دىل ئاغرىغى

راشىدا ساىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا


كۆز يېشىنى كۆرەر ھەممىسى،
دىل يېغلىسا كۆرمەس كۆز دىگەن،
زەر-دەردىڭنى بىلمەس ھچكىشى،
كۆڭلۈڭدىن ھەسرەت تۆكۈلگەن.

كۆزلىرىڭدە تەشۋىش بەلگۈسى،
ئەكىس ئېتەر يۈزىڭ تاتىرىپ،
دىل ئاغرىغى ئېغىر بىر ئىندەت،
بىر سۈكۈتتە چېچىڭ ئاقىرىپ.

چوڭقۇر ئويلار سېنى قىينايدۇ،
كۈلۈم كۆزۈڭ چوڭقۇر تەشۋىشتە،
چۈنكى دەھشەت بولمىسا كېرەك،
دىلىڭ ئىچرە بۇغ- بۇغ ئۆكسىسە.

بېپەرۋالار سالار سەزمەسكە،
كۆڭۈللەرنى تالاي ئاغرىتىپ،
مەككارلىقمۇ قېلىشماس ئاندىن،
ئوق-يا كەبى سانچىپ قەلبكە.

دىل ئاغرىغى-تەغدىر چالمىسى،
چۈشەر بىر كۈن ھەر كىم بېشىغا،
كۆيەر باغرىڭ نە قەدەر تېشىپ،
ئايلىنارىسەن غەم قاينىمىدا.

ئايايلىچۇ ئۆزگە ژۈرەكنى،
سېلىۋەرمەي دىل ئازاۋىنى،
ئۇنىڭسىزما يېتەر ئەندىشلەر،
قىلماي زېدە بۇ قەلىبلەرنى.

 يىلى ياركەنت 2019

18093830 – lyell fork of tuolumne river along pacific crest trail, yosemite national park.

جاۋاب يېزىش