21-ئەسىردىكى ئەڭ قەيسەر ئانا- پاتىگۈل غۇلام


خەيرىنىسا ياسىن (ياپونىيە)      

    » بەشىنچى ئىيول، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ يۇز بەرگىنىگە كوزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 11 يىل بولدى. بۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا يۈز بەرگەن  ئەڭ زور كولەملىك قىرغىنچىلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىددا يۈزبەرگەن سانساناقسىز قىرغىنچىلىقلار ئىچىدىكى كۆلۈمى بىر قەدەر كەڭ بولغان بىر قىتىملىق قىرغىنچىلىق بولۇپ، مۇشۇ قىتىملىق قىرغىنچىلىق سانسىزلىغان ئوت يۈرەك ياش غۇنچىلارنىڭ ھايات گۈلىنى ۋاقىتسىز سۇندۇردى. مىليونلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىگىنى زەرداپ قىلىپ، ئاچچىق ئازاپلارغا كۆمدۈردى.ئۈرۈمچى كوچىلىرى ئىسسىق قانلار بىلەن بويالدى . بۇ ئازاپلار  ، ئۆز يۈرەك پارىلىرى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دېرىكىنى سوراپ پىلمۇتلارنىڭ ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ بارغان ئانىلارنىڭ،ياش ئاياللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىنى  سىن ئالغۇدىكى كورىنىشلەر ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. شۇ سىنئالغۇدىكى كۆرنۈشلەر ئۆلۈم ئالدىدا قەتئى تىز پۈكمەيدىغان باتۇر ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ، ئاياللارنىڭ  روھىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مويەسسەر قىلدى.دۇنيا خەلقى ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بۇ جەڭگىۋارلىغىنى  پۈتۈن دۇنيا مېدىياسىدا قىزىق نوقتىغا ئايلاندى.ئەنە شۇ جەڭگىۋار ئانىلار قاتارىدىكى  قەھرىمان پاتىگۈل غۇلام ئانىنىڭ ھازىرغىچە ئوغلىنى ئىزدەۋاتقانلىغى دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ جەسۇر روھىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن شوتلاندىيەلىك ناخشا چولپىنى جوئىي خامىلتون ئەپەندى <ئانىنىڭ يېغىسى> ناملىق ناخشا تېكىستىنى يازدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى مۇزىكا ئىشلەپ، ئوغلىنى ئىزدەشنى توختاتمىغان پاتىگۇل ئانىنىڭ كىچىرمىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق دۇنياغا ياڭراتتى.


 خامىلتون ئەپەندىم پاتىگۈل غۇلامغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ دېرىگىنى قىلىش جەريانىدىكى ئاچچىق كۆلپەتلىرىنى تۆۋەندىكى ناخشا تېكىستى بىلەن بايان قىلىش بىلەن بىر چاغدا، شۇ ئانىلارغا سالاملىرى بىلەن مەدەت بىرىپ كەلمەكتە.ناخشىنىڭ تۇلۇق تېكىستى شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنىپ،ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىىدا ئىلان قىلىندى.

         ئانىنىڭ يېغىسى

         ئازاپلانماس ئانىدەك ھىچكىم،
        كىممۇ بىلەر بۇ رىشتىنى،كىم؟!
        ئاتىغا ھېچ ئوخشىماس ئانا،
        بالىنى دەپ تاپمايدۇ تىنىم.

       ئۆرۈلگەندە ئائىلە تېمى،
      ، باشلانغاندا بالىنىڭ غېمى
       ئىچ-ئىچىدىن يىغا ئۆرلەيدۇ،
      . مۇجۇلغانچە ئانىنىڭ دىلى

       ئانا بەختى بوۋاق ئۇيقۇسى،
       ئاسرىغۇسى ،ئۇنى باققۇسى ،
       بالا يوقاش ئەڭ چوڭ قورقۇسى،
      . ئانا يىغلىسا يوقۇلار كەلگۈسى

       ئەندىشىلىك بىر ئەلدە ياشاش،
       بالا نەدە ھىچ بىلمەي ساقلاش،
       ياقار ئانا قەلبىگە ئازاپ،
       چۈنكى ئازاپ غەزەپكە تۇتاش.

       بالا تۇغۇلۇپ ئۆسۈشى كېرەك،
       ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك،
       تۇققان بالىسى تىرىكمۇ ئۆلۈك،
       بۇنى ئانىسى بىلىشى كېرەك.

    ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىغى يۈز بېرىپ ،2-3كۈندە خىتتاي ھۆكۈمىتى نۇمۇسسىزلارچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېلىفون، ئىنتىرنېت قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.ۋەتەن بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا ، سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق. خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن،بىر يىلدىن كېيىن خىتتاې ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇچۇر يولىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق ئەشۇ ئالاقىلەر ئۈزۈلگەن ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىرقى قىرغىنچىلىغى ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساسلارنى سېلىشقا ئۆلگۈردى. بۇ جەرياندا دۇنيا جامائەتچىلىگى خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك قولىغىنى يوپۇرۇپ ياشاۋەردى.

 
 ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 5- ئىول قىرغىنچىلىغىنىڭ ھايات شاھىتلىرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى.
 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخپىرلىرى ھەر-خىل ئاماللار ئارقىلىق 5- ئىئول غايىپلىرىنىڭ يىپ – ئۇچىنى ئېگەللەشكە باشلىدى. پاتىگۇل غۇلام ئانا ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقتا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلى ئىمام ھەسەننى يوقۇتۇپ قويغان بىر جەڭگىۋار ئانىلارنىڭ بىرىدۇر.
 مۇخپىر شۆھرەت ھۇشۇرنىڭ ئىز قوغلاپ ئىشلىگەن شۇ غايىپلار توغرىسىدىكى پۇرۇگراممىسى ئارقىلىق تونۇغان بۇ ئانانىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.
       مەن بۇ پاتىگۇل ئانا توغرىسىدا ئىشلەنگەن بارلىق رادىو خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ،يۈرىگۈم قايتىدىن لەرزىگە كەلدى. ئۆز ۋۇجۇدۇمدىن پاتىگەۇل ئانىنىڭ جەڭگىۋار روھىنىڭ زەررىچىلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم ۋە پاتىگەۈل ئانىغا بولغان ھۆرمىتىم يۈرىگىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىم ئۇرغۇپ چىقتى. مەن  پاتىگۈل ئانىدىكى بۇ خىل روھقا < 21- ئەسىردىكى ئەڭ قەيسەر ئانا> دەپ نام بەردىم ۋە بۇ خىل روھنى ئۆزەمگە قىلبىنامە قىلىشقا بەل باغلىدىم.

.
) (داۋامى كېيىنكى ساندا

پايدىلنىش ماتىرياللىرى:

ئەركىن ئاسىيا رادئىوسى2014- يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەرلىرى
 

2020-يىلى 16-ئىئول   

جاۋاب يېزىش