ئامرىكىدىكى پىرزىدانت سايلىمى نەگە بارىدۇ؟

ئاپتورى: دىلدار ئەزىز

       مەن بۇ ماقالەمنى ئامېرىكا  ئاق ساراي  خىزمەتچىلەر باشلىقى، جون كېللىينىڭ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە س ن ن مۇخبىرىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن سۆزى بىلەن باشلايمەن.

      «پرېزىدانت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سايلانغان پىرزىدانت جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىشى،ئەمەلىيەتتە  ئامېرىكىنىڭ  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە  ئېغىر دەرىجىدە خەۋىپ ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلار ئۇنى ئېتراپ قىلىشنى رەت قىلماقتا. دىدى جون كېللىي . ئۇ يەنە  تىرامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ   قالايمىقانچىلىقىنىڭ دۆلەتكا بالايى ئاپەت خاراكتىرلىق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

—— س ن ن خەۋىرى

      بىراق خېلى كۆپ بىر قىسىم ئامېرىكىلقلار، بولۇپمۇ ھازىرقى پېرزىدانت ۋە ئۇنىڭ  قوللىغۇچىلىرى، نۆۋەتتە  يۈز بىرىۋاتقان ئەمەلىيەتتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرشۇپ كەلدى. شۇنداقلا پۇتۇن دۇنيادىكى خېلى  كۆپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ  بۇ سايلامغا خۇددى ئۆلۈپ كىتىۋاتقان قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك،ھازا تۇتۇشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرسىمۇ، بىراق  كۆڭلى يەنىلا  يېرىم بولىۋاتىدۇ. شۇڭا پايدىسى بولمىسىمۇ ھەر خىل سۆز ھەركەتلەر بىلەن بۇ ئاقىۋەتنى توسۇپ قلىش كويىدا بولماقتا. بۇ خىل ھسسىياتنى ئەلۋەتتە چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۇنكى ئامېرىكا تارىخىدا ھېچقاچان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرقىدەك پايدىلىق بولغان قانۇنلار ماقۇللىنىپ باقمىغان؛ئامېرىكا تارىخىدا ھېچقايسى بىر پىرزىدانت،مەيلى نىمە مەقسەتتە بولمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھارىزقىدەك قاتتىق قول بولۇپ باقمىغان؛ئامېرىكىدىكى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىمۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھازىرقىدەك كۆڭۈل بولۇپ باقمىغان؛ ئۇيغۇرلارمۇ ھېچقاچان ھازىرقىدەك خورلۇققا، دەپسەندىچىلىككە بۇ دەرىجىدە ېئغىر ئۇچراپ باقمىغان؛ئەڭ موھىمى شۇكى،  ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھېچقاچان  ۋەتەندىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ۋە ئاۋام خەلىققە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھازىرقىدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان.

     ئامېرىكىدا پىرزىدانت تۇرامپ تەخىتتە ئولتۇرغان ئاز كەم تۆت يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ياخشى قانۇنلار ماقۇللاندى،شۇنداقلا بۇ قانۇنلار پىرزىداتنىڭ تىزلا قول قويۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پىرزىدانت تۇرامپنى قوللىشى، ئۇنىڭ يەنە بىر قارار پىرزىدانتلىق ئورنىنى ساقلاپ قلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كوپ ياخشى قانۇنلارغا قول قويۇشى ۋە خىتايغا بسىم قىلىپ،ۋەتەندىكى  قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىنلىككە چىقىرىشىنى، ئەڭ موھىمى  ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل قىلىپ بىرىشىنى ئارزۇ  قىلىشى ئەلۋەتتە ئەقىلگە مۇئاپىق كېلىدۇ.  بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا، شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ تەسىرى بىلەن دۇنيادا  يۈز بېرىۋاتقا، ئۇيغۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەممە ئىشلارنى پەقەت  بىر پىرزىدانتقا باغلاپ چۈشۈنۈشى،  بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىستىمىسىنى چۇشەنمەسلىك، ئۆزى دموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغان بولسىمۇ،رىئاللىقنى ئتىراپ قىلىشنى خالىماسلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. مىنىڭ بۇنداق دىيىشتىكى ئاساسىم تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:  

   بىرىنچى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان  قانۇنلارنى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرغا قويغان پىرزىدانت ئەمەس، ئەكسىچە ئىككى پارتىيە، بولۇپمۇ نانسى پولىسى خانىم رەھبەرلىگىدىكى ئاۋام پالاتاسى.

