ئەتتىرگۈل تۇتقان قول

نىلوفەر ھۆرتاي قىزى (بىشكەك، قىرغىزىستان)


                  بۇ ھايات ئەنە شۇنداق. ئۇ ئۆزىنىڭ شىددىتى، كەسكىنلىكى ۋە ھەتتا بەزىدە شەپقەتسىزلىكى بىلەن كىشىگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ھايات گۈزەل، ھاياتنى گۈزەل ئۆتكۈزۈش ۋە مۇرادىغا يىتىپ ياشاش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەممىلا كىشىگە مەنسۇپ بولىۋەرمەيدۇ. ئەتىراپىمىزنى  ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز،پەرزەنتلىرىمىز ۋە يار بۇرادەرلىرىمىز  قورشاپ تۇرغاندا ، بىز بىر- بىرىمىزنى قەدىرلەپ، ئاسراپ ياشايمىز. بېشىمىزغا چۈشكەن ئېغىر كۈلپەتلەرنىمۇ بىز يەنىلا   شۇلار بىلەن بىرلىكتە يېڭىمىز. چۇنكى بىز ئىنسان. بىراق ئارىمىزدا يەنە شۇنداق بىر خىل ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىز ئۇتۇق تۇققانلىرىمىزدىن، پەرزېنتلىرىمىزدىن ۋە دوس يارەنلىرىمىزدىن تاپالمايدىغان، يەنى  بىزنى يېتەكلەيدىغان روھنى، بىزگە يول باشلايدىغان لېدىرلارغا خاس خىسلەتنى، ھېچنەرسىدىن  قورقمايدىغان جاسا رەتنى،  شۇنداقلا ساخاۋەتچىلەرگە خاس كەڭ قوللۇقنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇنداق ئىنسانلار ھەر ۋاقىت جامائەتنىڭ قەلب تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە جامائەتنىڭ مەڭگەۈ قەدىرلىشىگە، ھۆرمىتىگگ سازاۋەر بولىدۇ. چۇنكى بۇنداق ئىنسانلارنىڭ قولىدا ھەر ۋاقىت گۇل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىن ھەر ۋاقىت گۈللەر ئۈنىدۇ. چۇنكى  ياخشىلىق ھېچقاچان نەتىجىسىز قالمايدۇ.باشقىلارغا  گۈل تۇتقان قولدا ھامان گۈلنىڭ پۇرىقى قالىدۇ. مىنىڭ بۈگۈن ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان بۇخەلچەم  مىرراخىموۋا خانىم  بولۇپ،  ئۇ قىزغىسىزتان ئاياللىرى ئىچىدىكى  كۆزگە  كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى ،<ئاماننىساخان> ڧوندىنىڭ قۇرغۇچىسى، <ئاماننىساخان > ژورنىلىنىڭ رېداكسىيە باشلىغى، شائىرە،  جامائەت تەشكىلاتچىسى ،شۇنداقلا ئۇ يەنە قىرغىزىستان جامائىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىللىرىدىن بىرى.

       خەلچەم خانىم 1951- يىلى غولجا شەھرىدە ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ئايىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى يۇقۇرى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان كىشى بولۇپ، ئەينى چاغلاردا غولجىدا رۇس تىلى تەرجىمانى بولغان ئىكەن. ئۇ زەگەرچىلىك كەسپىگىمۇ پۇختا ئىكەن. بۇخەلچەم خانىم  4 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىتلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان ئۆبىگىستان رىسپۇبلىكىسىنىڭ تاشكەنت شەھرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ دادىسى زەگەرچىلىك كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئانىسى 11 پەرزەنتكە ئەنە بولغىنى ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى رۇسىيەنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك  ئاياللارغا بىرىلىدىغان <قەھرىمان ئانا> مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇخەلچەم خانىمنىڭ دادىسى بالدۇر ۋاپات بوپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئانىسى پەرزەنتلىرىنى ئۆزى يالغۇزتەربىيەلەپ قاتارغا قشىدۇ ۋەئىمكان قەدەر بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەليمەتلىق قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ئۇمىڭدىن سىرىت، ئۆزى يەنە بالىلار باغچىسىدا دىرىكتور ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدى.  بۇخەلچەم  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەندىن كىيىن، تاشكەنتتىكى» قارى نىۇازى» نامىدىكى دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. بىراق ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان يىلى ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدىكى يىراق تۇققىنىنىڭ ئوغلىغان- ھازىرقى يولدىشى ، تالانتلىق ياش  رەسسام تەلئەت ئەپەندىگە  ياتلىق قىلىنىدۇ. ياتلىق قىلىنغاندىن كىيىنمۇ ئۇ يەنە ئۆز تىرىشچانلىغى بىلەن ۋە مەكتىۋىدىكى  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ دەرىسخانا سىرتىدا دەرىسلەرنى تولۇقلاپ ئوقۇشى بىلەن  ئاخىرى ئەلا نەتىجە بىلەن دارىلمۇئەللىمنى نەتىجىلىك پۈتتۈرىدۇ. ئۇ گەرچە شۇ دىپلومى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈگەنگەن بىلىملىرى پەرزەنتلىرىنى ۋە نەۋىرلىرىنى تەربىيەلەشكە ۋە ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى مەتپۇئاتچىلىق ۋە جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ.

