ھايات بىر كۈن ۋە ئۇ دەل بۈگۈن

ھەبىبى

دائىم شۇنداق سۈرىمەن خىيال،

.بىز كىم ئىدۇق دوستۇم تۈنۈگۈن

،ئۆتمۈشلەردىن ئالدۇقمۇ ساۋاق

ۋە كىملەرگە ئايلاندۇق بۈگۈن؟

قىممىتىنى بىلدۇق قانچە رەت،

بۈگۈن ئىدى ئۆتمۈشتە ھەر كۈن،

ئەتە دېدۇق كەتتى قانچىسى،

چىقارمىدۇق مەنىلىك يەكۈن.

.

زارلاندۇقمۇ يا قىلدۇق شۈكۈر،

يېشىلدىمۇ كۈتكەن سىر-تۈگۈن؟

كۈلپەت كەلسە ئەۋزىلى سەبىر،

ئۆز بويىغا تاشىدۇ چۆگۈن.

.

ھەربىر كۈننى بۈگۈن دەپ ئاتاپ،

بۈگۈن ئىچرە كېتەركەن ھەركىم.

بۈگۈنلەرنى قەدىرلەش كېرەك،

ئەتىلەرنى قىلايلى سۈرگۈن.

.

كىم بىلىدۇ كېلەر نە قىسمەت،

بىز ھاياتمۇ ئەتە يا ئۆگۈن

شۇ ھېكمەتنى بىلدىم: ئەسلىدە

ھايات بىر كۈن ۋە ئۇ دەل بۈگۈن.

جاۋاب يېزىش