         ئىككىنچى. ئارقىدىن  ئۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بولغانلارنى خالىغانچە ئىشتىن بوشاتقىلى تۇردى. ئۇ ئىشتىن بوشاتقانلار ئادەتتكى خىزمەتچىلەر بولماستىن، بەلكى ئامرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى موھىم ئەرباپلار بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىشتىكى بانا سەۋەپلىرىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق بولمىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جامېس كومينى ئىشتىن بوشۇتىش ۋەقەسى بولدى. بۇ دەل جامېس كومىنىڭ پىرىدانتنىڭ 2016- يىللىق سايلامدا رۇسىيەنىڭ قولى بار بولىشى مۇمكىن، دىگەن  مەسىلىنى تەكشۈرىۋتقان ۋاختى ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى  قىسقىغىنى تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆزىدىنلا  ئۈچ نەپەر بىرىنچى قول رەھبەرنى ئىلگىرى ئاخىرى خىزمەتتىن  بوشىتىۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز دىگەندە 15 نەپەر ئاق ساراي، دىپلوماتىيە ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنىمۇ ھېچقانداق كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بانا سەۋەپسىزلار ئالدى بىلەن تۇيتىردا خىزمەتتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىپ، ئاندىن رەسمىي خىزمەتتىن بوشۇتىش قارارىنى چىقاردى. مۇشۇ ېيقىندا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى خىزمىتىدىن بوشاتقانلىقىنى ئالدى بىلەن تۇيتىردا ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن رەسمىي ئۇختۇرۇش بىلەن  ئىلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى گېپىمنى ئاڭلايدۇ، دەپ بىلگەن بىرسىنى قويدى. كىشىلەر پىرزىدانت تۇرامپنىڭ ئاخىرقى 70 كۈنلۇك ۋاقىت ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ كىشىلەرنى خىزمەتتىن بوشىتىدىغانلىقى، ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغانلاردىن توختىماي ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە  پەرەز قىلىشماقتا.

      ئۈچنچى،  2020- يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئەۋىج ئېلىۋاتقان خىتاي ۋىروسىغا نىسبەتەن پىرزىدانت تۇرامپنى كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىدى، دىگەن قاراشنىڭ ئومومىيۈزلۈك ھۆكۈم سىرشىمۇ پىرزىدانت تۇرامپ ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ كەلمەكتە. بۇ كىسەل كۆرۈلگەندىن بىرى  ئامرىكىدا مۇشۇ كىسەل بىلەن يوقۇملانغانلانىڭ سانىي ئون مىللىيوندى ئشىپ كەتتى. مۇشۇ كىسەل بىلەن يوقۇملۇنۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 240 مىڭدىن ئشىپ كەتكەنگە قەدەر، پىرزىدانت تۇرامپ  ھچقانداق  تەدبىر قوللانماي قاراپ ئولتۇردى. ھەممە كىشى ماسكا تاقىسا پىرزىدانت ماسكا تاقاشنى خالىمىدى. قىسقىسى ئۆزى بىۋاستا ئۆلگە بولمىدى. ئۆزى ۋە ئايالىغا كىسەل يوققاندىن كىيىنمۇ دوختۇرخانىدا ئۆزىنى چەتكە ئالماستىن، ھەممە جايدا يۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئون نەچچە قوغدىغۇچى خادىملىرى ۋە ئاق ساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ  خىتاي ۋىروسى بىلەن  يوقۇملىنىشىغا سەۋەپچى بولدى.  ئۇنىڭ مۇشۇ چاققىچە بولغان خىتاي ۋىروسى ھەققىدىكى بايانلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە دىلىغۇللۇق سلىپ قويدى.  ئامرىكا يوقۇملۇق كىسەللىكلەر ئورگىنىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى، دوكتۇر ئانتونىي ڧاۇسى بىلەنمۇ زىددىيەتلىشىپ، ھەتتا ئۇنىمۇ ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى تۇيتىردا ئىلان قىلدى.

     ئىككىنچىدىن، ئەگەر كۆپچۈلۈك  سەل دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، يۇقۇردىكى بىزگە پايدىلىق بولغان قانۇنلارغا ئىمزا ئاتقانلارنىڭ ئەڭ كوپ سانلىقى دىموكراتچىلار پارتىيىسى بولۇپ،رېپۇبلىكلار پارتىيەسىدىن ھەر قىتىمدا قارشى بىلەت تاشلىغانلارنىمۇ كۆرۈپ قالىمىز. شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن بارلىق ئارزۇ ئۆمۇتلىرىمىزنى بىرلا رېپۇبلىكلار پارتىيەسىگە باغلايمىز؟ئەكسقچە دېموكراچىلار پارتىيەسىگە پايدىسىز نۇرغۇنلىغان ئەپقاچتى گەپلەرگە خۇددى ئۇستىدە قاراپ تۇرغاندەك ئىشىنىپ كىتىمىز ۋە كۈچەپ تارقىتىمىز كىتىمىز!؟ئەقلىمىزنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، ھەر ئىككىلا پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرسەك يامان بولامدۇ؟!!

     ئۈچىنچىدىن،يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان قانۇنلار ھەر قىتىم %90 دىن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن پىرزىدانتنىڭ ئالدىغا بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر پىرزىدانت قول قويمىسىمۇ بۇ تەبىي ھالدا قانۇن بولۇپ شەكىللىنىۋېرىدۇ. شۇڭا پىرزىدانت مەيلى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، بۇ خىلدىكى قانۇنلارغا قول قويمايمۇ ئامالى يوق. شۇنداق بولغان ئىكەن بىزنىڭ بۇ تۆھپىلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇ بىر پىرزىدانتنىڭ توھپىسى دەپ قارىشىمىز ۋەسىياسەتنى قىلچە چۈشەنمەي تۇرۇپ، بەزى ئىشلارنىڭ  تىگى تەكتىنى چۇشەنمەي تۇۇرپ، خالىغانچە ئىش كۆرىشىمىز ئاقىلانىلىكمۇ؟

      دىمەك، بۇ يەردىكى پىرىدانت ھېچقاچان ئۆزى بىۋاستا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە بىر ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان ئىشىنى قىلدى، خالاس. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىش قىلىۋاتقان كىشى مايىك  پوڭپىدو رەھبەرلىگىدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى. خىتاينىڭ ئەڭ غەزىۋىنى كەلتۇرىۋاقىنىمۇ ئامرىكىدىكى شۇ بىر نەچچە كىشىلەر. ئەگەر ئۇلانىڭ مۇددەت ئىچىدىكى  خىزمەت ۋاختى ئاخىرلاشقاندا، ئۇلار تەبىيى ھالدا خىزمەت ئورنىنى يىڭىدىن مۇشۇ خىزمەتكە ئولتۇرغان بىرسىگە ئۆتكۈزپ بىرىدۇ. ئەگەر  بىز يىڭىدىن شۇ خىزمەت ئورنىدا ئولتۇرغان بىرسىگە ئۇيغۇرنىڭ دەۋاسىنى ھازىرقىدەك ئاڭلىتالىساق، بىزنىڭ گپىمىزنى قىلىدىغان يەنە بىر مايىك  پوڭپىدو چىقىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ئۆىمىزگە باغلىق.

