پەرىشتە ئانا

خەيرىنىسا ياسىن

        » ئاياللار، بىر قولىدا بۈشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.»  دەپ تەرىپلىنىدۇ.
     ئاياللار، دۇنيانىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن،مىھرىگە مۇھاببەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.
     ئاياللار، ئىنسانىيەت  دۇنياسى ئۈچۈن ئەبەدىي تۈگىمەس بايلىقتۇر.   
   ئاياللار، شۇنچە مېھرىبان ھەم شۇنچە سۆيۈملۈكتۈر. ئاياللار، سۆيگۈچى ھەم سۆيۈلگۈچىدۇر. ئانىسىز ئۆي دوزاقنىڭ ئۆزى،چۈنكى ئاياللار پەرزەنىت ئۈچۈن يالماۋۇز بىلەنمۇ ئېلىشىشقا تەيياردۇر. ئائىلىسىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى، بىخەتەرلەگى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازىدۇر.
          ئانا يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ. پاتىگۈل غۇلام ئانا ئەنە شۇنداق مېھرىلىك، قەيسەر ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يېغىسى دۇنيانى يىغلاتتى. بىراق قىلچىمۇ  ئىنسانىي ۋىجدان،ئادىمى قىممەت قارشى بولمىغان فاشىست دېكتاتۇر خىتتاي ھاكىميىتىنى بولسا  تەسىرلەندۈرمەك ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆلۈگىنى كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدى. ئۇنىڭ يۈرەك پارى ،ئائىلىسىنىڭ ئۆمۇت يۇلتۇزى بولغان تۇنجى ئوغلىنى ئەنە شۇ مۇدھىش خىتاي ھاكىمىيىتى تىرىك تۇغۇزۇپ يۇتۇپ كەتتى، ئۇنى ئىز دىرەكسىز غايىپ قىلىۋەتتى.
      پاتىگۈل غۇلام ئانا ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن بولۇپ،ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك ھۆنىردىن پايدىلنىپ،ئۈرۈمچىدە 4 پەرزەنتىنى بىر ئوبدان تەربىيەلەۋاتقان تىرىشچان ،ئەمگەكچان،مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بىرى ئىدى.  2009- يىلدىكى 5 -ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىغىدا غايىپ بولغان ئوغلى ئىمام مۇھاممەت بولسا ئۇنىڭ تۆت پەرزەنىتنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ،شۇ يىلى تېخى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئىدى.
     پاتىگۈل ئانا ئوغلىنى خىتاينىڭ خۇانەن لىگوڭ ئونۋىرسىتىنىڭ تۇلۇق كورسدا ئوقۇتقان بولۇپ، غۇلامجان ياخشى نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملاپ،خىزمەتكە كىرگەن. ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش جەريانىدىكى پىداكارلىغىدىن تولىمۇ مىننەتدار بۇ ئىسىل ئوغۇل،تۇرمۇشتا ئىختىساتچىل بولۇپ،ئاپىسى ئۈچۈن ئەشۇ ۋاقىتلاردىلا 5.000 يۈەن خىتتاي پۇلىنى بانكا ھىساۋاتىغا سېلىپ قويغان. بۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى يىڭىدىن خىزمەتكە چىققان بىر ياش ئۈچۈن ئانچە ئوڭايغا چۈشمەيىتتى .چۈنكى خىتتايدىكى ھەر-قانداق بىر ئورگاندا ئىشلەيدىغان خىتاي مىللىتىدىن باشقا ھەرقانداق بىر مىللەت خىزمەتچىلىرىگە بىرىلىدىغان ئىش ھەققى خىتاي خىزمەتچىلەردىن تۆۋەن بولۇپ، پەرىق بەك چوڭ ئىدى. مەن ئەنە شۇ ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ شاھىدى ۋە قۇربانى بولۇش سۈپۈتۈم، بىلەن پاتىگۇل ئانىنىڭ ئوغلى ئىمامجاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېس تۇيغۇلىرى گۇۋاچىسىدۇرمەن.
              بىراق ئانا ئوغلىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ھەتتا ئۆز ئوغلىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى ئېلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى. چۈنكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېپى ئۆزىدىن بۇلاڭچى بىر ھاكىميەت ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايان.
        ئانا ئوغلىنىڭ دېرىگىنى قىلىپ ،ھۆكۈمەتتىن بىر جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن ۋەتەندىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك  ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرىزىيەت ئەيتىپ بارغان، بۇ يەردىن جاۋاپ ئالالمىغاندىن كىيىن ،خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغىچە ئەرىز ئەيتىپ بارىغان. ئەپسۇس ئۆ  دەردىنى ئاڭلىىتىدىغان قۇلاق تاپالماستىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەرلىك ساقچىلىرى تەرپىدىن ئۈرۈمچىگە غورورى دەپسەندە قىلىنغان ھالدا خۇددى  نەرسە يۆتكىگەندەك مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
     پاتىگۇل ئانا بۇ رەزىللىكلەرگە بوي سۇنماي،  پۇرسەت ئىزدەپ،ئاخىرى چەتئەللىك مۇخپىرلار بىلەن  كۆرۈشىش قارارىغا كېلىدۇ. ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى ئىزلەپ ، خىتتاي ھۆكىمىتىدىن ئادىللىق تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان پىداكارلىغى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. چەتئەللىك مۇخبىرلار پاتىگۈل غۇلام ئانىنىڭ قەھرىمانلىغىدىن ،ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ جاسارىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇ.
      پاتىگۇل ئانا بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئالدىدا  ئۆزىنىڭ قورقماس جاسارىتى،ئۆتكۈر ھەققانىي سۆزلىرى بىلەن، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بىجىرىش ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلىرىنى كەسكىن پاش قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرى ۋە ياڭراق ئاۋازى ئەركىن ئاسىيە رادىوسى ئارقىلىق دۇنيا ئاسمىنىدا ياڭرايدۇ. ئەركىن ئاسىيە رادىوسىنىڭ 2012- يىلى 10- ئىيول كۈنىدىكى «ئۈرۈمچى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىپ بولغانلار» ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس پروگراممىنىڭ تۇنجى سانىدا  بىز پاتىگۇل غۇلام  ئانا بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشتۇق. پاتىگۇل ئانا ئۆز پەرزەنتىنى ئىزدەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن خورلۇقلىرىنى، ئازاپلىق كەچىرمىشلىرىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەپسىلى بايان قىلدى. بۇ قەھرىمان ئانىنىڭ كەچۇرمۇشلىرى يۈرەكلەرنى ئەزدى. ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىغى بىزگە زور مەدەتلەرنى ئاتا قىلدى. ئانا ھەر قېتىم دائىرلەرنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا،ئۇلارغا تىگىشلىك جاۋابىنى بىرىپ،ئۇلارنى ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەپ كەلدى. باتۇرلۇق بىلەن خىتتاي ھاكىميىتىنى «جىنايەتچى،دىكتاتۇر» دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىپلىدى..
           ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تېلۋىزورلاردا كۆرگەن خەۇەرلەرگە قارىغاندا،پەلەستىن بىلەن سۈرىيەدىكى ئانىلار بىزگە قارىغاندا كۆپ بەخىتلىك ئىكەن. چۈنكى ئۇلار ھېچ بولمىسا ئۆز بالىلىرىنىڭ جەسىتىگە بولسىمۇ  ئېگە بولالايدىكەن. دۇنياغا ئۆزىنىڭ يېغىسىنى ئاڭلىتالايدىكەن، بىراق  دۇنيا بىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ. يېغىمىزنى ھىچكىم ئاڭلىمايۋاتىدۇ. بىز ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمىدىغۇ. بىز ئاجىزكەنمىز. بىز بەك بىچارەكەنمىز.بىز ھەتتا ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ جەسىتىگىمۇ ئېگە چىقالمايدىكەنمىز. ئوغلۇم قېنى؟ دەپ  ئۇلاردىن سورىساق، بىرنى ئاپىرىپ سولاپ قويىدىكەن. بۇ خەق بەك ۋەھشى، بەك رەزىل  ئىكەن.» ئانىنىڭ ئازاپلىق نالىسى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ تۈرىگىنى لەرزىگە سالماي تۇرالمىدى.
          بىزنىڭ ۋەتىنىمىز 1949-يىلى خىتتاي كومپارتىيىسى تەرپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن،تالاي قېتىملاپ قان تۆكۈلۈشلەر،قىرغىنچىلىقلار يۈز بەردى.مىڭلىغان،ئون مىڭلىغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى كۆرەش يولىدا، ئەشۇ ئانا تۇپراققا تۆكۈلدى.
          5 – ئىيول ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. سانسىزلىغان ياش نوتىلارنى، ياش قىرانلارنى، ھەتتا ئاتا- ئانىلارمۇ بۇ پاجىەنىڭ سىرتىدا قالمىدى. ئۈرۈمچى كوچىلىرى قىپ- قىزىل ئىسسىق قانلار بىلەن بويالدى. بىگۇناھ ئىنسانلار تۈرمىلارغا تاشلاندى. بۇ تۇپراقتا يۈز بەرگەن شۇنچە ۋەھشى قىرغىنچىلىقلار تاشقى دۇنيانىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىندى.
 راستىنلا دۇنيا قۇلىغىنى ئىتىۋالدىمۇ؟ ھىچكىم خىتتاي كومپارتىيەسىنى» سەن خاتا قىلدىڭ!،جىنايىتىڭنى توختات!» دىيەلمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىرى  ھەتتا خەخلەرنىڭ ئۆيىدە باققان ھايۋانچىلىكمۇ بولمىدى.» دەي نالە قىلىدۇ پاتىگۇل ئانا.  پاتىگۇل ئانا، شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر خەلقى ئارزۇ قىلغاندەك، دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمانا ئەمدى  ئويغانماقتا ئىدى. گەرچە بۇ ئويغۇنۇش بەك ئاستا ۋە يىتەرلىك بولمىسىمۇ، بىز نۇرغۇنلىغان  پاتىگۇل ئانىلارنىڭ جاسارىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ قىتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ رەزىللىگىنى ئەيىپلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ ھازىر 39 غا يەتكىنى مانا بۇنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
            پاتىگۈل ئانىنىڭ  ئۆتكۈر پىكىرلىرى، دادىل ھەرىكەتلىرى 21-ئەسىردىكى ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان، بىراق خورلۇققا زادىلا باش ئەگمەيدىغان  ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ سىماسىنى دۇنياغا يەنە بىر قىتىم تونۇتتى. ئۇنىڭ كەچمىشلىرى  ھەرقانچە پاجەلىك ۋە  ئەگىرى- توقاي  بولسىمۇ،خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ھەرقانچە ھەيۋە قىلسىىمۇ، ئۇنىڭ پەرزەنتىنى ئىزدەش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى،ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. پەرزەنتىگە بولغان كۈچلۈك مىھرى- مۇھاببىتى ئۇنى ھىچنەرسىدىن  قورىقمايدىغان باتۇر بولۇشقا ئۈندىدى. كومىنىسىت ساقچىلىرىنىڭ ھەيۋىلىرى ئۇنىڭ روھىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى ۋە ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئانىلىرىغا خاس  قەتئى تەۋرەنمەس روھ يىتىلدۇرىدى. بىز پاتىگۇل ئانىدىن پەخىرلىنىمىز. بىز پاتىگۇل ئانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىشكە تەشنامىز. جانابىي ئاللاھدىن ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئامانلىق تىلەيمىز.

جاۋاب يېزىش