داستۇرخاندىكى مۇھەببەت

خەيرىنىسا ياسىن       (ياپونىيە)                   
         داستۇرخان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەدىنيەت بابىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان  ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتلىرى ھىساپلىنىدۇ.ئۇيغۇرلاردا  ئائىلىلەردە بىر كۈندە نەچچە ۋاق تاماق يىيىلسە،شۇنچە ۋاق داستۇرخان سېلىنىدۇ ۋە يىغىلىدۇ. داستۇرخاندىكى بىر لىگەن پولوغا بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جەم بولغان ھالدا قول ئۇزارتىپ ئاخىرقى بىر تال گۈرۈچ قالغانغا قەدەر  بىللە يىگەن ئەشۇ بەختلىك مىنۇتلار كىشىنىڭ ئسىدىن زادىلا  چىقمايدۇ. داستۇرخاندىكى ئەشۇ قېرىنداشلىق ،مەھەللىدارچىلىق ،مېھماندارچىلىق مۇھەببىتىنى ۋە توي-تۆكۈن ئۆلۈم-يىتىملاردىكى باشقا نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلەرنى داستۇرخانسىز ئەسلىيەلمەيمىز.
       داستۇرخان ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ۋە باشقا كۆپ نۇرغۇن  ئەدەپ-ئەخلاق  ۋە قائىدە يۇسۇنلارنى ئۆگىتىدۇ.  داستۇرخاندىكى تاماقلارغا چوڭلار قول ئۇزراتمىغىچە باشقىلار قول ئۇزىتالمايدۇ. داستۇرخان ئۈستىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆز-ئارا بىر تەرەپ قىلنىدۇ .ئائىلەردىكى ھەر-خىل چوڭ-كىچىك ئىشلار ئاساسەن داستۇرخاندا ھەل قىلنىدۇ.

      كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە مېھمانغا سالغان داستۇرخانغا قاراپ، شۇ كىشىنىڭ مەرت ياكى ئەمەسلىگىگىمۇ باھا بىرىلىدۇ. توي-تۆكۈنلەردىكى قۇدا-ۋاجىلارنىڭ داستىخىنىغا قاراپ،تويلۇقنىڭ ئەرزان قىممەتلىگىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ. ئۆلۇم-يىتىم نەزىرە-چىراقلاردا بولسا،باشقىلاردىن ئالغان داستىخانلارنى ئاساسەن ئوخشاش مىقداردا ياكى ئاشۇرۇپراق ئۆز-ئارا قايتۇرىلىدۇ.
      ئۆيگە مىھمان كېلىدۇ دىسە،ئانىلار  ئۇ ياق بۇ ياقلارغا چېپىپ مېھمانغا ياخشى قىلايلى دەپ يۈگۈرسە، دادىلارمۇ ئانىلارغا  مېھماننىڭ تىلىغا تېتىغۇدەك تاماق بولسۇن، دەپ جىكىلەيدۇ ۋە  ئۆزىنىڭ ينىدىكى ئاخىرقى تەڭگىلىرىنى ئىشلىتىشىنمۇ يانمايدۇ . دەستۇرخىنىمىز مول بولسۇن، چاينىڭ چىچىگى چىقىپ قالمىسۇن،دەپ جىكىلەيدۇ، دادىلارئانىلار ۋە كېلىنلەرگە. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىسىل داستىخان مەدىنيىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مانا بۇ داستىخاندىكى مۇھەببەت! مانا بۇ مىھمانغا بولغان ھۆرمەت! مانا بۇ ئۇيغۇرلۇق! مانا بۇ قېرىنداشلىق!
مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا سىز بىلەن بىز  ئەشۇ دەستۇىخاندىكى مۇھەببەتنى قانچىلىك ساقلاپ قالالىدۇق؟ئەشۇ ئۇيغۇرنىڭ  دەستۇرخاندىكى مۇھەببىتىنى پەرزەنتلىرىمىگە قانچىلىك ھىس قىلدۇرالىدۇق ؟!  مۇھاجىرەتىكى تۇرمۇشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈنىگە بىرەر ۋاق تاماقنى بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.كەچلىگى روھى ۋە جىسمانىيىتىمىز چارچاپ قايتىپ كەلگەچكە، كەچلىك تاماقنىمۇ ئىلگىرى كىيىن يەپلا يۇيىنىپ ئەتىنىڭ تەيارلىقلىرى،بالىلارنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ، يېيىپ ئۇخلاپ قېلىۋاتىمىز. ھەر كۈنىمىز ئالدىراشچىلىق،جىددىچىلىك ئىچىدە ئۆتۈپ،ئائىلىلەردىكى مۇھەببەتكە تەشنا پەرزەنىتلىرىمىز بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقىتلار يىتەرلىك بولماستىن،ئۇلارنى ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلەشكە قويۇپ بىرىمىز. نە داستىخاندىكى مۇھەببەت،نە مىللەتداشلىق مۇھاببىتى،قايسى دۆلەتتە بولساق شۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتى ئىچىدە ياشىغان پەرزەنىتلىرىمىز شۇ دۆلەتنىڭ پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلۇق مىھرى-مۇھەببەت تۇيغۇسى ئاجىز چوڭ بولىۋاتىدۇ. بىز ياشاۋاتقان ياپونىيەدىكى پەرزەنتلەر خۇددى ياپۇنلۇقلاردەك باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلماسلىغىنى،جىمغورلۇقنى ،يالغۇز پالىيەت قىلىشنى ياقتۇرىدىغان بوپ تەربىيلىنىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بىر خىل شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەم بوپ يىتىلىۋاتىدۇ. گەرچە مەن بۇنى مۇھاجىرەتتىكى ھەممە ئائىلە ئۈچن ئورتاق مەسىلە، دەپ قارىساممۇ، بىراق بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ كىەلمىدىم.
         بالىلار تۇلۇقسىزغا چىققاندىن باشلاپ 2-دەرسخانا پائالىيەتلىرى ناھايتى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ،ئەتىگەنلىك،كەچلىك مەشىق ۋاقتى 2 سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن، بىز بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتى ھەرگىز يىتەرلىك بولمايدىكەن. مانا چوڭ بولدى، دەپ قارىغان ۋاخىمىزدا،  پەرزەنتىمىزدە باشقىچىلا بىر خىل كۆز قاراش ۋە مىجەز خاراكتىر ئاللا بۇرۇن يىتىلىپ بولىدىكەن. چۈنكى بىز پەرزەنلىرىمىزنى ئەشۇ  مۇھىتنىڭ ئىچىگە ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن. ئەگەر بۇنى ئەيىپلەشكە توغرى كەلسە، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئەيىپلىشىمىز كرەك. قاچانغىچە ئامال يوق دەپ،زارلاپ  ياشارمىز؟!.  ئۇيغۇرلۇق،داستۇرخان،مىھرى-مۇھاببەتلەرگە تەشنا قىلىبلەرگە شۇ خىل ئۇيغۇرلۇقنى،داستۇرخاندىكى مۇھەببەتنى،شۇنداقلا ئۆز-ئارا ئىللىقلىق،مىھرى-مۇھەببەتىنى ئەشۇ پەرزەنتلىرىمگە بىرەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن، مەن ئۆزەمنى ھەر دائىم خۇددى ئەيىپكاردەك ھىس قىلماقتىمەن.
       پەرزەنىتلىرىمىز ئۇيغۇرلۇقىن  ئۆزلۈگىدىن يىراقلاپ،باشقا مىللەتلەر بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ،ئاخىردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سانىنىڭ مەلۇم نىسپەتتە ئازلاپ مېڭىشىغىمۇ تەبىئى كۈچ قوشىۋاتقانلارمۇ باشقىلار ئەمەس، دەل ئۆزىمىز .
      بىز سۈكۈتتە……. 
بىز نەگىلا بارساق ئاسانلا خۇددى تەكلىماكاننىڭ  قۇملۇقلىرىغا يامغۇر سۈيى سىڭىپ كەتكەندەكلا  سىڭىپ ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز. جان بېقىشقا  ئادەتلىنىش، ئۇيغۇر دىگەن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىگە باش قاتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمىز. ئاخىرىدا ئۆىمىزنى يوقۇتۇپ،ئۆز دۆلىىتمىز قۇرۇلۇپ بولغىچە بىز ئاللا بۇرۇن ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ، باشقىلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولىمىز. ھەر قىىتم مۇشۇ مەسىلىنى ئويلىغان ۋاختىمدا يۈرۈگىمنى تىترەك باسىدۇ.  
       قولىغىم تۈۋىدە مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ «ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق»    دەپ ئوقۇغان ناخشىسى ياڭرىغاندەك بولدى. مىنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ناخشىدا مەدھىيەلەنگەن ئۇيغۇرلۇققا چىن دىلىمدىن قايتقۇم بار ئىدى. ھەقىقى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ياشىغۇم بارئىدى. بىراق ئۇنداق ياشىيالمىغانلىغىم ئۈچۈن ئىچ-ئىچىمدىن ئۆكۈنىمەن. ئۇيغۇرلۇققا قايتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دەستۇرخاندىكى مۇھاببىىتمىزنى قايتىدىن تېپىۋالايلى.
2020- يىلى، ئۆكتەبىرنىڭ 15-كۈنى
ياپونىيى چىبى ناھىيەسى

جاۋاب يېزىش