”پەرىجىنىڭ “ سىرى

 

 

زۇلھايات ئۆتكۈر

(مەزكۇر ماقالىدىن قىسقارتىپ يوللاندى)

دىيارىمىزدىكى تارىم ۋادىسىدىن  تېپىلغان 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە بولغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن بايقالغان كىيىم كېچەكلەردىن تون، ئىشتان، قولقاپ، بەلۋاغ،ئۆتۈك ۋە كۆڭلەك قاتارلىقلار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، تىكىلىشىنىڭ سىپتىلىقى ۋە نۇسخسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ھەرقايسى جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۆزىگە خاس كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى يارىتىپ كەلگەن خەلق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرىجىسى ئەسىرلەر بويى چاقناپ كەلگەن، قويۇق بەدىئىي تۈس ئالغان تەۋەرۈكىمىزدۇر.

پەرىجە ئەدەتتە ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىگە كىيىلىدىغان ئالدى ئوچۇق تون بولۇپ، دۇخاۋا، كىمخاپ، تاۋار ، يىپەك قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تىكىلىدۇ، پەقەتلا قارا رەڭدە بولىدۇ.كۆكرەك، يەڭ ۋە ئېتەكلىرىگە چەش رەڭلىك ئۈچلىك كەڭلىكتە زىغ زىق تۇتىلىدۇ. توي-تۆكۈن، ئۆلۈم –يېتىم ۋە مەرىكىلەردە كىيىلىدۇ ياكى قىممەتلىك سوۋغا قاتارىدا ھەدىيە قىلىنىدۇ.

پەرىجىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئېتىقاد قىلغان دىن ۋە ئەقىدىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى 1.» ئۈچلىك چۈشەنچىسى» 2. دەرەخ كۈلتۈ» گە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

1.»ئۈچلۈك چۈشەنچىسى» 

تەبىئەت ئېتىقادىدىن شەكىللەنگەن چۈشەنچە بولۇپ،ئالەم  كۆك، يەر-سۇ ۋە ئارىلىقتىكى دۇنيادىن شەكىللەنگەن دەيدىغان قاراش. كۆك-ئاق ، پارلاق دۇنيا، ، يەر-سۇ قارا رەڭ،قاراڭغۇ دۇنيا،ئىنسانلار ياشايدىغان يەريۈزى- ئارا دۇنيا ئاق ۋە قارا رەڭ دەپ سۈپەتلىنىدۇ. پەرىجە كىيگەندە ئاياللار چوقۇم بېشىغا ئۇزۇن ئاق لېچەك سېلىۋالىدۇ. ئۈستىگە قارا كۆرپىدىن تىكىلگەن كىچىك تەلپەك كىيىۋالىدۇ.بۇ خىل شەكىلدە ياسانغاندا ئاياللار تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنىدۇ.ئاق لېچەك-كۆككە،پارلاق دۇنياغا، قارا پەرىجە-يەر-سۇ ، قاراڭغۇ دۇنياغا سىمۋول قىلىنىپ ،ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىككى دۇنيانىڭ ئارىسىدىكى يەر يۈزىدە ياشايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 

  1. «دەرەخ كۈلتۈ»

پەرىجىنىڭ كۆكرەك قىسمىدا ئوڭ ۋە سول تەرەپتە، يوپۇرماق شەكلىدە قىيىلغان 7 تال ياكى 9 تالدىن  ئۇدۇل قىلىپ چەش رەڭلىك جىيەك تۇتىلىدۇ.

بۇ جىيەكلەر دەرەخقە چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا بۇ جىيەكلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە بىر دانە بۈك باراقسان ئۆسكەن دەرەخنى خاتىرلەتسە ، ئاق لېچەك سالغان، قارا پەرىجىلىك ئايال خۇددى ئورمان ئىچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بوستان چاچلىق «دەرەخ مەلائىكى» غا ئوخشايدۇ.

جىيەكلەرنىڭ سانىنىڭ  7 ياكى 9 تال بولۇشى ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاسىيەتلىك سان ئەقىدىسىنىڭ ئەكس ئېتىشى بولۇپ، بۇ سانلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر دېتاللىرىدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

 

 

جاۋاب يېزىش