باش كىيىملەرگە قۇش پېيى قىستۇرۇش ئادىتى ھەققىدە

 

 

 

زۇلھايات ئۆتكۈر

 

قۇش پېيى تاقاش دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ، تۇتېم قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ شەكلىدە ياسىنىش دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىپتىدائىي قوۋملاردا ئورتاق بولغان ئادەتلەردىن بىرى. باش كىيىملەرگە قۇش پېيى تاقاش تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ بولغان.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا باش كىيىم مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، قىز –ئاياللار چېكىسىگە گۈللەرنى قىسىپ، باشلىرىغا پەر-مامۇقتىن ئوتۇغاتلارنى تاقىسا، ئەرلەر قالپاقلىرىغا چاغىر-تۇغرۇل قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى قادىۋالىدىغان ئادەتلەر بولغان. ئۇيغۇرلاردا ھازىر بۇ خىل قۇش پېيى تاقاش ئادىتى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن سەھنە كىيىملىرىدە باش كىيىملەرگە ۋە تاجلارغا پەي تاقاش ئادىتى مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ ساقلىنىپ قالغان شەكلىدىن ئىبارەت.

لوپنۇر رايونىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىزغىقىغا، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان كرورەن قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىكى  قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەردىن بىرى بولغان  «كرورەن گۈزىلى» دەپ نام بېرىلگەن ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا،  قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئىگىز ئۇچلۇق يۇڭ توقۇلما بۆك كىيگۈزۈلگەن ، بۆكنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان .ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك يۇڭ يىپتىن قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما يۆگەلگەن، پۇتىغا بۇغا تېرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىيگۈزۈلگەن.

زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان  قەبرىلەردىىنمۇ قارا قوڭۇر رەڭلىك كىگىز قالپاق قېزىۋېلىنغان ۋە گىرۋەكلىرى ئارقىسىغا قايرىلىپ، ئارقا تەرەپنىڭ بىر بىرىگە ئۇلانغان چېكىنى بويلاپ ھەر قاتىرى 14 تالدىن قارا موي باستۇرۇپ تىكىلگەن.

5-نومۇرلۇق قەبرىدىن ئاق رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان ئۇچلۇق تور بۆك تېپىلغان بولۇپ، بۆكنىڭ ئۈچ تەرىپىگە ئاق رەڭلىك پەي قىستۇرۇلغان.

داڭلىق توقۇلما بۇيۇم مۇتەخەسىسى ۋىۋى سىلۋان(Vivi Sylwan) يەنە شۇ قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان 36-نومۇرلۇق قەۋرىدىكى ئايال جەسەتنىڭ باش كىيىملىرى توغرىلىق مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:بۇ جەسەت بېشىغا ئىچ باشلىق ۋە تاش باشلىقتىن ئىبارەت ئىككى باش كىيىم كىيگەن،ئىچ باشلىق ساغۇچقا مايىل يۇڭدىن توقۇلغان بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە باشقا چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھەم قۇلاقنى يېپىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىگىزلىكى تەخمىنەن cm27كېلىدۇ. تاش باشلىقمۇ ناھايىتى ئىسىل كىگىز قالپاق بولۇپ، توقۇلىشى دېگەندەك سىلىق بولمىسىمۇ لېكىن چىڭ ۋە مەزمۇت ئىدى.ئۈستىدە قىزىل رەڭلىك چۇچىسى، بۇلغۇن تېرىسى ۋە ئۇزۇن پەيلەر قاتارلىق زىننەتلىرى بارىدى.

كرورەن ئەتراپىدىكى بەزى جايلاردا مەسىلەن چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن قورساق قىسمىغا پەي قويۇلۇپ دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر تېپىلغان.بۇ خىل قورامىغا يەتكەنلەرگە پەي قىستۇرۇلغان كىگىز قالپاق كىيگۈزۈپ دەپنە قىلىش ئادىتى ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن تېپىلغان قەبرىلەردىمۇ كۆرۈلگەن.

 ئۇچار قۇش تۇتېمى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ تۇتېمىدا خېلى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. جۈملىدىن ، تۈرك كۈلتۈرىدە قۇشلار مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، بەزى ئېتىقاد سىستېمىلىرىدا، تۇتېم، داستان، چۆچەك ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھەر تۈرلۈك قۇشلار تەسۋىرلىنىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قۇشلاردىن بۇلبۇل، قارلىغاچ، كەپتەر، تۇمۇچۇق، كاككۇك ۋە قارا قۇشقاچ قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار خاسىيەتنىڭ بىشارىتى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

«جامىئۇت تەۋارىخ» تە 24 ئوغۇز ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن تۇتېم قۇشى بولۇپ،شۇڭقار، بۈركