ئاخىرقى «ئۆمۇت»مۇ يوققا چىقتى

—– ئامرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى، تېكساسنىڭ بايدېننىڭ غەلىبىسىنى ئاغدۇرماقچى بولغان دەۋاسىنى رەت قىلدى. پ ب س يىڭى ۋاقت خەۋىرى

مۇشۇ جۈمە كۈنى، 11-دىكابىر چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە، ئالىي سوت پرېزىدېنت دونالد ترامپ قوللىغان ، جو بايدىننىڭ سايلامدىكى غەلبىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان ئەرزنى رەت قىلدى، چۇنكى بۇدىلو دۆلەت ۋە فېدېراتىپ سوتچىلار تەرىپىدىن قانۇنىي ھالدا رەت قىلىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئىدى. سوتچىلار مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى پېنسىلۋانىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى.

سايلام ئىنستىتۇتى دۈشەنبە كۇنى (14 دىكابىر) ئۇچرىشىپ ، بايدېننىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدانت بولۇپ سايلانغانلىقىنى رەسمىي جاكالايدۇ. تىرامپ ئەسلىدە تېكساسنىڭ گرۇزىيە ، مىچىگان ، پېنسىلۋانىيە ۋە ۋىسكونسىن ئۈستىدىن سۇنغان دەۋاسىنى «چوڭ دەۋا» دەپ ئاتىغان بولۇپ ، بۇ ئالىي سوتنىڭ بايدېننىڭ سايلامدا ئىرىشكەن كۆپ سانلىق بىلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ترامپنىڭ ئاقسارايدا يەنە تۆت يىل خىزمەت قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ قارىغان.

ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قىسقىچە قارارىدا ، تېكساسنىڭ بۇ شىتاتلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ، چۈنكى «باشقا بىر شىتاتنىڭ سايلام ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىغا ئەدلىيە جەھەتتىن باشقا يەنە بىر شىتاتنىڭ ئارىلىشىشغا ھېچقانداق ئەدلىيەلىك ئاساسىي يوق » دېدى.

https://www.pbs.org/newshour/politics/supreme-court-rejects-texas-lawsuit-attempting-to-overturn-biden-victory?fbclid=IwAR2oS6VOnlyNyx82rQUv9bDAJSXiURwbJI7hcsY22PRHeN6RfIEMWON_3W0

جاۋاب يېزىش