      تۆتىنچىدىن، ئاز كەم تۆت يىلدىن بىرى ئامرىكىدا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان بىر نەچچە  قانۇنلار ماقۇللاندى، بىراق بۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ماقۇللىنىپ،شۇ قانۇنغا ئاساسەن  بىرەر ئىشنىڭ بولغىنىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ ئەگەر قانۇن ماقۇللىنىپ ئىجرا قىلىنمىسا، ئۇ بىر ۋاراق ئاق قەغەز بولۇپ قېلىۋرىدۇ. خالاس. بۇنداق قانۇن ماقۇللىنىپ ئىجرا قىلىنمايدىغان ئىشلار ئامرىكىنىڭ 244 يىللىق  تارىخىدا نۇرغۇن بىر نەچچە قىتىم يۈز بەرگەن. ئەلۋەتە ئامرىكا بىزگە قەرىزدار ئەمەس، بىراق ئامرىكىدا ياشاۋاقان، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، جاپالىق ئىشلەپ مۇشۇ دۆلەتكە باج تاپشۇرىۋاتقان ھە بىر ئامرىكىلىق ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي بويىچە بەخىتلىك ياشاش ھوقوقىي بار. بىراق قېرىنداشلىرى تۇرمىلارغا، لاگىرلاردا خورلىنىۋاتقان،دەپسەندە قىلىنىۋاتقان  بىر مىللەتنىڭ ھېچقانداق بىر جايدا ئۆزىنى بەختلىك ھس قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇنلارنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن بىز يەنە داۋاملىق تىرىشمايدىغان بولساق، ھەيدەكچىلىك قىلمايدىغان بولساق،ماقۇللانغان قانۇندىن خوش بولۇپ ھاياجانلىنپ يۈرىۋرىدىغان بولساق، بىز، ۋەتەن سىرتىدىكى يۇرىگىمىز خىتايغا بولغان نەپىرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇڭغۇرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاختىمىز پەقەت يىلدا بىر نەچچە  قىتىم   خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازى بولۇپ شۇئارا توۋلاش بىلەن  ئۆتسە، ۋەتەندىكى قرىنداشلىرىمىز قېرىلىپ تۇگىگەنگە قەدەرمۇ بىز يەنە شۇ خىيالى دۇنيايىمىزدا شۇئار توۋلاپ ياشاۋرىمىز. مەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا شۇئار توۋلاشقا قارشى ئەمەسمەن، بىراق خىتاي ھۆكىمىتى بىزنىڭ غەزىۋىمىزگە،نەپىرىتىمىزگە، ئازاپلىرىمىغا ئەزەلدىن پەرۋا قىلغان ئەمەس. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر بىز كۆپرەك ۋاختىمىزنى ئاق ساراي ،ئىككى پالاتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش،چىقىرىلغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلساق،ئەگەر بىز قەلەندەردىن سەدىقە تىلىمەي، بىزگە ئەركىنلىك، ۋەتىنىمىزگە ئازاتلىق ئېلىپ بىرەلەيدىغان كۈچلۈك باينىڭ ئالدىغا، ھەقىقىي دۇنيا قازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەرىت ئەيتالىساق بۇنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە باشقىچە بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى سايلامنىڭ ئەھۋالىغان كەلسەك،گەرچە پىرزىدانت تۇرامپ بۇ سايلامدا ساختىلىق بار، دەپ قارىغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە سايلام نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىدەك بىرەر ئىسپات كۆرسەتكىنى يوق. مەن ماقالامنىڭ باش قىسمىدا بايان قىلغىنىمدەك،سايلامغا نىسبەتەن  گەرچە نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان قاراشلا بولسىمۇ، بۇ ئامرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزىلىدىغان سايلام ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يىڭىلىق ئەمەس. ھەر قىتىملىق سايلامدا سايلىنالمي قالغان بىر تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلىنالمىغان بىر تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئەنە شۇنداق نارازىلىق ھەركەتلىرىدە بولىدۇ. بۇ قىتىمقىسى بىر قەدەر ئېغىرراق بولغىنى. بىراق بۇنىڭلىق بىلەن سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆزگۈرپ كىتىشى ناتايىن. بىلەتنى ھەرقانچە قايتا ساناپ چىققان تەقدىردىمۇ، ۋەزىيەتتە ئۆزگۈرىش پەيدا قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئامرىكا تارىخىدا بىلەتنى ( ئايرىم شىتاتتىكى سايلام بىلىتىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى) قايتا سانىغان مىساللار بار، بىراق نەتىجىدە سايلام نەتىجىسى ئۆزگەرمىگەن. ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا مەلۇم بولىشىچە،سايلامنىڭ  بۇ تەرىپىنى توغرى مۆلچەرلىگەن پىرزىدانت تۇرامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ۋە ئىۋاكانىڭ ئىرى، پىرزىدانتنىڭ ئەتىۋارلىق كىيوغلىمۇ بىرلىشىپ ئاتىسىغا ئالىي سوتقا ئەرىز سۇنۇپ بولغاندىن كىيىن چىرايلىقچە ئاق ساراينى بوشۇتۇش، ئۆزىنىڭ تۆت يىلدىن بىرى ياراتقان نەتىجىلىرىنى جاھىللىق بىلەن يوققا چىقارماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىۋاتقانلىغى مەلۇم. بىراق ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ دادىسىغا «ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىش»ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەنلىگىمۇ مەلۇم. چۇنكى تۇرامپ ئامرىكا تارىخىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان، پەقەت بىر قارارلا ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرزىدانت بولۇپ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت  ھەممىدىن  غالىپ كېلىمەن، دەپ تونۇيدىغان،ھاياتىدا خالىغان ھەممە نەرسىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن تۇرامپنىڭ بۇ قىتىمقى ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلىشى ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. بىراق خەلقنىڭ رايىنى ئۆزگەرتىش ھۆكۈمرانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىغىنى تۇرامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۆت يىلدىن بىرى تىخى تونۇپ يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن. بولمىسا خەلىققە ئازار بولىدىغان ئىشلارنى ئۇنداق كۆپ قىلمىغان بولاتتى.

       ئۇنداقتا پىرسىدانت تۇرامپنىڭ ھاىرقى ئەھۋالىنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك؟ پىرزىدانت تۇرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۆت يىلدىن بىرى ئۇ نۇرغۇن ياخى ئىشلانى قىلدى، بىراق  يەنە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا خەلقى ۋە  ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز ئىشلارنىمۇ قىلدى.

