ۋەتەن ئىشقىغا قانمىغان يۇرەك

 — شائىرە خەيرىنىسا تۇردى خانىم ھەققىدە

نىلوڧەر نۇرتاي قىزى

   ئۆتىمىز ئۆلۇمنىڭ ئىلكىگە ئاخىر، 

           ھاياتنى گاھ قاغاپ گاھى قۇچاغلاپ. 

           مەن تەنھا قالغاندەك كىتىمەن ئاخىر،

           ۋەتەنگە قانماستىن كەينىمگە قاراپ. 

             —-خەيرىنىسا تۇردى

       ۋەتىنىنى بىر دەقىقە بولسىمۇ ئۇنتالماي، ئانا ۋەتىنىنىڭ  دەردىگە دەرتمەن بولۇپ كەلگەن مېھرىبان ھەمشىرە، خەلقىگە ئاتا-ئانىسىدەك سېغىنىپ كۇيىدىغان كويۇمچان پەرزەنت،ھايات مۇساپىسىدە توختىماي ئۈگۈنۈپ، ئوز- ئوزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۇر تىرىشىپ – تىرمىشىپ ياشاپ كەلگەن ، بىز ئۈچۈن مەڭگۇ ياد ئەتىشكە ئەرزىيىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن نەمۇنىلىك  ئاياللىرىمىزنىڭ بىرى، مەرھۇمە خەيرىنىسا تۇردى خانىم  قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇچۇنلا ئەمەس، بەلكى  پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۇچۇن بىر نۇرلۇق سىيمادۇر.

          تالانتلىق شائىرە ۋە ژورنالىست،يىتىلگەن رادىو رىياسەتچىسى، ۋەتەنپەۋەر ئوت يۇرەك  شائىرە ئانىمىز، ھەدىمىز ھەيرىنىسا تۇردى 1944 -يىلى 15 -ئاۋغۇست كۇنى ئۇيغۇرستان(شەرقىي تۈركىستان) نىڭ چوچەك شەھرىدە، ئولۇما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئىسمائىل دامۇللام ئوقۇمۇشلۇق كىشى ئىدى. ھەيرىنىسا 12 ياشقا كىرگەندە ئىسمائىل دامۇللام ۋاپات بولۇپ، 9 نەپەر پەرزەنتىنى ئوستۇرۇش،بېقىپ قاتارغا قوشۇش  مېھرىبان ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. ئانا 6 پەرزەنتنى ئالىي مەكتەپكىچە، 3 پەرزەنتنى ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇتىدۇ.

      بالىلىق دەۋرىدىنلا ئىرادىلىك، پاراسەتلىك بولۇپ ئوسكەن خەيرىنىسا ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇمچىگە كوچۇب كېلىشى، ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىدۇ.  ياش خەيرىنىسا ئۇرۇمچىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كىيىن، ئۇرۇمچى دارىل مۇئاللىمىنغا ئوقۇشغا قوبۇل قىلىنىپ، 1961- يىلى  دارىلمۇئەللىمىننى ئەلا نەتىجە بىلەن تۇگۇتۇپ، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ. 

                    ئۇنىڭ ئائىلىسى 1962 – يىلى  ماي ئيىدا سابىق سۆۈىتلار ئىتتىپاقىغا  كوچۈپ چىقىپ، دەستلەپ قازاقستاننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا، كېينرەك قىرغىزىستاننىڭ فرۇنزە ھازىرقى بىشكەك شەھرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. 1962- يىلى خەيرىنىسا خانىم ئوسمان تۇردى ئەپەندى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، 4 پەرزەنتلىك بولىدۇ.

       دارىلمۇئەللىمىن مەلۇماتىغا ئىگە ياش ئانىنىڭ مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكۈزگەن 20 يىلدىن ئوشۇق ۋاختى پايپاق فابرىكىسىدا جىسمانىي  ئەمگەك بىلەن ئۆتىدۇ. 1993 – يىلدىن 2009- يىلغىچە قىرغىزىستان دولەتلىك رادىيو  ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش رېداكسىيەسىدە دەسلەپ مۇھەررىر، كىيىن ئۇيغۇر تىلى ئاڭلىتىشىنىڭ  رىياسەتچىسى بولۇپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندىن باشلاپ ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تاپقاندەك بولىدۇ.

      خەيرىنىسا  تۇردى خانىم قىرغىزىستان دولەتلىك  رادىيو تىلۋوزىيە ئىستانسىسىدا  17 يىلدىن ئوشۇق خىزمەت قىلىش جەرىيانىدا، ئۇ  ئوزىنىڭ ژورنالىستلىق ساھەسىدىكى  تالانتىنى نامايەند قىلىدۇ. ئۇ ،<تەڭرى تاغ سادالىرى> ئاڭلىتىشىدا ھەلقىمىزنىڭ  تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، ئۇرپ-ئەدەتلىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى يىڭىلىقلار، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتى بولغان “ئىتتىپاق” جامائىتىنىڭ پائالىياتلىرى ۋە باشقا تېمىلاردا ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ،كەڭ جائامەتنى ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەدىئىي ھاياتىنى مول مەزمۇنلار بىلەن تېخىمۇ بېيىتىدۇ.

      شائىرە خەيرىنىسا تۇردى خانىمنىڭ شېرىيەت ساھەسىدىكى تالانتىمۇ كىشىلەر قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 70- يىللاردا باشلانغان بولۇپ، «شاپتۇل چىچىگى» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1975 يىلى «يىڭى ھايات» گېزىتىدا ئىلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يىڭى ھايات»، «ئىتتىپاق»، «ۋىجدان ئاۋازى»، «ئارزۇ»، «پەرۋاز» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئىلان قىلىنىپ كەلگەن. 

       كىيىنكى يىللاردا خەيرىنىسا تۇردى خانىمنىڭ شېئىرلىرى قىرغىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قىرغىزىستاندىكى گېزىت- ژورناللاردا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، كەڭ قىرغىز ياشلىرىنىڭمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىي ئەسىرلىرىگە ئايلاندى. 1994 يىلى قىرغىز تىلىدا چىققان “ئۇمۇتۇم مەنىڭ ئاتا جۇت” ناملىق توپلامدا ئۇنىڭ بىر تۇركۇم شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان. 1997 يىلى قىرغىز شائىرى مارھاباي ئاماتوۋنىڭ تەرجىمىسى بىلەن «جان سىرىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قىرغىز تىلىدا نەشىردىن چىقتى. 

  2001  – يىلى ھۆرنىسا تۇردىنىڭ “ئانىنىڭ قەلبىدە ئالەمچە سويگۇ” ناملىق توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدە يورۇغلۇققا چىقتى. بۇ توپلامدىكى ئاپتورنىڭ شېئىر، ھېكايە ۋە ئەسلىمىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. 

     خەيرىنىسا تۇردى خانىم 1980 – يىلى بىشكەكتە قۇرۇلغان «سادا» نامىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇيۇشمىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىب، ئاياللار بولۇمىنىڭ مەسئۇللىغىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990 -يىلى رايونلۇق كەڭەشنىڭ ۋاكىلى ۋە پاسسپورت كومىسسىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. ئۇ 1995 -يىلى قىرغىزىستان يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، قىرغىزىستان ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، قىرغىزىستان ئاياللار ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى،2004- يىلدىن 2008- يىلغىچە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى “ئىتتىپاق” جەمىيىتىنىڭ ئاياللار كەڭەشىنىڭ رەئىسى بولغان. 2011 -يىلى خەيرىنىسا تۇردى خانىم  ئۇچۇن ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىنارلىق ۋە ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. قىرغىزىستان دولەتلىك مىللىي بالاساغۇن نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتنىڭ ژورنالىستلار ئۇچۇن تەييارلانغان ئوقۇتۇش دەرسلىك كىتاۋىغا  خىزمەت كورسەتكەن ژورنالىستلار قاتارىدا خەيرىنىسا تۇردى خانىمنىڭمۇ نامى يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە خەيرىنىسا خانىم  رىئاسەتچىلىگىدىكى رادىئودا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرلىنىپ، ئۇنىڭغا «قىرغىز ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۇكلۈك رول ئوينىغان»، دەپ ئۇنىڭ ئەمەىگىگە  يۈكسەك باھا بىرىلدى. 

         خەيرىنىسا تۇردى ئوزىنىڭ تىنىمسىز ئەمگىگى، تىرىشچانلىغى بىلەن قىرغىزىستان دولەتلىك رادىو – تىلۋۇزىيە مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن بىر  نەچچە قىتىم «داڭلىق ژوئۇرنالىست»شەرەپ مىدالى بىلەن تارتۇقلاندى.

         شائىرە  قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق»جەمىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى جان كويدۇرۇپ ئىشلىگىنى ئۈچۈن، ئۆز نۆۋىتىدە مەزگۈر  جەمىيەتنىڭ تەقدىرنامىلىرى ۋە ئالىي مۇكاپاتى بولغان “ئېھسان”مىدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

        بىراق 2017- يىلى  1نويابىرنىڭ 27- كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى.  ھاۋا دولقۇنلىرى ئارقىلىق گۈزەل  قەلىبلەرنى بىر-  بىرىگە ئۇلاپ كېلىۋاتقان تەڭرى تاغ ساداسىنىڭ پىشقەدەم رىياسەتچىسى، ئۆزىنىڭ تاتلىق لېرىكىلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق قەلىبلەرگە ھوزۇر ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان تالانتلىق شائىرە،جامائەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھارماي خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆيۈمچان ئانا خەيرىنىسا تۇردى خانىم  بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئۇ   ئەمدىلا تېخى 72 ياشقا كىرگەن ئىدى. بىز دوستىمىزدىن، قېرىندىشىمىزدىن  مەڭگۈلۇك ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇنىڭ قەلىمى يېزىشتىن توختىدى. ئۇنىڭ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتتەك يۈرىگە سوقۇشتىن مەڭگۈلۇۈك توختىدى. بىراق  ئۇنىڭ مىللىتىنى، ۋەتىنىنى چىن ئىخلاسى بىلەن سويگەن مۇھەببىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىزگە مەڭگۈلۈك  مەراس بولۇپ قالدى . 

ئەلۋىدا، سۆيۇملۇك دوس،مېھرىبان ئانا

جاۋاب يېزىش