       بۇخەلچەم خانىمنىڭ ھاياتىنى نۇرلاندۇرغان يەنە بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر شېرىيىتىدىكى ئىجادىيەتلىرى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۆزىنىڭ ئوقوغۇچىلىق مەزگىلىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ بالىلىق ۋاختىدىن باشلاپ ئۇ شېرىيەتكە  چوڭقۇر ئىشتىياق باشلايدۇ. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا يازغان شېرلىرى ئۆزبىگىستاندا چىقىدىغان » گۇلخان» ناملىق بالىلار ئەدەبىيەت ژورنىلىدا، < سائادەت>ناملىق  ئاياللار ئەدەبىياتى ژۇرناىللىرىدا داۋاملىق  ئىلان قىلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈكسەك  باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۇ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىگە ياتلىق قىلىنىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ داۋاملىشىدۇ.

     سەنئەتنى سۆيىدىغان، ئەدىبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان، ھەرقانداق ئىشنى پۈتۈن كۈچى ۋە زىھنى بىلەن تىرىشىپ ئورۇندايدىغان  خەلچەم خانىم  يىراق ئۆزبىگىستاندىن  بىشكەككە  كېلىپ، قىرغىزىستانلىق رەسسام، سەنئەتكار تەلئەت مىرراخىموۋنىڭ خانىمى بولغاندىن  كىيىنمۇ ئۆزىدىكى گۈزەل خىسلەتلەرنى ساقلاپ قالغاندىن سىرىت، داۋاملىق تىرىشىپ يىڭىلىقلارنى ئۈگۈنۈپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىشچانلىقى ۋە ئاق-كۆڭۈللىگى بىلەن بۇ يىڭى ئائىلىدە، شۇنداقلا بۇ يىڭى مۇھىتتىمۇ ئۆزىگە لايىق ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. كىشىلەر مۇئاپپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ئۇنىڭ قوللايدىغان بىر ئايال بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ تولىمۇ دۇرۇس ئەيتىلغان سۆز. ئۇنىڭ يولدىشى تەلئەت ئەپەندىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلرىگە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئۇنىڭغا  بېغىشلىغان ھەمراھى بۇخەلچەم خانىمنىڭ مېھنەت ئەجىرلىرى سىڭدۈرۈلگەن.  ئۇ يولدىشىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغاچقا، يولدىشى تەلئەت ئەپەندى پۈتۈن ئورتا ئاسىىياغا ۋە دۇنياغا داڭلىق تونۇلغان رەسسامغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەدىمىي شەھەر قەشكەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى،  ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ سىزغان ماي بوياق رەسىملىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە كۆرگەزمىگە قويىلىدى. بۇ جەرياندا خەلچەم  خانىم رەسسام تەلئەت ئەپەندىنىڭ ھەقىقىي قوللىغۇچىدى، ياردەمچىسى ، ئەڭ موھىمى، ئۇنىڭ ئىلھام بولىغى  بولۇپ كەلدى. نەتىجىدە تەلئەت ئەپەندى قىرغىزىستاندا دۆلەت تەرىپىدىن بىرىلگەن< قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن رەسسام- ئىلھام مۇكاپاتى>  مىدالىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان دۆلەت ئەرباپىي دەپ تونىلىدى.

        ئاياللار شۇنداق قۇدىرەتلىككى، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئايىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن  جەننەتكە  ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ. بۇخەلچەم خانىم يىراق ئۆزبىگىستاندىن بىشكەككە توي قىلىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ،  مىرراخىموۋلار ئايىلىسىنى ئۆزىنىڭ مۇھاببەتلىك مېھرى بىلەن سۇغۇرۇپ، بەخىتلىك بىر ئائىلە بەرپا قىلغاندىن سىرىت، يەنە قىزى قۇندۇزئاي ، ئوغلى پەرھات ۋە نەۋرىلىرىنى ئۆزلىرىدەك تالانتلىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى. بىز بۇ ئاىلىدىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەنمۇ پەخىرلىنىمىز. 

      بۇخەلچەم خانىم ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيەتلىرىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋاملشتۇرۇپ كەلمەكتە.   ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالمائاتا، بىشكەك ۋە تاشكەنتلەردە چىقىدىغان گېزىت ژورناللاردا نەشىر قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مۇشۇ دەۋىردىكى  ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوخشىمىغان  روھىي-ھالىتى، ئارزۇ – ئارمانلىرى،دەرت – ئازاپلىرى يارقىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى خۇددى كەسكىن شىجائەتلىق چاقىرىقتەك بىلىنسە، يەنە بەزى شېئىرلىرىگە مېھرى مۇھاببەت، ساداقەت يۇغۇرۇلغان. شائىر دىگەن شۇنداق بىر خىل ئىنسانلاركى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  نۇرغۇن شىئېرلارنى يېزىپ، قۇچاق- قۇچاق كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرۇپمۇ ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە ھېچقانداق ئىز قالدۇرالماي بۇ دۇنيادىن كىتىشى مۇمكىن، بىراق يەنە بىر خىل شائىرلار باركى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىر پارچە شېئىرى بىلەنلا ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىيەلەيدۇ. بۇخەلچەم خانىم ئەنە شۇنداق ئامەتلىك شائىرەلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇزۇندىن بىرى جامائەتنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ» پۈتمەس ناخشا» ناملىق شېئىرى ھەممەيلەننىڭ يۇرىگىنى لەرزىگە سالدى. بۇ شېئىرنى مەرھۇم ئايتۇرغان ھوسايىنوۋا  خانىم ئۆزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ دۇنيادا ياڭراتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ ناخشا تېكىستى پۈتۈن دۇنيادىكى  ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرگەن ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى . بۇخەلچەم خانىم ھېچقاچان بىر ئىزدا توختاپ قالمىدى.ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى ئورتا ئاسىيە ئايال يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ1983- يىلى مەرھۇم  پىشقەدەم ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە شائىرە پاتىگۇل سابىتوۈا خانىم رېداكتۇرلىغىدىكى < ئانىلار ئاۋازى > ناملىق توپلامغا تاللاندى.

     موما بولغان بۇخەلچەم خانىم، نۇرغۇن مومىلاردەك نەۋرە بېقىش بىلەنلا قانائەت قىلمىدى. 2002 – يلى ئۇ «ئاماننىساخان» جامائەت ڧوندىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ڧوندىنىڭ مەقسىدى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش، خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئاھۇ-زارلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىدى. جامائەتچىلىكنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن، «ئاماننىساخان ڧوندى»  يېغىلغان ڧوندىلار بىلەن يېغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەممە ساھەدىكى ئىلغان ئاياللارنى  قوللاپ ، يىتىم يېسىرلارغا، دوختۇرخانىلارغا، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە بېرىپ قارىغۇچىسى يوقلارنى يوقلاپ ۋە ئۇلارغا جامائەتنىڭ مېھرى- مۇھاببىتىنى يەتكۈزۈپ تۇردى. بۇخەلچەم خانىم يولدىشى تەلئەت ئەپەندى بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ، يەكەن ناھىيەسىدىكى ئاماننىساخان مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئاماننىساخان خېنىمنىڭ جاسارەتلىك، ئەقىل پاراسەرتلىك، مىللەتنىڭ مۇزىكە سەنئىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىين، ئاماننىساخاننىڭ  ئىش ئىزلىرى ئۇنىڭ قەلبىچە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ-دە، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزى قۇرغان ڧوندىنىڭ نامىنى» ئاماننىساخان» دەپ ئاتاشنى قارار قىلىدۇ.

2010- يىلى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى بولغان «ئاماننىساخان» ژورنىلى رەسمىي روھىئاپقا  چىقىدۇ. بۇ ژورنال ناھايتى تىزلا  ئورتا ئاسىيەدە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان، جامائەت ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇققا ئايلىنىدۇ. ئاماننىساخان ژورنىلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، مۇئارىپىنى، تىجارىتىنى، تىبابىتىنى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق سەھەلەردىكى توھپىكار ئاياللارلارئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ، ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىنسانلار قەلبىنى بىر – بىرىگە باغلايدىغان بىر كۇچلۈك مۇھاببەت رىشتىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ژورنالنىڭ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغانلار قىرغىزىستاندىنلا ئەمەس، بەلكىي دۇنيانىڭ  نەرىدە ياشىسا ، شۇ جاينى گۈللەندۈرۈپ،نۇرلاندۇرۇپ  كېلىۋاتقان، ئۆزى تۇرغان شۇ جاينىڭ يورۇق يۇلتۇزلىرىدىن بولغان، دۇنيانىڭ نەرىدە ياشىمىسۇن، ئۆز  مىللەتكە، ئۇيغۇر خەلقىگە تۆھپە ياراتقان ئاياللار بولۇپ، ھازىر <ئاماننىساخان>  ژورنالنىڭ تەسىر دائىرسى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە. مانا مۇشۇنداق بىر ژورنال ۇخەلچەم خانىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ھارماي جامائەتنى قوزغىتىپ مەبلەغ چىقىرىشى ۋە ھارماي تالماي ئەجىر سىڭدۇرىشى بىلەن يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

        بۇخەلچەم مىرراخىموۈا باشچىلىغىدىكى <ئاماننىساخان > فوندى يەنە قىرغىزىستان ئاياللار كوڭگىرىسى بىلەنمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلدى. 2005 يىلى بۇخەلچەم خانىمنىڭ ئۇتۇغلۇق ئەمگەكلىرى ئۇچۇن قىرغىزىستان ئاياللار كوڭگىرىسى تەرىپىدىن ئالتۇن مىدال بىلەن مۇكاپاتلاندى ھەمدە شۇ قىتىمقى قۇرۇلتايدا چوڭ يېغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىىپ، قىزغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئۈچۈن سۆز قىلدى.

     بۇخەلچەم خانىم 2019- يىلى جىگەر قېتىشىش كىسەللىگى بىلەن چوڭ ئاپىرەتسىيە قىلىندى. بىراق قىرغىزىستاندىمۇ دۇنيا خاراكتىرلىق » خىتاي ۈىروسى » تارقىلىپ، كىشىلەر ئۆيلىرىگە قامىلىپ  قالغاندا، بۇخەلچەم خانىم تاماقسىز قالغان خوشنىلىرىن، ىداۋاسىز قالغان كىسەللەرنى، تاماقسىز قالغان بالىلار ۋە ئاجىزلارنى،  بالنىستا قارىغۇچىسى يوق، داۋالىنىشقا پۇلى يوق،ھايات ماماتلىق گىرداۋىدا  جان تالىشىۋاتقان بىمارلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ  پۈتۈن جەمىيەتنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۆزى باش بولۇپ ئىيانە يېغىپ قىينچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ روھىدىن تەسىرلەنگەن جامائەت، قىيىنچىلىقتا قالغان خوشنىلىرىغا ياردەم بىرىشنىڭ نەقەدەر گۈزەل خىسلەت ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قىتىم يۇرىگى بىلەن ھېس قىلىشتى ۋە ئۇلارمۇ ئۆ ئەمەلىيىتى بىلەن بۇ سەپكە قپشۇلدى.

    ھايات ئەنە شۇنداق گۈزەل. باشقىلارغا ھەردايىم  ئەتتىرگۇل تۇتىدىغان قولدىن ئەتىرگۈلنىڭ ھىدى ھېچقاچان كەتكەن ئەمەس. ئەتتىرگۈلدەك قەلبى گۈزەل ئىنسانلارمەڭگۈ ئۆز خەلىقنىڭ يۈرەك تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مەن بۇخەلچەم خانىمغا سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت، تەلئەت ئەپەندى بىلەن بۇخەلچەم خانىمغا  ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەپ سۆزۇمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

جاۋاب يېزىش