. بوۋاق بەتبەششىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. لالە ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ يۈزىنى يەنە تام تەرەپكە بۇرۇۋالدى. بوۋاق ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوق قورساق تويغۇزۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

       ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن لالەنىڭ چېچى تۇتاملاپ چۈشۈشكە باشلىدى. بىر كۈنى ئۇ قايچا بىلەن چېچىنى قۇلاق تۈۋىدىن كېسىۋەتتى. باھار، ھازىر لالەنى كەينىدىن قارىساڭ مۇشۇ يېزىدىكى خىتاي خوتۇنلاردىن پەرق قىلالمايسەن. ئۇ جۈدىدى. قاڭشار بۇرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تېرىسىنى كېسىپ چىقىدىغان بولۇپ قالدى. كۆزلىرى ئولتۇرۇشتى. تېرىسى قۇرغاقلىشىپ تەمرەتكە ئۆرلىدى. ھېلىقى گۈزەل لالە غايىپ بولدى.

        لالەنىڭ بالىغا بارغانسىرى مېھرى چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ قىزىغا ئۇيغۇرچە « دىلنار » دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ قىزىغا ئۇيغۇرچىلا گەپ قىلاتتى. بۇ جەرياندا ئۇ بەتبەششىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە يېلىنىپ يۈرۈپ تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇردى. ئۇ يەنە ئىككى قېتىم قاچتى. بىرقېتىم يېرىم كېچىدە، بىر قېتىم چىڭقى چۈشتە. بىر قېتىمدا تېخى كەنت بازىرىغىچە قاچالىغانىدى. ئەمما ئىككىلى قېتىمدا تۇتۇلۇپ قاتتىق دۇمبالاندى. بىر تال قوۋۇرغىسى سۇندى. بېشى يېرىلدى. بۇ ئۇنىڭ قېچىپ كېتىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

       قىزى بىر ياشتىن ئاشقاندا ، بىركۈنى قاتتىق قىزىپ كەتتى. بالا يۆتىلىپ، ئىچى سۈرۈپ قىينىلاتتى. بىر ئۆيلۈك خىتاي لالەنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ بالىنى كەنت دوختۇرخانىسىغا ئەكەتتى. دوختۇر بالىنى بالنىستقا ئالدى ۋە ئاپىسىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدى. چۈنكى بالا تېخىچە ئىمىۋاتاتتى. لالە ئىككى قارانچۇقنىڭ ھەمراھلىغىدا دوختۇرخانىغا كېلىپ قىزىنىڭ بېشىدا پاي پېتەك بولدى. بىر ئاخشىمى موماي بىلەن بەتبەششىرە چارچاپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. لالە ھاجەتخانىغا چىققاندا دوختۇر ئىشخانىسىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى تېلىفونغا كۆزى چۈشتى. ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق سېلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاستا تورۇپكىنى قولىغا ئالدى. تېلىفون ئۇلاغلىق ئىكەن. ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ رايون نۇمۇرىنى ۋە ئاكىسى ئىشلەيدىغان ساقچىخانىنىڭ نۇمۇرىنى باستى. ئۇ قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى. تېلىفون ئۇلاندى. ئۇ دەرھال ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، ئاكىسىنىڭ ئىسمىنى ، ئۆزىنىڭ ئالداپ سېتىلىپ ھازىر نەدە ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپلا تېلىفوننى قويىۋەتتى. ئۇ نەچچە قېچىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئاستا قىزىنىڭ يېنىغا يېنىپ كىرىپ ئۇخلاۋاتقان قىزىغا قاراپ ياش تۆكتى. بۇ ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۈنجى خوشاللىق يېشى ئىدى.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش