پارىژدىكى مۈشۈك

ئاپتورى: رەنا غوپۇر

مۇھاررىردىن: ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھاببەت، مىنى تەسىرلەندرەلمەيدىغان بوپ قالغىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى. بىراق سىڭلىمىز رەنا غوپۇرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يارىتىلغان مۇشۇكنىڭ مۇھاببىتى مىنىڭ يۈرىگىمنى لەرزىگە سالدى. ھەتتا كۆزلىرىمگە ياش كەلتۈردى. گەرچە ھىكايىنىڭ ئاخىرنى ئانچە ياقتۇرمىغان بولساممۇ. بۇ ئەسەردىن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەسەرنىڭ تىلىدىكى گۈزەللىك، پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن قىزىلىشى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ. ھەممىمىز بۇرۇختۇم بولۇپ ياشاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەر بىزگە ئەمەك بولۇپ، ئازاپلىرىمىزنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرغىسى، دەپ ئويلايمەن.

باشلاشتىن بۇرۇن

          بۇ بىر مۈشۈكنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى بولۇپ، بۇرۇن يېزىپ قويغان ئىدىم. ھازىر ئانچە- مۇنچە ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىشنى قارار تاپتىم. نىمە ئۈچۈنلىگىنى بولسا بىلمەسكە سېلىۋالدىم.

        بۇ دۇنيادا تىرىشقانسىرى ياخشى قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى ئىش بار، بىرسى مۇھەببەتلىشىش ، يەنە بىرسى ئۇخلاش . بۇ ئىككىسىنى كۈچىگەنسىرى يامان قىلىپ قويىدىغان بىر ئىنسان بار. ئۇ مەن.  بىرسىنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورىماڭ. بىرسىنى ياخشى كۆرمەك بەك تەس ئىكەن. شۇڭا ئونىنى بىراقلا ياخشى كۆرىمەن.

       ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ئويلاپ بولالمىدىم. ئاخىرلىشىدىغان كۈنىدىكى كەيپىياتىمغا باغلىق بولسۇن.   

      ھەممىڭلارغا خەيىرلىك مۇھەببەت، خەيىرلىك ھىكايە تىلەيمەن.  

1

        مەن ئون ئايلىق ، قارا، ئاق، كۈلرەڭ ئۈچ رەڭدىكى ئالا مۈشۈك. بەكمۇ رومانتىك دەپ قارىلىدىغان پارىژدا ياشايمەن. پارىژدىكى قارا رەڭلىك، چوڭ خىشلىق، ئىككى قاسنىقىدا قاتار كەتكەن دۇكانلار بار بىر پىيادىلەر كوچىسىدا «تامچە» دىگەن كۆلىمى كىچىك بىر قاۋاقخانىنى كۆرىسىز. بۇ يەردە كېچە كۈندۈز قايناق بازار بولىدۇ. قاۋاقخانىنىڭ دەرىزىسى ئالدىدىكى سۇپا مېنىڭ ماكانىم. مەن ئۇيەردە ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپ ، كۆزلىرىمنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئېچىپ، ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قاراپ، ئۇلار بەرگەن تائاملاردىن غىزالىنىپ،كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرىگىنىڭ مېنى سىلاشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، ياخشى كۆرمىگەنلىرىمنىڭ قولىنى تاتىلاپ تۇرمۇش كەچۈرىمەن.

بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرىمەن. ئاتاقلىق بىر يازغۇچى بارمىش « ھىيوگو» دەيدىغان. ئۇ كىشىلەرگە « ئەگەر دۇنيادىكى بىر شەھەرگە مېنىڭ ئىسمىم بىلەن نام بېرىش توغرا كەلسە پارىژنى تاللايمەن» دەپتىكەنمىش. بۇنى قاۋاقخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى قېرى بويتاق مەس ئالا تاغىل توۋلىغاندا ئاڭلىۋالغانىدىم. مەن ئەركىن مۈشۈك، ھىچكىمنىڭ ئەمەس ھەم ھىچكىمنىڭمۇ بولمايمەن. ئۆزۈمگە پارژدىكى بىر دەريانىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويىۋالدىم. « سېينا» . ئەلۋەتتە بۇنى ئىنسانلار ئۇقمايدۇ. ئۇلار مېنى « ئاسلانچاق» دەپ چاقىرىدۇ. سادىغاڭ كېتەي. مەن مۈشۈك تۇرسام ، يەنە مۈشۈك دەپ چاقىرغىنى قىزىق ئەمەسمۇ؟ ئىنسانلار ناھايىتى غەلىتە مەخلۇق. ئۇلارنىڭ نىمىدىن خوشال بولۇپ نىمىگە قايغۇردىغىنىنى بىلىش بەك تەس. ئوخشاش بىر ئىشقا بىرسى كۈلسە بىرسى يىغلايدۇ. قوسىقى ئاچسا يىغلايدۇ، قوسىقى تويسىمۇ يىغلايدۇ. شۇڭا بۇلار بىلەن ئارىلىق ساقلاش كېرەككەن دىگەن خۇلاسىغا كەلدىم ھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن. ئەمما……..

       ئالتۇندەك كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنى، ئاپتاپتا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم. بەدىنىمگە تەككەن بىر قولدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم. بۇقول باشقىچىلا ئىللىق. بارماقلىرى ئۇزۇن، يېقىملىق پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ. بېشىمنى كۆتۈرۈشۈمگە بىر كېلىشكەن يۈزگە بۇرنۇم تېگىپ كېتىپ دەرھال بېشىمنى كەينىمگە تارتتىم. قولنىڭ ئىگىسى 30 ياشلار ئەتراپىدىكى، يېقىملىق يۈزى بار، چاچلىرى چىرايلىق تارالغان، پاكىز ھەتتا نەپىس دىيىشكە بولىدىغان بىر ئەر ئىكەن. ئۇ مېنى سىلاۋاتقان قولىنى تارتىۋېلىپ ، قارا رەڭلىك،  كاسسىسىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چاپىنىنىڭ ئۈستىدىكى بىر يانچۇغىغا سالدى – دە، قاۋاقخانىغا كىرىپ كەتتى.

          مېنىڭ ئارامىم شۇندىن كېيىن بۇزۇلدى. ….

2

          ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. ئۇ قاۋاق پۇكىيىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ ئولتۇردى. مەن بوسۇغىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈزىتىشكە باشلىدىم. نىمىشقىكى قوسقۇمنىڭ ئىچى بىر يېرى تولغىنىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدىغان غايەت زور بىر قىزىقىش قوزغالغان ئىدى.

           ئۇ بوي – تۇرقى قاملاشقان بىر ئەركەك ئىكەن. بۇخىل ئەركەكلەر قىزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايمىش. بۇنى قاۋاقنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولغان بىرنەچچە قىزدىن بىلىۋالغان ئىدىم. بۇ قىزلار ئاجايىپ كىيىملەرنى كىيىشىدۇ، يۈزىنى ئالا پاساق بويايدۇ. ئاياقلىرىنىڭ پاشنىسى شۇنداق ئىگىز ۋە ئۇچلۇقكى، ئۇلارغا دەسسىلىپ كېتىشتىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تىرناقلىرى قىپقىزىل، مېنىڭكىدەكلا ئۇزۇن.مېنى سىلىغاندا بەزىدە سانجىلىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتى كوچىدا تۇرۇش. ئۇلار ئۇزۇن قىزىل تىرناقلىق بارماقلىرىغا تاماكىنى قىستۇرۇپ كوچىدا ماڭغانلارغا گەپ قىلىدۇ. قىزىق يېرى ئۇلار ئەركەكلەرگىلا گەپ قىلىدۇ. ئۇلار پات – پات يوقاپ كېتىدۇ. قايتا پەيدا بولغاندا بەزىدە ناھايىتى خوشال كەيپىياتتا بىر بىرسىگە چاقچاق قىلىشىدۇ، بەزىدە باش كۆزلىرى يارا يىغلايدۇ. مەن بىر مۈشۈك. گەرچە ئۇلارغا ئوخشاش چىشى بولساممۇ، بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى چۈشەنمەيمەن. چۈشىنىدىغىنىم ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

           ئۇ سۈت، شىكەر ئارىلاشتۇرمىغان بىر ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتتى -دە، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى. قاۋاق خوجايىنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئۇنىڭ ياندىكى بىناغا كۆچۈپ كەلگىنىنى بىلدىم.ئۇ بىناكارلىق لايىھلىگۈچىسى ئىكەن. بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما رەسىم سىزش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ رەسىم سىزىشقا ماھىر ئىمىش.ئاندىن ئۇيەنە ئۆزىنىڭ بويتاقلىغىنى ئېيىتتى. خوجايىن كۈلۈپ ئۇنى مازاق قىلغاندەك بىر نىمىلەرنى دىدى. ئۇ كۈلۈپ قويدى. ئەمما مەن بۇ كۈلكىدىن بىر قايغۇنى ھىس قىلدىم. بەلكىم چۈشەنمىگەندىمەن. ئەمما بۇ كۈلكە مەن ھىچبىر ئىنساننىڭ يۈزىدە كۆرگەن ھىچبىر كۈلكىگە ئوخشىمىدى.

         شۇكۈندىن باشلاپ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى. ئۇنى ساقلاش، ئۇ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى كۈزىتىش، ئۇ كەلمەي قالسا قوسقۇمنىڭ ئىچىدىكى تولغىنىشتىن بىئارام بولۇش.

3

      كۈز ئاخىرى بولۇپ قالدى. ھاۋا بەكمۇ يېقىملىق. بەزى كۈندۈزلىرى ئۇ ئىشقا بارماي، قاۋاققا كېلىپ كومپىيۇتىردا بىر ئىشلارنى قىلىدۇ. ئىشلىگەن كۈنلىرى كەچتە قاۋاققا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ قايتىدۇ. ئۇ  ماڭا دائىم يىمەكلىك ئالغاچ كېلىدۇ. بۇنداق چاغدا مەن ھىچبىر تارتىنماي ئۇنىڭ يوتىسىغا چىقىپ ئولتۇرىمەن. بەزىدە كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتىمەن. كىچىك يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئۇنىڭغا بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن مېنى سىلىغاچ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېرىنچەكلىك بىلەن كېرىلىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كومپىيوتىرىغا سىزغان رەسىمگە كۆزۈم چۈشۈپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. رەسىمدىكى بىر مۈشۈك، توغرىسى مەن ئويلىدىم. جەزىملەشتۈرەلمىگىنىمنىڭ سەۋەبى بۇ مۈشۈك بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. ئەگەر ئۇ راستلا مېنى سىزغان بولسا مېنى چىرايلىق دەپ كەينىمدىن قوغلاپ ئارام بەرمەيدىغان كەپسىز مۈشۈك لىئو ۋە كىتاپخانىنىڭ بوڭقۇش مۈشۈكى ئالىكساندىرنىڭ نىمىشقا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. دىلىم يايراپ مىياڭلاپ كەتتىم. ئۇ ماڭا قاراپ« سېنىڭ ئىسمىڭ بارمۇ؟ مەن ساڭا بىر ئىسىم قويۇپ قويسام بولغىدەك» دىۋىدى، خوشاللىغىمدا « ئىسمىم بار، ئەمما سەن ياقتۇرىدىغان ئىسىمنى قويۇپ قويغىن » دىدىم. ئەلۋەتتە ئۇ بۇنى چۈشەنمەيدۇ. « بۇرۇن بىرسى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مۈشۈككە ئايلىنىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىدىغىنىنى ئېيتقانتى. شۇنىڭ ئىسمىنى ساڭا قويۇپ قوياي. كىلورىس » بۇ ئىسىمنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇراي. ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئىنساننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىش مېنى سەل پەل بىئارام قىلدى. ئىنسانلار ئۆلسە قانداق بولىدىغىنىنى بىلمەيمەن. مۈشۈكنىڭ توققۇز جېنى بار. مەن ئاسان ئۆلۈپ قالمايمەن. شۇڭا  ئۆلمەيدىغان بىرسىنىڭ ئىسمىنى قويغان بولسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى.  بۇ ئۆلگۈچى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار بىرسى بولسا كېرەك. شۇنداق بولغاندا مەيلى.

       ئەتىسى سەھەردە ياندىكى بولكا دۇكىنىدىكى ياسانچۇق، قۇرامىغا يەتكەن چىشى مۈشۈك سوفىيا ئادىتى بويىچە بېلىنى ئىچىگە تارتىپ، كاسسىسىنى تولغاپ، قۇيرۇقىنى لەرزان مىدىرلىتىپ يېنىمغا كېلىپ « بوڭژۇ سېينا » دىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يېڭى ئىسمىم بولغىنىنى دەپ بەردىم. ئۇ بۇرۇتلىرىنى ئۇچۇرۇپ « شۇنداقمۇ؟ كىلورىس؟ بۇ يۇنانچە گۈل پادىشاھى دىگەن مەنىدە. يېڭى ئىسمىڭغا مۇبارەك بولسۇن» دىدى. سوفىيا بەكمۇ جەزبىدار، بىلىملىك مۈشۈك. ئۇ دائىم قۇلىقىمغا مەن بىلمەيدىغان ئاجايىپ – غارايىپ ئىشلارنى پىچىرلاپ دەپ بېرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بىرەر ئىنساننىڭ مېنى بېقىۋېلىشىنى ئويلاپ قالغىنىمنى ئېيىتتىم. ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى – دە، « بۇ ئىنسان ھەرقانداق بىرسى بولسا بولامدۇ؟ مەسىلەن ئۇدۇلدىكى كالباسا، قېزا دۇكىنىنىڭ سېمىز ئەر خوجايىنى دىگەندەك؟» مەن دەرھال بېشىمنى چايقىدىم. ئۇ ئادەم بەكمۇ قوپال. ھەم ئۇنىڭدىن پۇرايدىغان پۇراق مېنى بەك بىئارام قىلىدۇ. گەرچە ئۇ مېنى بېقىۋالسا قوساق غېمى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مايلىشىپ تۇرغان يۈزىنى ئويلىساملا تۈكلىرىم تەتۈر تۇرىدۇ. سوفىيا كۈلۈپ كەتتى « ئەمىسە كىلورىس، بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلاشساڭ بولغىدەك» ئۇ يەنە كەلگەن پەدىسىدە تولغىنىپ كېتىپ قالدى. مەن ھېلى ئىشقا ماڭغىچە قەھۋە ئالغىلى كېلىدىغان ئۇنىڭغا يېقىملىق كۆرۈنبش ئۈچۈن يۈزلىرىمنى ئەستايىدىل يۇيۇشقا باشلىدىم.

       بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ قاۋاققا كىرىپ ئولتۇرىشى ھېلىقى ياسانچۇق قىزلاردىن بىرسى سوڭدىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. قىز تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىسىنى  ئاستا پۈۋلىگەچ ئۇنىڭغا ياندىن قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدا ھۇشيارلىق بىلەن كۈزىتىپ تۇردۇم . قىز « مەندەك بىر قىزغا بىرەر ئىستاكان ئىچىملىك ئېلىپ بېرىشكە ياق دىمەيسەن بەلكىم ؟» دىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قىزغا قاراپ « خالىغىنىڭنى بۇيرۇت» دىۋىدى، قىز « تاكىلا» دەپ ۋاقىرىدى. ھاراق كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن قىز يەنە « تونۇشۇپ قالايلى. ئىسمىم كىرىست» دىدى. ئۇمۇ « سىباستىئىن » دەپ ئىسمىنى دەپ بەردى. ئۇلار پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. كىرىست ئاز ئازدىن ئۇ تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋالدى. مەن بېشىمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم. گەپ ئارىلىقىدا كىرىست مېنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ قوللىرىنى قەستەن ئۇنىڭ يوتىسىغا تەككۈزىۋىدى، ئۇزۇن تىرناقلىرىم بىلەن قولىنى تاتلىۋالدىم. كىرىست چىقىراپ قولىنى تارتتى ۋە « ئۆلگۈر مۈشۈك » دەپ بېشىمغا بىرنى قويدى. سىباستىئىن مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ئاستا يەرگە قويدى ۋە خوشلىشىپ ئۆيىگە ماڭدى. مەنمۇ كىرىسىتنىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىغا دەسسىلىپ كېتىشتىن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم.

4

        شۇ كېچىدىن كېيىن ئۇ بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. مەن ئۇنىڭ مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە قويۇپ قويغان قولىدىن بەدىنىمگە تارالغان ئىللىقلىقنى تىرىشىپ ئەسلىگىنىمچە ئەلەڭ سەلەڭ يۈرۈپ كەتتىم. ھېلىقى سۇپىدا ياتقىنىم ياتقانلا. ئاشۇ قولنىڭ مېنى قايتا سىلىشىنى كۈتىۋالمىغىچە كۆزۈمنىمۇ ئاچقىم كەلمىدى. سوفىيا گۈپۈلدىتىپ تاتلىق قايماق پۇرىغىنىچە قېشىمغا كەلدى.

      – ۋاي بىچارە بايقۇش. توققۇز جېنىڭنىڭ ئاز دىگەندە ئۈچى چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قاپسەن. ساڭا بىر يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي. سېنى روھلاندۇرۇشقا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. بىر ئايال يېرىم كېچىدە ئاپىسىغا تېلىفون قىلىپ يولدىشىنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغىنىنى، سىرتتا بىرەر ئايال كىشىنىڭ قېشىدىمىكى دەپ گۇمان قىلىۋاتقىنىنى ئېيتىپ يىغلاپتىكەن. ئاپىسى تەسەللى بېرىپ بۇنداق يامان ئىشلارنى ئويلىماسلىغىنى، كىم بىلىدۇ يولدىشىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ قالدىمۇ تېخى، شۇڭا ئۈمىتۋار بولىشىنى ئېيتىپتۇ.

      سوفىيا ئۆزى كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى. قەسەم قىلىمەنكى بۇ مەن بۇ ۋاقىتقىچە سوفىيادىن ئاڭلىغان ئەڭ كۈلكىلىك، ھالبۇكى ئەڭ نامۇۋاپىق يۇمۇر ئىدى. سوفىيا مېنىڭ كۈلكەمنى ئاڭلىمىغاندىنكىن بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. ئۇ نىڭ كۆزى مېنىڭ قورقۇنۇچتىن چوڭ ئېچىلغان كۆزۈمگە چۈشتى.

      – سېينا، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىمەيدىغانسەن ھە؟ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش. ئۇ بىر ئەخمەق ئىنسان، سەن بىر مۈشۈك. سەن بىرلا ئىنسانغا مۈشۈك بولىسەن. ئەمما ئۇلار بىر قانچە مۈشۈك بېقىۋالىدۇ ھەتتا ئىتمۇ بېقىۋالىدۇ. شۇڭا توختاپ قېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.

سوفىيا مېنى تاشلاپ قويۇپ كەتتى. مەن خىياللىرىم بىلەن قالدىم.

      ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ كەلدى. يېقىملىق يۈزى، ئۇزۇن بارماقلىرى، ئەلۋەتتە ماڭا ئېلىپ كەلگەن بىر قۇتا مۈشۈك كونسىرۋاسى بىلەن ئۈلۈكتەك ياتقان مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ « بوڭژۇ كىلورىس» دىگىنىدە، مەن توك سوقۇۋەتكەندەك بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئۇ ساقكەن. ئۈلۈپ قالماپتۇ. باشقا بىر شەھەرگە خىزمەتكە بېرىپ كەپتۇ.

     ئۇنىڭ بىلەن ياشاش ئارزۇيۇم كۈنسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.

      كەچ كۈز. يۇپۇرماقلار چۈشۈپ دەرەخلار يالىڭاچلاندى. يامغۇر كۈتۈلمىگەنلا بىر ۋاقىتتا خالىغىنىچە يېغىۋېرىدۇ. بارلىق مەۋجۇداتلار ھاۋانىڭ بۇ ئەركەك خۇيىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، ئىنسانلارمۇ، مۈشۈكلەرمۇ.

     بىر كۈنى كەچتە ئۇ قاۋاققا كەلدى. بۇ كۈن باشقىچىلا يېقىمسىز سوغۇق ئىدى. يامغۇر بىرەرسى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان جۈمەكتىن ئېقىۋاتقان سۇدەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى. مەن ئادەم يوق پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، قاۋاقتا ئولتۇرۇپ پىۋە ئىچىۋاتقان ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. قاۋاقنىڭ ئىچى ئىسسىق، راھەت . ئەمما مەن كىرسەم بولمايدۇ. چۈنكى مېنىڭ پىلانىم بۈگۈن ئىشقا ئېشىشى كېرەك.

5

       بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن چىقتى ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى چىڭ ئىتىپ ، ياقىسىنى كۆتۈردى. بۇ ئارىلىقتا كوچىدا چۆپ – چۆپ ھۆل دۈگدەرەپ تۇرغان مېنى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. ئۇ ماڭا بىر دەم قاراپ تۇرۇپ كەتتىيۇ، يەنە ئۆيىگە يول ئالدى. ئازراق مېڭىپ توختاپ ماڭا يەنە قارىدى، لېكىن يەنە مېڭىۋەردى. مەن ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم ۋە ئېچىنىشلىق مىياڭلاشقا باشلىدىم. ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ماڭا بۇرۇلدى. جايىمدا توختاپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ يەنە ئالدىغا ماڭدى. مەن كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ مىياڭلىدىم. ئۇ توختىدى، قارىدى، ماڭدى. مەن ئەگەشتىم، مىياڭلىدىم. بۇ ئويۇن بىر نەچچە داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى كەينىگە يېنىپ مېنى دەس كۆتۈرۈپ ، بايا چىڭ ئېتىۋالغان چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ ، مېنى قوينىغا سېلىپ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى. توغىرىسى يول ئالدۇق.

      نىمە دەي. ئۇ جەننەتتەك يېقىملىق پۇرايدىكەن. ئۇنىڭ بەدەن ھارارىتىدە مۇزلىغان تېنىم ئەسلىگە كېلىۋاتاتتى. ئۇنى قېنىپ پۇراشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى مېنىڭ يۈرىكىمگە بىلىنىپ تۇراتتى ھەم ئەسلى رېتىمىنى تېزلىتىۋەتتى. تۇيۇقسىز ئۇ بېشىنى ئىگىپ كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ ھوزۇرلىنىۋاتقان مېنى بېشىمدىن سۆيدى.

      بۇ مەن كۈتمىگەنلا بىر ئىش بولدى. چۆچۈگىنىمدىن مويلىرىم تەتۈر ئۆرۈلدى. ھالبۇكى بۇنى بەكمۇ ياقتۇردۇم. ئۇنىڭ يۇمشاق لېۋى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ غەيرەتكە كېلىپ مۇزدەك بۇرنۇمنى ئۇنىڭ بوينىغا، ئىڭىكىگە، يۈزىگە تەككۈزدۈم. ئاندىن يىرىك كىچىك تىلىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ يۈزىنى يالاپ باقتىم. ئۇ مەن تورتخانىدىن ئوغىرلاپ يىگەن قايماققا ئوخشاش ئەمما ئۇنىڭدىن تاتلىق تېتىيدىكەن.

       لېفىت بىلەن توققۇزىنچى قەۋەتكە چىقىپ، ئون بەشىنچى نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق. ئۇ ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ چىراقنى ياندۇردى. ئاندىن مېنى يەرگە قويدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىدە مەن ئەتراپنى كۈزىتىشكە باشلىدىم. بۇ مودا بېزىلگەن ئەپچىل ئۆي ئىكەن. ھەممىلا نەرسە ئاق رەڭدە. بىر نەچچە رەڭلىك  نەرسىدىن بىرى تامدىكى غايەت زور بىر پارچە رەسىم. بىر قىزنىڭ يۈزى ئېقىۋاتقان رەسىمى. بۇ ئاشخانا ، مېھمانخانا بىر تۇتاش ئۆي ئىكەن. چوڭ ئىللىپپىس شەكىللىك دەرىزىنىڭ ئالدىدا كىچىك سۇپا بولۇپ، بىر كىچىك ئۈستەل، بىر قېلىن كۆرپە قويۇلغان. ئۈستەل ئۈستىدە بىر بوتۇلكا ھاراق، بىر رومكا، بىر كۈلدان تۇراتتى. دەرىزىدىن تۆمۈر مۇنار كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

     بۇ ئۆي ئۇنىڭدەك يېقىملىق پۇرايدىغان، بەك راھەت ئەمما تەنھالىق قاپلىغان ئۆي ئىكەن.           

ئۇ كىيىملىرى ئالماشتۇرۇلغان، ئاپئاق لۆڭگىدىن بىرنى كۆتۈرگەن پېتى يېنىمغا كەلدى. مېنى ئەستايىدىل سۈرتۈپ قۇرۇتقاندىن كىيىن قۇچىقىغا ئېلىپ ئىگىز ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا جايلىشىپ كومپىيوتىرىنى ئاچتى.

6

       ئۇ خېلى كېچىگىچە ئىشلىدى. مەن ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرىنىڭ مويلۇرۇم ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرۈشىدىن ھوزۇرلۇنۇپ ياتاتتىم. بىر چاغدا ئۇ كومپىيۇتىرنى ئۆچۈرۈپ مېنى دەرىزە ئالدىدىكى سۇپىدىكى كۆپىچەككە قويدى ۋە ئۆيلەردىن بىرسىگە كىرىپ كېتىپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن چىقمىدى. مەن كۆزلىرىمنى يوغان ئاچقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. دىمەك ئۇ ئۇخلىغىلى كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ ياتاق ئۆيدە ، مەن مۇشۇ نەس باسقان كۆپىچەكتە ئۇخلايدىكەنمەن. مەن ئىنسانلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە ئۇخلاپ باقمىغان. ئەمما ئۇ مېنى ئۆيىگە ئەكەلگەنىكەن مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئۇخلىشىم كېرەك ئەمەسمۇ؟

           بۇ كېچە مەن دەرىزىدىن يىراقتىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىغا قارىغانچە ئۇزاق ياتتىم. ئۇ دۆۋە تۈمۈردىن چىقىۋاتقان سوغۇق ۋۇجۇدۇمنى تۈنجى قېتىم مۇزلاتتى. تىرىقلا ئاۋاز چىقسا ئۇنى چىقىپ قالارمىكى دەپ قارايتىم. ئۇ بىر كېچە چىقمىدى، مەن بىر كېچە ساقلىدىم.

           ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن ئۇ چىقىپ مېنىڭ بېشىمغا سۆيۈپ قويدى ۋە « مەن يۈگۈرۈپ كىرەي كىلورىس» دەپ چىقىپ كەتتى. كېچىچە ئۇخلىماي ئۇنىڭ يېقىملىق پۇرىقىنى يەنە بىر پۇرىغاندىن كېيىن ئۇخلاپ قاپتىمەن. مىزىلىك قەھۋە بىلەن قىزدۇرۇلغان بولكا پۇرىقى ئۆينى بىر ئالغاندا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئويغىنىپ كېرىلدىم. ئۇ  « بوڭژۇ كىلورىس. ياخشى ئۇخلاپسەنمۇ؟ يېڭى مۇھىتتا ئۇخلىيالامدىكەنسەن؟ ئۇ كۆپۈچەك سەل راھەتسىزمىكى؟ مەم بۈگۈن ساڭا مەخسۇس مۈشۈك كۆرپىسى ئالغاچ كېلىمەن» دىمەسمۇ. ئۇنىڭچە بولسا مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ دەرىزە تۈۋىدە يىراقتىكى مۇزدەك تۆمۈر مۇنارغا قارىغىنىمچە يالغۇز ئۇخلىغىدەكمەندە. قارشىلىق بىلدۈرۈپ مىياڭلىدىم. ئۇ بۇنى مېنىڭ رازىلىقىم دەپ چۈشەندى بولغاي ماڭا قاراپ ھىجايدى. مەن بېشىمنى بۇرىۋالدىم. ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ چىرايلىق بىر قىياپەتتە ئىشقا كەتتى. مەن خاتىرجەم ئۆينى ئايلىنىشقا باشلىدىم. بىرىنچى بېكەت ياتاق ئۆي.

          چوڭ بىر ئۆي . ئاپئاق سىرلانغان. غايەت زور بىر كارۋات. ئاپئاق كىرلىك ، ياستۇق. ئىچىگىرەك ماڭسام كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى. ئۇنىڭ پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن كىيىملەر ئارىسىدا سۈركىلىپ يۈرەتتىم. بايقىشىمچە بۇ يەردە چىشى  ئىنساننىڭ ھىچنىمىسى يوقكەن. دىمەك ئۇ يالغۇز ياكى مۇقىم ھەمراھى يوق . بۇ ئۆيدىن تازىلىق ئۆيىگە كىرگىلى بولاتتى. ئاق چاقچۇقىلىق تازىلىق ئۆيىدە كونا پوسۇندىكى قارا رەڭلىك تۆت پۇتى باردۈشتىن بىرسى قويۇلغان ئىكەن. دۈشنىڭ پۇتى بەئەينى مېنىڭكىگە ئوخشايتى. مەن سەكرەپ دۈشنىڭ قىرغىقىغا چىقتىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئىشلىتىدىغان ھەرخىل بوتۇلكىلىق سۇيۇقلۇقلىرىنى پۇراپ باقتىم. بۇنىڭدىن چىقىپ ياندىكى ئۆيگە كىردىم. بۇ ئۆيدە بىر تام كىتاپ ئىشكاپى بار بولۇپ ، لىق كىتاپ تىزىلغان ئىدى. بىر ئۈستەل. كومپىيۇتىر، ئۈستەل چىرىقى قاتارلىقلار رەتلىك تىزىلغان. ئۈستەل ئۈستىدىكى چىرايلىق رامكىدا بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ رەسىمى. ئەر – ئۇ، قىز – تامدىكى قىز. مەن بۇرنۇمنى رەسىمگە چاپلاپ ئۇلارنى پۇراپ باقتىم. ئۇلار پۇراقسىز ئىكەن.

             كۆردىغانلىرىمنى يېتەرلىك كۆرۈپ بولغاندىنكىن، ئۇ ماڭغىچە مەن ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان يىمەكلىكنى يەپ يەنە ھېلىقى دەرىزە تۈۋىدە ياتتىم. بۇدا دۈمبەمگە ئاپتاپ چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ بالدۇرلا قايتىپ كەلدى. ئىشىكتىكى قۇلۇپنىڭ ئېچىلغىنىنى ئاڭلاپ سەكرەپ چۈشۈپ ئىشىك ئالدىغا بارغىنىمدا ئۇ قولىدا قارا رەڭلىك، ئۈستىگە ئاق رەڭلىك مۈشۈكنىڭ ئاياق ئىزى چۈشۈرۈلگەن بىر كۆپىچەكنى كۆتۈرۈپ كىردى. ئايىغىنى ئالماشتۇرغاچ ماڭا بۈگۈن ئىشىنى تۈگىتىپلا دۇكانغا بېرىپ بۇ نەس باسقان كۆرپىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالغىنىنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى. مەن بىپەرۋا بىر قىياپەتتە يۈزۈمنى ئەستايىدىل يۇيۇشقا باشلىدىم. ئۇ كىيىمىنى يۆتكەپ چىقىپ، مېنى كۆتۈرۈپ كۆرپىچەكنىڭ ئۈستىگە ئالدى، ئاندىن « راھەتمىكەن» دەپ سورىدى. مەن « بۇنداق ياخشى كۆرسەڭ سەنلا مۇشۇنىڭ ئۈستىدە  ئۇخلىساڭ بولغۇدەك» دەپ مىياڭلىدىم. ئۇ يەنە مېنى رازى بولدى دەپ ئويلاپ بېشىمدىن سۆيۈپ قويۇپ تاماق تەييارلاشقا باشلىدى.

7

        ئۇ كېچە سىباستىئىن ئۆز خىيالىدا مېنى ناھايىتى راھەت ھالدا كۆرپىچەككە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە ئىشىكنى يېپىۋالدى. مەن پۈتۈن ئاچچىغىمنى بۇ كۆرپىچەكتىن ئالدىم. ئۇنى تاتلىدىم، چىشلىدىم. ھالبۇكى بۇ كۆرپىچەك بەكمۇ مەزمۇت تىكىلىپتىكەن، مىت قىلاى دىمىدى. ئەكسىنچە مەن ھالىمدىن كەتتىم. مېنى چارچاتقىنى بۇ كۆرپىچەك ئەمەس. تەسلىمچىلىكتە يەنە ئاشۇ كۆرپىچەكنىڭ ئۈستىگە ھارغىن بەدىنىمنى تاشلىدىم. كۆزلىرىمنى يىراقتىكى تۆمۈرگە تىكتىم……

      كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ. سىباستىئىن ماڭا كۆنۈپ قالدى، خۇددى مەن ئۇنىڭغا كۆنگەندەك. ئۇ ئەتتىگىنى ئىشقا كەتسە مەن خاتىرجەم ئۇنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ياتىمەن. گەرچە ئۇنىڭ ئىللىقلىغىنى ھىس قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئۇنىڭدىن قالغان يېقىملىق پۇراقنى پۇراپ يېتىشمۇ مېنى ھازىرچە خوشال قىلاتتى. بۇ ئادىتىمنى ئۇ بايقاپ قالدى. ئۇ ئەتتىگىنى رەتلىك يېپىپ قويغان يوتقاننىڭ ئۈستىدە مەن يېتىپ قالدۇرغان ئىزنى كۆرۈپ ئاشخانىدا ئىشتەي بىلەن تاماق يەۋاتقان مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ۋە:

      – كىلورىس، مەن يوق چاغدا مېنىڭ كارۋىتىمغا چىققانمىتىڭ؟ – دەپ سورىدى. بېشىمنى كۆتۈرمەي يىمەكلىك بىلەن مەشغۇل بولىۋەردىم. ئۇنىڭغا گىېپىنى چۈشەنگىنىمنى بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەندىن ئىگىز ، ئۇنىڭغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراش يېلىنىش مەنىسىدە بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مەندىن جاۋاپ ئالالماي يەنە:

      – بۇ گەپنى دىيىشكىڭ يوق ئوخشايدۇ. ئەمما مەينەت قىلىۋەتمىگىن ،- دىدى. بۇنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەندىم. مۈشۈك بولساممۇ مەغرۇر بىر قىزمەن. بىرسىنىڭ كارۋىتىغا چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇشۇمدىن گۇمان قىلىش نەپسىمگە تەگدى. « ھەي، ئىنسانلار» دەپ بېشىمنى چايقىدىم.

ېنىچ ياشاۋاتقان كۈنۈمنىڭ بىرى كەچتە ئۇ بەك كەچ قايتىپ كەلدى. ئىھھھھھھھھھھھ ، ئۇلار قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر ئالۋاستى ( چىشى ئىنسان) .

       ئۇكۈنى خېلى كەچكىچە ئۇنى ساقلىدىم. بۇ خىل ئەھۋال مەن بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى پەقەت يۈز بېرىپ باقمىغان. شۇڭا ئەنسىرەش ياكى ئەنسىرمەسلىكىمنى بىلمەي يېتىۋەردىم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئۇ ۋە ئۇ كىردى. سىباستىئىن ئادىتى بويىچە ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تۇرغان مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ، ئىڭىكىمنى قاشلاپ قويدى. كەينىدىكى ئالۋاستىمۇ« مۈشۈكىڭىز باركەنغۇ » دەپ چىقىراق ئاۋازدا گەپ قىلغاچ قولىنى ماڭا ئۇزاتماسمۇ ، بېشىمنى ئىتتىك تارتىپ ئۇنىڭ قولىنى تارتلىۋالدىم. ئۇ چىقىراپ سىباسىتىئىنغا قولىنى ئۇزاتتى« خۇيى سەت ئىكەن. قاراڭە قولۇمنى تارتلىۋالدى» سىباستىئىن ئۇنىڭ قولىغا قارىغاچ « پەقەت بۇنداق قىلمايتى» دىدى. بۇ چاغدا مەن ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا كەينىمنى قىلغىنىمچە سوفىيەدىن ئۈگەنگەن « ئاياللار دىگەن بىر تېپىشماق» دىگەن رېتىمغا چۈشۈرۈپ ئاستا چايقىلىپ مېڭىپ ھېلىقى نەس باسقان كۆرپىچەكنىڭ ئۈستىگە چىقتىم. ئالۋاستى بىلەن ئىككىسى بىر ۋاقىتقىچە كىرىسلودا پاراڭلىشىپ قىزىل ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇردى. مەن ئۇلارنىڭ تايىنى يوق گەپلىرىگە قۇلاق سالغاچ ئالۋاستىنىڭ قايتىشىنى كۈتەتتىم. بىر چاغدا ئۇ ئىككىسى سۆزدىن توختىدى. مەن بېشىمنى ئۇلارغا بۇراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇلار باشلىرىنى بىر بىرسىگە ئاستا يېقىنلاشتۇردى. سىباستىئىننىڭ قولى، مېنى سىلايدىغان ئۇزۇن بارماقلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى تۇتتى. ئۇلارنىڭ چاچلىرى بىر بىرسىگە ئارىلىشىپ كەتتى ……….

       بۇ كېچە ئالۋاستى مۇشۇ يەردە قونۇپ قالدى. ھېلىقى ئۇ مېنىڭ مەينەت قىلىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىگەن كارۋاتتا قونۇپ قالدى. مەن كۆرپىچىكىمدە يىراقتىكى مۇنارغا قارىغانچە بىر كېچە كىرپىك قاقمىدىم. بۇ كېچە مۇنار مېنى توڭلىتالمىدى. ئەكسىنچە مېنىڭ كۆزۈمدىن چىققان سوغۇق نۇردا مۇنار مۇزلىدى بولغاي.

8

        ئۇ كېچە پارىژ پارىژ بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئۇزۇن ، ئەڭ سوغۇق كېچە بولدى. تاڭ ئېتىشى بىلەن ئۇ ئالۋاستىنىڭ سىباسىتىئىن ئويغانماستىن بۇرۇن كەتمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئېچىپ بولۇپ، ئاندىن يەنە قايتىپ قەستەن بىر پاي ھالقىسىنى كىرىسلونىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇش ئارقىلىق سىباستىئىننى قايتا ئىزدەش پۇرسىتى ياراتماقچى بولغان ھىلىگەرلىكىنى ئەمىلىلەشتۈرىۋاتقاندا، مەن ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن ئاستا چىقىپ كەتتىم.

          سوفىيە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ تېپىپ بەرگەن خالى جايدا بىر كۈن ئۇخلاپتىمەن. كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا گۈگۈم بولۇپتۇ. سوفىيە بىلەن بولكىخانىدىن ئۇنى بۇنى سورىماي ئېلىپ يەپ قوساقنى توقلىدۇق. سوفىيە مەندىكى كۆڭۈلسىزلىكنى سەزدى. ئۇ « ساڭا بىر ئىش بوپتۇ، كۆڭۈلسىز ئىش» دىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇ ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى ھەم تۈنۈگۈن كەچ بولغان ئىشنى ئيتىپ بەردىم. ھەسرىتىمنى يوشۇرۇپ قالالمىدىم بولغاي سوفىيە « ۋاي بىچارە بايقۇش. دىدىمغۇ ساڭا. ئىنسانلار كۆڭۈل بېرىشكە ئەرزىمەيتى. ئىت باقىدىغان مەخلۇقلارغا قانداق ئىشەنگىلى بولسۇن. » دەپ كۆڭلۈمنى ياسىغان بولدى. بۇ كېچە مۇشۇ يەردە قونماقچى بولدۇم. سوفىيە تۇيۇقسىز بىر ئىشنى دەپ قالدى. پارىژنىڭ بىر يېرىدە بىر سېھرىگەر موماي بار ئىمىش. ئۇ ھاجەتمەنلەرنىڭ سورىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن. ئەمما ئەڭ قىممەت نەرسىسى بىلەن تېگىشىش كېرەك ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆزۈم قايتىدىن يېنىپ كەتتى. دىمەك مېنىڭ ئارمىنىممۇ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كېچە ئۇخلىماي سوفىيەگە يالۋۇرۇشنى باشلىدىم. ئۇ ئۇيقۇسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي مېنىڭ ئاغزىمنى يۇمۇش بەدىلىمگە ماڭا موماينىڭ ئادرىسىنى تېپىپ بېرىدىغان بولدى. بۇ كېچە تاتلىق چۈش كۆرۈپتىمەن. سىباستىئىننىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ چوڭ كارۋىتىدا ئۇخلاۋېتىپتىمىشمەن.  تاڭ سەھەردە سىباستىئىن بېلىكىمنى ئاستا سىلاپ مېنى ئويغىتىپتىمىش. توغرا بېلىكىمنى. مەن بىر ئىنسان ، بىر قىز ئىكەنمەن. تامدىكى رەسىمدىكى قىز – كىلورىس.

      ئەتىسى چاشكا بىلەن سىرىتقا چىقىشىمىز سىباسىتىئىننىڭ بىزگە قاراپ كېلىشىگە توغرا كەلدى. ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ مېنى كۆتىرىپ باغرىغا باستى. ھەم ئۆزىنىڭ مەندىن ئەنسىرىگىنىنى ، ئىككى كۈن ئىزدىگىنىنى، بۇيەردە تېپىلماي قالسام قانداق قىلىشىنى بىلمەيدىغىنىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۇزۇن بارماقلىرىنى مېنى سىلايتى. باشلىرىمغا سۆيەتتى. مەن ئۇنىڭ ئىللىق پۇرىقىنى قانغىچە سۈمۈرۈپ راھەتتىن كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم. ئۇ مېنى كۆتىرىپ ئۆيگە ماڭغىنىدا كۆزۈم يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان سوفىيەگە چۈشتى. ئۇنىڭغا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىغىنى ئەسكەرتتىم.

9

      ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان سىرىتقا چىقالمىدىم. سوفىيەدىن ئاڭلىماقچى بولغان خەۋىرىمگە  بولغان ئىنتىزارلىقىم ئىچىمنى تىت – تىت قىلاتتى. تېخىمۇ يامىنى ھېلىقى « ئالۋاستى » قايتىپ كەلدى.

ئەمىلىيەتتە ئۇنى «ئالۋاستى » دىيىشىم توغرا ئەمەس. ئۇ بىر چىرايلىق ئىنسان. ئاپئاق تېرىسى بار، ساغۇچ بۈدرە چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدۇ. يۈزىدە ئازراق سەپكۈنى بار. ئۇنىڭ بويى ئىگىز، قامەتلىك، ھالبۇكى قوپال. گەۋدىسى سىباسىتىئىندىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.بۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى سىباستىئىن نەپىس ھەم نەپىس نەرسىلەرگە لايىق. قىزنىڭ قول پۇتلىرى چوڭ، بويىغا لايىق. ئايىقىغا مەن پاتىمەن.

     ئەلۋەتتە قىز « چۈشۈپ قالغان» ھالقىسىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. ھەم كەچكىچە كىرىسلودا تېپىلغان ھالقىسىنى قولىدا ئويناپ ئولتۇرغاچ ئەھمىيەتسىز گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇردى. مەن يەنە كونا جايىمدا تۆمۈر مۇنارغا قارىغاچ ئىلاجسىزلىقىمنى غەزەپلىرىم بىلەن ئېلەشتۈرۈپ ئولتۇراتتىم. قاراڭغۇ قويۇقلاشتى. دىمەك ئۇ يەنە قونۇپ قالىدۇ. دىگىنىم بولىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە قۇچاقلاشقىنىچە ياتاق ئۆيگە مېڭىشتى. مەنمۇ ماڭدىم. شۇنداق ، مەنمۇ ئەگىشىپ كىردىم ۋە كارۋات ئايىقىغا قويۇلغان كىرىسلوغا چىقىپ قەددىمنى تىك كۆتۈرۈپ كارۋاتقا ، تېخىمۇ ئېنىقى ئۇلارغا قاراپ ئولتۇردۇم.

      ئۇ ئىككىسى قاراڭغۇلۇققا تولغان ئۆيدە چاقناۋاتقان كۆزۈمدىن چىقىۋاتقان سوغوق نۇرنى ئاخىرى ھىس قىلدى ۋە مەشغۇل بولىۋاتقان پائالىيىتىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى. مەن بېشىمنى سەل پەل قىيپاش قىلىپ « داۋاملىق» دەپ مىياڭلىدىم . سىباستىئىن مېنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىقىرىۋەتتى ھەم ئىشىكنى يېپىۋالدى. مەن ئىشىكنىڭ يېنىدا ياتقاچ تىرنىقىم بىلەن ئىشكنى تاتىلاشقا باشلىدىم. ئاستا ئەمما ئىزچىل. ئاندىن بۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ ئۆزۈم بىلىدىغان قايغۇلۇق كۈيلەردىن بىرنى ئېيتىشقا باشلىدىم. بەكمۇ قايغۇلۇق، يۈرەكنى ئېزىدىغان.

      بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ قىز چىقىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن بىر ئالىيىۋېتىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىككە ماڭدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن « بىرەر نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز خان؟ » دەپ سورىدىم. سىباستىئىن ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان بىر يۈز بىلەن چىقىپ كەلدى ۋە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. مەن بولسام چىرايلىق مېڭىپ كارۋاتنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ياتتىم. سوفىيە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىسا ئۇنىڭ ئۆزى مېڭىپ كېلىپ قالمايدىغىنىنى دىگەن ئىدى.

      ئۇ مۇنچىدىن چىقىپ مېنى كۆردى. ھەم باشلىرىنى سۈرتكەچ ماڭا قاراپ تۇردى. مەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇخلىغان قىياپەتتە يېتىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ مېنى كارۋاتتىن چۈشۈرىۋېتىشىشىنى ساقلىدىم. ئون، توققۇز، سەككىز، يەتتە، ئالتە ، بەش ، تۆت……… ئۇ مېنى چۈشۈرىۋەتمىدى، ئەكسىنچە يېنىمدا يېتىپ چىراقنى ئۆچۈردى. ئۇنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى ئۇچامنى سىلاشقا باشلىدى. مەن قاراڭغۇدا كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ كۈز ئاپتىپىدەك، سىم – سىم يامغۇرنىڭ تامچىسىدەك، سەھەردىكى شەبنەمدەك، تورت ئۈستىدىكى قايماقتەك تاتلىق كۈلۈمسىرىدىم. بۇ كۈلۈمسىرەشتىن كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھارارەت، يېقىملىق پۇراقلار ئارىسىدا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى قۇياش نۇرى قېلىن دەرىزە پەردىسىنى تېشىپ ئۈتۈپ مېنى ئويغاتقىنىدا ، مەن ئۆزۈمنىڭ تېخىچە بۇ كارۋاتتا ئۇخلاۋاتقانلىغىمغا ئىشەنمەي قالدىم. خوشاللىقتا سەكرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى يالاشقا باشلىدىم.

10

     تۇرمۇشۇمدىن قىسمەن رازىمەن دەپ ئېيتالايمەن. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ياتاق ئۆيدە ئۇخلايمەن. ئۇنىڭ ھارارىتىنى ، يېقىملىق پۇرىقىنى ھىس قىلغان ھالدا ئۇخلاپ ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئويغىنىپ ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ ئۇنىڭغا قاراپ ياتىمەن. بەزىدە ئۇ ئويغانغىچە يەنە ئۇخلاپ قالىمەن. بىرلا ئىشتىن ئەندىشەم بار.  ئۈنلۈك ئاۋازدا خورەك تارتىپ سالەرمەنمۇ؟

     شۇنداق تېنىچ ئارامىدا ئۆتىۋاتقان ھاياتىم بىر كېچىدە قايتا بۇزۇلدى. بۇ كېچە ئۇ ئۆيگە قايتمىدى. مەن يېرىم كېچىگىچە ئۆينى ئايلىنىپ ئۇنى ساقلىدىم. ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تاتىلاپ باقتىم. كارۋاتنىڭ ئۈستىدە دومىلاپ باقتىم. ھاخەتخانىنىڭ قەغىزىنى چۇۋۇپ باقتىم ….. ئۇنى ساقلاپ ئەكىلەلمىدىم. كېچىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھېلىقى نەس باسقان كۆرپىچەكنىڭ ئۈستىدە مۇنارغا قاراپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتتىگەن تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن زالغا قارايدىغان كىچىك دەرىزىنىڭ ئىلغۇچىنىڭ قۇلۇپلانمىغىنىنى بايقاپ، ئۇنى مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتتە ئېچىپ زالغا چۈشتۈم . سوفىيەنى ئىزدىشىم كېرەك.

      سوفىيە يۈزلىرىنى يۇيۇپ تارىنىۋاتقان ئىكەن. مېنى  كۆرۈپ كۆزلىرىنى ئالايتتى. « سېينا، كىرىستنىڭ ھەققىدە بۈگۈن كەلمىسەڭ ئۇ ئادىرىسنى  ئۇنتۇپ  قالاتتىم. مەن ياش ئەمەسمەن. گەرچە شۇنداق بولۇشقا تىرىشساممۇ. شۇڭا ماڭا بەك چوڭ ئۈمىد باغلىمىغىنىڭ  ياخشىراق» . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم يوق. ئادرىسنى سورىدىم. ئۇ « تۇرۇپ تۇر. ئادىرىسنى ئېلىپ ئۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن شەرتىنى بىلىۋال. ئۇ موماي بىر جادىگەرمىش. نەچچە ياشقا كىرگىنىنىمۇ بىلىدىغان ئادەم يوقمىش. بەلكىم پارىژ بىلەن تەڭ بولىشى مۇمكىن. ئۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى سورايدىكەن. مۈشۈكتىن نىمە سورايدىكەن بىلەمسەن؟ سەككىز جاننى. شۇنىڭ بىلەن مۈشۈك بىرلا جان بىلەن قالىدىكەن. ئۇ سەككىز جان ئۇنىڭ يېشىغا قوشۇلۇپ موماي بۇ ئەسىردىن يەنە بىر ئەسىرگە قوشۇلۇپ ياشاۋېرىدىكەن». بۇنىڭغا بەك ھەيران قالمىدىم. بۇنى قىياس قىلغان ئىدىم . ئەمما بىرەر ئىككى جاننى سورارمىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سەككىزى قانداق بولار؟؟؟

      سوفىيە ياسىنىشنى داۋاملاشتۇردى. « ئەگەر قارارىڭ ئېنىق بولسا ئېيتىپ بېرەي. بولمىسا بۇ گەپ ئوتتۇرىمىزدا دىيىلمىگەن بولسۇن » كەسكىن بىر كۈرەشتە قالدىم. مەن بۇلارنى ئويلاپ تېگىگە يېتەلىگىدەك بىر مەۋجۈدات ئەمەس. نىمىگە تايىنىپ قارار چىقىرىشنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما قارار چىقاردىم « دەپ بېرىشىڭ كېرەك» . سوفىيە يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى تاراۋاتقان يېرىدە توختاپ قالدى ، ئاندىن قولىنى ئاستا چۈشۈرۈپ ماڭا ئادىرىسنى دەپ بەردى. مەن يولغا چىقتىم.

       تەلىيىمگە بەكمۇ يىراق ئەمەسكەن. ئەمما قىش بولۇپ كەتكەچكە  دۈگدەرەپ يۈرۈپ ئاران تېپىۋالدىم. بىر قالايمىقان ئارقا كوچىدىكى قوش قاناتلىق ئىشكنىڭ ئالدىدا توختىغىنىمدا سوغۇقتىن جاقىلداپ تىترەيتىم. قېتىپلا قالاي دىگەن قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىشىكنى تاتىلىدىم. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئىشىك غىچىلداپ ئاستا ئېچىلدى. ئىشىكنى ئاچقىنى مەن پۈتۈن ئۈمىدىمنى باغلاپ ماڭا ياردەم قىلالايدۇ دەپ ئىزدەپ كەلگەن موماي ئىدى.

      ئۇزۇن بىر كۆينەك، بېشىدا ياغلىق، نۇرى ئۆچكەن يۈزلىرىنى قورۇق باسقان دۈمچەك بىر موماي قىپقىزىل بويالغان تىرناقلىق قوللىرىنى ماڭا ئۇزىتىپ مېنى كۆتۈردى . ئۇنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل دورا پۇرىقى تارقىلاتتى. ئۇ « خۇش كەلدىڭ قوزام » دەپ ئىشىكنى يېپىپ مېنى كۆتۈرۈپ ئىچكىرسىگە ماڭدى. بۇ ئۆي گۆردەك قاراڭغۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ غەيرى نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەن ھەم قويۇق دورا پۇرايتى. ئۇ مېنى بقر يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا قويدى. ئۆزى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى. ئوتتۇرىمىزدا سۈرلۈك نۇر تارقىتىدىغان بىر ئەينەك شارچە، قەرت، بىر نەچچە تاش ، قۇشنىڭ پېيى قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلغان ئىدى. ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ « كىلورىس ، بۇ يەرنى تاپقىچە بەك قىينالمىغانسەن ؟ بۇ سېنىڭ بىرىنچى قېتىم كېلىشىڭ بولمىغاندىن كېيىن » دىدى. مەن ئاغزىمنى يوغان ئاچقىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالدىم.

11

     موماي كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

    – كىلورىس، سەن مېنى بىر يىل ئىلگىرى بىر ئىزدەپ كەلگەنتىڭ. ئۇ چاغدا كېسىلىڭ ئېغىرلىشىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتىكەن. بىرسىگە بەرگەن سۆزۈڭ بويىچە بىر مۈشۈك بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتىشىڭغا ياردەم قىلىشىمنى سورىدىڭ. مەن ياردەم قىلدىم. سەن سەكككىز جېنىڭ بىلەن نەتىجىنى تېگەشكەنىدىڭ. ئەمدى يەنە بىر ھاجەت بىلەن كەپسەن. ئەمما سەندە مەن بىلەن تېگەشكىدەك ھىچنىمە قالمىدى. مەن ساڭا بىكارلىق ياردەم قىلالمايمەن تاتلىقىم.

       قويۇق بىر تۇماننىڭ ئىچىدە قالغاندەك بولدۇم. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى موماينىڭ سېھرى راستلا يامان ئىكەن. مەندە ئۇ دىگەن ئىشلار ھەققىدە ھىچقانداق ئەسلىمە قالماپتۇ. ئەمدى قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۈمىد چىرىغىم شامالدا قالغان جىن چىراقتەك بىر پىلدىرلاپ ئۆچۈپ قالدى. خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم.

       كوچىغا قايتتىم. سوفىيا بىرنەچچە مۈشۈك بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىكەن. يىراقتىن مېنى كۆرۈپ قولىنى پۇلاڭشىتتى. مەن ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ قويۇپ كەينىمگە ياندىم. ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان يۈزۈمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكىم يوق. ئۆيگە قايتىپ چىققان دەرىزەمدىن كىرىپ كۆپىچەككە چىقىپ ياتتىم.

     سىباستىئىن چۈشتىن كېيىن بىلەن پەيدا بولدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئادىتىم بويىچە ئۇنى ئىشىك ئالدىدا كۈتىۋالمىغان مېنى كۆپىچەك ئۈستىدە بايقاپ يېنىمغا كەلدى ۋە قولىنى بېشىمغا ئۇزاتتى. مەن چاققانلىق بىلەن بېشىمنى تارتتىم. دۈمبەمگە ئۇزىتىۋېدى، ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپ قالدىم. ئۇ بۇنى قانداق چۈشەندى بىلمىدىم. مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. ياخشى بولدى. مەن پۇراققا سەزگۈر ، ئۇ غەلىتە پۇراپ قاپتۇ.

        تۇرمۇشىمىز داۋاملىشىۋەردى. ئۇ ئىشلەيدۇ. مەن قالىمەن. ئۇ قايتىپ كېلىدۇ. تاماق يەيمىز. ئۇخلايمىز. بەزى كېچىلىرى ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. مەن مۇنارغا قاراپ ياتىمەن……..

         بىرلا يېڭىلىق بار. ئۇ بولسىمۇ تامدىكى قىزنىڭ رەسىمىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قارايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ تونۇش ھەم ناتونۇش. بەختلىك ھەم بەخىتسىز. ھايات ھەم ئۆلۈك.

سوفىيا بىلەن قايتا ئۇچراشقىنىمدا ئۇ :

    – سورىمىساممۇ ئارزۇيۇڭنىڭ ئىشقا ئاشمىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن،- دەپ سۆز باشلىدى.  مەن ئۇنىڭغا موماينىڭ سۆزىنى ئېيتىپ بەردىم . ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى:

       – بىلەتتىم مۇشۇنداقلىغىنى. زادى بىر قىلىقلىرىڭ بىزگە ئوخشىمايدۇ. ئەمما شۇنچە يولنى بېسىپ بارغاندىنكىن نىمىشقا قانداق قىلساڭ بولىدىغىنىنى سورىۋالمىدىڭ؟ – دىدى.

        – دىدىغۇ شۇ ، تېگىشىدىغان نەرسە بولمىسا ئامال يوق دەپ. بولدىلا، باشقا گەپ بولسا قىلىشايلىچۇ ، – دىدىم. ئۇ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا قويۇپ بېرىشىمنى ئېيىتتى. مەن ئۈچۈن قانداقلا بولسا ئوخشاش بولغاچقا ماقۇل بولدۇم.

12

     يامغۇرلۇق بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن. سىباستىئىن بىلەن مەن كىرىسلودا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاتاتتۇق. ئۇ كىنو كۆرىۋاتقان. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقان، ئۇنىڭ قولى مېنىڭ دۈمبەمنى سىلاۋاتقان ئىدى.

      –  كىلورىس ، – دىدى ئۇ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ماڭا قاراۋېتىپتۇ ئەمما تامدىكى رەسىمدىكى ماڭا.

       – بۈگۈن سېنى يوقىتىپ قويغىنىمغا 400 كۈن بولدى. يۈز كۈندىن تۆتى بولدى. ھاياتىڭنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ساڭا بەرگەن ۋەدەم بويىچە بۇ مۈشۈكنى بېقىۋالدىم ھەم ئىسمىنى كىلورىس دەپ قويدۇم. ئاندىن بۇرۇنقىدەك تۇرمۇشۇمنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدۇم. بۇ ئاسان ئەمەسكەن. ھەربىر قىزنى سەن بىلەن سېلىشتۇرىمەن. دىيىشكەن سۆزلىرىمىزنى خۇددى كىتاپ ئوقۇغاندەك قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقىمەن. ھەتتا ….. سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ سالىمەن. يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن سەن يوق ھاياتقا كۆنۈپ قالارمەن؟ قاچان چۈشلىرىمگە كىرمەس بولىسەن؟ – ئۇ بۇلارنى دەۋاتقاندا مەن كۆزۈمنى ئېچىپ يېتىپ ئاڭلاپ ياتتىم. قۇربىتىم يەتسە ئۇنىڭ بېشىدىن قۇچاقلاپ چاچلىرىدىن سۆيگۈم بار. ئەمما بۇ ھاياتىمدا بۇ ماڭا نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

      – كىلورىس، مەن باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. بەلكىم بۇنىڭ ئاز – پاز ياردىمى بولۇپ قالار. ۋاقتى كەلگەندە مۈشۈكنى ھەم بۇ رەسىمىڭنى ئېلىپ كەتمەيمەن.

       نىمە ؟ كېتىمەن؟ مېنى تاشلاپ قويۇپ؟

      بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈردۈم. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك.    

       ئەتىسى بىر ئامال قىلىپ سوفىيانى ئىزدەپ باردىم. ھەم ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ مەن بىلەن بىللە موماينىڭ يېنىغا بېرىشقا ماقۇل بولدى.

      ئىككىمىز موماينىڭ ھېلىقى ئۈڭكۈردەك قاراڭغۇ ئۆيىدىكى يۇمىلاق ئۈستەلدە ئولتۇرغىنىمىزدا سىباستىئىن كۆچۈپ كېتىشنىڭ تەييارلىغىنى باشلاپ بولغانىدى. موماي سوفىياغا قارىۋېتىپ سۆزىنى باشلىدى:

     – تېگىشكىدەك بىر نەرسە بولغىنىدا ساڭا ياردەم قىلىشنى خالايمەن. مېنىڭ مەۋجۈتلۇقۇممۇ شۇنىڭ ئۈچۈن. ئەمما قايتا ئىنسانلىققا قايتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭگە ياردىمىم تېگەر.

       – ياق. ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىم يوق. ئۇنىڭغا ئېرىشكىم بار،- دىدىم.  – ئەگەر كىلورىسنى ئادەمگە ئايلاندۇرالمىساق، سىباستىئىننى مۈشۈككە ئايلاندۇرالامدۇق؟- سوفىيا سۆز قىستۇردى. موماي ئىككىمىز ئۇنىڭغا بۇرۇلدۇق.

      –  كىلورىس مۈشۈك پېتى قېلىۋەرسە، سىباستىئىن مۈشۈككە ئايلانسىچۇ؟ ئۇلار بىللە بولالايدىغۇ؟

      –  مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ھەققىنى قانداق تۆلىمەكچىسىلەر؟ 

      سوفىيا ماڭا قارىدى. مەن ھەربىر تال مويىمدىن ئۈمىدسىزلىك، ئىلاجسىزلىق، يېلىنىش تەپچىرەپ چىقىۋاتقان بىربىچارە ھالدا ئىدىم.

      –  سىلەر ئىنسانلار بەكمۇ غەيرى مەخلۇقلار ئىكەنسىلەر. تاشقى قىياپىتىڭلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئوخشاشلا بىر جانلىققۇ ئۇ ئەركىشى دىگىنىڭ. روھى دەپ تۇرىۋېلىشلىرىڭ قىزىق تە. نىمە ئۇ روھ دىگەن؟ قانداق شەكىلدە، قانداق رەڭدە، قانداق تەمدە؟ نىمىگە پايدىسى بار؟ ساڭا يولۇققىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ تەلەيسىزلىكىم ئوخشايدۇ. مەن سەككىز جېنىم بىلەن ئۇ چىرايلىغىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزاي.

       –  ياق سوفىيا، بۇنىڭغا قوشۇلالمايمەن. سېنى بۇنداق قىلسۇن دەپمۇ ئۈمىت كۈتمىگەنىدىم.  بۇ مېنىڭ ئىشىم. ئۆزۈم ھەل قىلاي.

       – بولدىلا. قانداق ھەل قىلىسەن؟ كۈندە ئۈلۈكتەك ياشاپما؟ قېنى مەن بىر كۆرەي بۇ مۇھەببەت دىگىنىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى. ئەمما ئەرزىمەس بىر نەرسە بولۇپ قالىدىغان بولسا……..

       خوشاللىقتا سوفىياغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. موماي كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن ئەسۋاپلىرىنى ئېلىپ چىقىپ سېھىرنى ئوقۇشقا باشلىدى ( ئۈگىنىۋالماسلىقڭلار ئۈچۈن تەپسىلاتى بېرىلمەيدۇ) . سوفىيا بولكا دۇكىنىغا، مەن ئۆيگە قايتتىم. سىباستىئىن نەرسىلىرىنى يەششىككە قاچىلاۋېتىپتىكەن. مېنى كۆرۈپ:

       –  كىلورىس، بەك تولا يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىڭ. مەن ماڭغىچە سەن بىلەن ئۇزاقراق بىللە بولىۋالغىم بار ئىدى ، – دىدى.

      – كىم بىلىدۇ مەڭگۈ تۇرۇپ قالامسەن تېخى، – دەپ مىياڭلىدىم.   

13

        ئاخىرقى نەچچە كۈن سىباسىتىئىننى قانغۇچە پۇرىۋالدىم. ئەگەر بىركۈنى ئۇ مۈشۈك قىياپىتىدە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولسا پۇراپ بولسىمۇ تونىۋېلىشىم كېرەكتە. ئۇنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتتى. ھېلىقى رەسىمنى رامكىدىن چىقىرىپ بىر يەرگە ئېۋەتىۋەتتى. بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سىباسىتىئىن مېنى كۆتۈرۈپ بۇرۇنقى ئورنۇمغا ئەكىلىپ قويدى. يولدا ئۇ مېنى  قوينىغا سېلىۋالدى ھەم بىر دەم بىردەم بېشىمغا سۆيۈپ قوياتتى. مەنمۇ تۇمشۇقۇمنى ئۇنىڭ ئىڭىكىگە ، يۈزىگە تەككۈزۈپ قوياتتىم. ئۇ مېنى قاۋاھخانىنىڭ ئالدىغا قويۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتكىنىدە سوفىيا يېنىمدا ئىدى. سىباسىتىئىننىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغىنىمدا سوفىيا :

      – يىغلىما جۇمۇ، چۈنكى مەن ئايرىلىش قايغۇسىدىكى ئادەمگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيمەن ، – دىدى. مەن يىغلىمىدىم. چۈنكى ئۇ قايتىپ كېلىدۇ.

       تۇرمۇش ئۆز رېتىمىغا چۈشتى. مەن قايغۇ ئىچىدە غەيرى نورمال تۇرمۇش كەچۈرىمەن. ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم ھەم ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە بولغان ئەندىشەم نەپەسلىرىمگىچە سىڭىپ كەتتى. سوفىيا مەندىن ھىچنىمە سورىمىدى. ئۇنىڭمۇ بۇخىل ھالەتنى بۇزغىسى كەلمىدى بولغاي.

       بىر كۈن ، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن، تۆت كۈن ……. مەن بىلىدىغان سانلار دائىرىسىدە ساناقنى ساناپ بولدۇم. ئۇ يوق.

      سوفىيا ئىككىمىز موماينىڭ بىزنى ئالداپ قويغىنىغا پۈتۈنلەي ئىشەنگەن كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە ، جىدەلخور لىئو بىر ناتونۇش مۈشۈكنى باشلاپ يېنىمىزغا كېلىپ قالدى:

    – بۇ يېڭى كەلگەن مۈشۈك ئىكەن.  ئىسمى كولبى ، – دىدى. سوفىيا ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىۋەتتۇق. مەن ئاستا مېڭىپ كولبىنىڭ يېنىغا كەلدىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلانغاچ ئۇنىڭغا ياخشى سەپ سالدىم. ئاندىن ئۇنى ئاستا پۇراپ باقتىم. بۇرنۇمغا ئىشەنمەي يەنە پۇرىدىم. سەزگۈرۈمنىڭ مېنى ئالدىمىغىنىغا جەزىم قىلغاندىن كېيىن سوفىياغا مەنىلىك قاراپ قويدۇم – دە، مەغرۇر ھالدا كولبىغا بۇرۇلۇپ:

       – ئىسمىڭنى ياقتۇرمىدىم. سىباسىتىئىن دەپ ئۆزگەرتەيلى،- دىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ: 

            خالىغىنىڭ بولسۇن،- دەپ كۆزىنى قىستى.

تامام

3 Replies to “پارىژدىكى مۈشۈك”

  1. تەسەۋۋۇرغا باي،تىلى چۈچۈك ۋە قىزىقارلىق،قارا يۇمۇرلۇق دېتاللارغا تولغان،پوستمودېرنىزىملىق شەھەر تۇرمۇشىدىكى مەنىۋىيەت قۇرۇقلىقىنى ۋە كىشىلەردىكى رەڭۋاز ياسالمىلىقنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئىپادىلەنگەن مۇنەۋۋەر ھېكايە.فىرانس كافكانىڭ قۇرۇتقا ئايلىنىش خاتىرىسى دېگەن ئەسىرىنى ئەسلىتىدۇ.

جاۋاب يېزىش