خائىنلار

سەرۋى


بىر يۈزى بار تولۇن ئاي، يەنە بىرى پاتقاق لاي،
جادۇ بىلەن كۆزلەرنى باغلايدىكەن خائىنلار.

تىللىرىنى ھەريانغا يورغىلىتىپ  يىلاندەك،
ئەقىللەرنى گال قىلىپ تاشلايدىكەن  خائىنلار.

بىرى يېسە خەلقتىن پەشۋا-تېپىك تېيىلىپ،
بىرلىك سەپتە تەڭ ھۇجۇم باشلايدىكەن خائىنلار.

بىر يىپقا تەڭ چىگىلگەن، چېكەتكىلەر دەپ قويۇڭ،
تەڭلا سەكرەپ ئۇسۇلغا تاقلايدىكەن خائىنلار.

كىمنىڭ قەلبى ۋەتەنگە ئىرىپ ئاقسا ئوت بولۇپ،
نەشتىرىنى شۇنىڭغا سانجىيدىكەن خائىنلار.

نامى ئۇلۇغ داۋاگەر، سۇپرىسىدا لىق پاسات،
ئۇرۇش- تالاش تەبرىققە باشلايدىكەن خائىنلار.

ۋەتەن ئۈچۈن مىدىراپ قالسا مەگەر بىرەرسى،
ياتالماستىن خاتىرجەم قۇترايدىكەن خائىنلار.

تۇتقان يولى جاھالەت، ھەر سۆزىدە ئەپسانە،
ئافاق كەبى  شالىنى چاچىدىكەن خائىنلار.

ھاياتتىكى مىزانى ئەلنى بۆلۈش ھامانەم،
. ۋىجدان سېتىپ گېلىنى توقلايدىكەن خائىنلار

ئەبۇ جاھىل نەسلىدىن ئىكەنمىكىن ئەسلىدە،
ئازغۇن-گۇمراھ يولىدىن يانمايدىكەن خائىنلار.

مەپتۇنلۇقتا ئۆزىگە ئالچاڭلىسا مەست بولۇپ،
قۇيرۇقلىرى پېشىدىن مارايدىكەن خائىنلار.

قولتۇقىدا قىسقلىق ھېلە- مىكىر دەستۇرى،
چۈشۈپ قالسا تېڭىرقاپ ئاۋارىكەن خائىنلار.

ھۈركۈپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ سايىسىدىن بەزىدە،
ئوڭ- سولىنى تاپالماي تېنەيدىكەن خائىنلار.

تېگىپ تۇرغاچ بېشىغا ئەلنىڭ لەنەت تاشلىرى،
يۈز-كۆزلىرى كۆك -يېرىق يۈرىدىكەن خائىنلار.

توختا قەلەم كايىما، تەڭشەپ قويار بۇ پەلەك،
گۆرىدىمۇ خاتىرجەم ياتمايدىكەن خائىنلار.
 2010- يىلى،16 -ئىيون، ئامېرىكا قوشما شىتاتى

جاۋاب يېزىش