ﺑﺎﺭﺳﺎﯕﻼر……

راشىدە سايىتىۋا ئابدۇسەمەتىۋا


مەﻥ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ كەﺗﺘﺌﻢ يۇرﺗﯘﻣﻐﺎ،
ﺗﻪﻏﺪىر ﻫﻪر ﻳﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ،
ﺑﯧﺮىپ ﻗﺎﻟﺴﺎڭلار ﻳﯧﺰﺍﻣﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ،
ﺳﺎلىمىم ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ  كىتىڭلار.

مەﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ يۇرﺗﯘﻣنىڭ،
ﺗﻮپىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار،
ﺋﺎتىلارنىڭ ماﯕﻐﺎﻥ ئىزىغا،
مەﺭﯞﺍيىتلار ﭼﺎﭼﻘﺎﭺ كېلىڭلار.

ﺗﺎﻏدىن ﭼىققان ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺳﻪلكىنى،
ﻳﻪﻟﭙﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭ  لەززەتلىنىڭلا،
ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺳﯜﻳﻰ جاﻧﻐﺎ  ﺩﺍﯞﺍﺩﯗﺭ،
ﺷىپا ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ئىچىپ كلىڭلار.

مەن ئوينىغان چىمەنزارلىقنىڭ،
شەلدىمىنى كىچىپ كېلىڭلار،

ئتىزدا دان،باغلاردا مىۋە،

شەربىتىگە ئېغىز تىگىڭلار.

قىرانلىرى تەۋەرك يۇرتنىڭ،

ئىگىلىپ كىرىپ سالام بىرىڭلار،

مەن يىتەلمەي قالساممۇ سىلەر،

سېغىندى، دەپ سالام ئەيتىڭلار.

بالىلىغىم تۆت كوچىسى بار،

يغىلاتتى كىچىك ھەم چوڭلار،

ساز دۇمباقسىز ئۆتمەيىتتى مەيرەم،

ھىكايە ئۇ ئاڭلاپ قلىڭلار.

مەن چوڭ بولغان ئۆي بار يېزامدا،

كىرىپ قۇرئان ئوقۇپ چىقىڭلار،

 ئاتا-ئانام يۈرگەن ھويلىدا،

مەن بارغاندەك تازىم قىلىڭلار.

ئىنسان ئۈچۈن قىممەت ئەل يۇرتى،

مەشئەل ئۇ بىر ئۆمۈردە يانار،

كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردە،

تومۇرلىىر چوڭقۇر ئىز تارتار.

2019 -يىلى10-ئاپرىل ياركەنت

جاۋاب يېزىش