       بىىرنچى  . ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇۇرپ تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشى، ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇخبىرلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن  ئاق ساراينىڭ ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى كۆپ ھاللاردا خۇددى  مۇخبىرلار بىلەن جەڭ قىلىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى.  پىرىدانت ھەممە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ھەر خىل بانا سەۋەپلەر بىلەن بىر نەچچە قىتىمدىن رەنجىتىپ بولدى. مۇخبىرلارمۇ توختىماي پىرزىدانتنىڭ چىشىغا تەككىلى تۇردى.  بۇ ئەھۋال  بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پىرىدانت بوش ۋە ئوبامانىڭ دەۋرىگە زادىلا ئوخشىماي قالدى. پىرزىدانت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى ھەقاچان.

           تۆتىنچى، پىرزىدانت تۇرامپ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، ئامرىكىدا ئىرقىچىلىق مەسىلىسى بىر قەدەر ئەۋجىگە چىقتى. بۇ خىل ئەھۋال ئەسلىدە ئامرىكىدەك بىر كۆچمەن دۆلەتنىڭ قىممەت قارشىغا زادىلا ماس كەلمەيىتتى.  ئۆي مۈلۈكچىلىك ۋە قىمارخانا سودىسى بىلەن بېيىغان پېزىدانت تۇرامپنىڭ سۆز ھەركەتلىرىدىن ئېرقىچىلىق كۆرۈنۈپ قالدى. بۇنى ئىسپاتلىغاندەك، قىسقىغىنا تۆت يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى جىدەل ماجرالار بېسىقمىدى. بىراق پىرزىدانت تۇرامپنىڭ بۇلارغا قارىتا قىلغان سوزلىرى ۋە تۇتقان پوزىتسىيەسى خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ قۇيغاندەك رول ئوينىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغىنى مۇشى يىل يازدا مەملىكەت خاراكتىرلىق پارتلىغان» قارىلارنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك» ھەركىتى بولۇپ، گەرچە بۇنىڭغا پىرزىدانت ھەرخىل «تاجىلار»نى كەيدۈرگەن بولسىمۇ،بۇ ھەرىكەت ئامرىكىدا مۇشۇ قىسقىغىنا تۆت يىل ئىچىدە  يەنە بىر قىتىم يۇقۇرى پەللىگە چىققان ئېرقىچىلىق مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ھەتتا بۇنىڭ تەسىرى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، ئاخىردا بۇ بىر خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە ئايلاندى. شۇ چاغدا مەن تېلۋوزۇر ئىكرانى ئارقىلىق بىر قارا تەنلىك ئەرنىڭ» بىز بۇ يەردە گپىمىزنى ئاڭلىتالمىغان بولساق، بىز قولىمزىدىكى سايلام بىلىتى ئارقىلىق گېپىمىزنى ئاقتۇرىمىز» دىگىنىنى ھلىمۇ ئۇنتىمايمەن. تەخمىنەن ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %17 نى تەشكىل قىلىدىغان ئاڧىرىقىلىق  قارا تەنلىكلەر،يەرلىك ئامرىكىلق ھىندىئانلار ۋە ئامېرىكىدا يۈز بىرىۋاقان ئىشلانى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان باشقا  ئېرقىدىكىلەر  ئاخىرى قوللىرىدىكى سايلام بىلىتى ئارقىلىق گېپىنى ئاقتۇردى.

           ئامرىكىدىكى سايلام زادى نەگە بارىدۇ؟ خۇددى مەسىلىلەرگە سالقىنلىق بىلەن باھا بىرەلەيدىغان  دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى دىگەندەك، ئامرىكىدىكى سايلام  ئەمەلىيەتتە ئاخىرلىشىپ بولدى. بىراق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيقۇسى تېخى ئېچىلغىنى يوق. بىزدىكى ئىشانلارغا قول بىرىپ قۇل بولىدىغان، روھىمىزنى ھەر دائىم بىر كىملەرگە باغلىمىساق كۆڭلىمىز ئارام تاپمايدىغان،كاللىمىز بىلەن ئەمەس، قولىقىمىز بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن روھىي پىسخىكىمىزدىن بىز تېخى قۇتۇلۇپ كەتكىنىمىز يوق. شۇ  تۈپەيلىدىن، ئىگىمىزنى خاتا تاللاپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولغان بىر ۋەزىيەتنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ نۆۋەتتە تولىمۇ  زۆرۈر ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىش بىلەن بۇ ماقالەمنى  ئاخىرلاشتۇرىمەن.

 2020- يىلى، نويابىرنىڭ 13- كۈنى ئامرىكىنىڭ  مارىلاند شىتاتىدا يىلدى

جاۋاب يېزىش