دوسلارغا چاق-چاق

دىلدار ئەزىز

سەھەر تۇرسام گۈل پۇرىدى بۇرنۇمغا،

باغدىكى گۈل قەپتۇ ئەينا قارنىڭ ئاستىدا.

نەدىن كەلدىڭا ،گۈل ھىدى،قايدا سەن؟دەپ،

ئالدىراشتىن ئاچتىم ئاخىر» ڧ ب» دىن ئىزدەپ.

كۆردۈم ئاۋال ئالقامجاننىڭ ھاياجىنىنى،

ئاندىن كۆردۇم ئىلھاملىرىن تۇغلۇقنىڭكىمۇ،

ئاينۇر، نۇرى،قەيسەرلەرمۇ ئۆركەشلەپتۇ،

قوشاق ئەيتىپ،قايناپ تىشىپ بوش كەلمەپتۇ.

بىز ئۇيغۇرمىز ئەنە شۇنداق كۈلىدىغان،

چۇنكى بىزگە ھەمرادۇر دوستلۇق ھامان.

بىر ئۇيغۇرمىز ئەنە شۇنداق ئۆلمەيدىغان،

چۈنكى بىزگە ھەمرادۇر كۈلكە شات خورام.

كۈلكىدىن ئوزۇق ئلىپ يىتىلدۇق ھامان،

كۈلكە بىلەن ياشنايمىز بولمايلى قايان.

جەڭگاھقا ماڭغاندىمۇ ئەيتىمىز ناخشا،

چۇنكى بىز ئۇيغۇرمىز يوقالمايدىغان.

كۈلكە چاقچاق بىرەر بىزگە ئۆمۇد ۋە ئۆملۈك،

خېرىس بولماس بولغان يەردە ئەنە شۇ ئۆملۈك.

ئۆملۈك ئۈچۈن جەم بولايلى كېلىڭلا دوستلار،

چىللار خوراز يىڭى تاڭنى كۈتەيلى دوسلار.

2014- يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

ڧيىسبوكتىكى دوسلار ئۈچۈن يېزىلغان

  

جاۋاب يېزىش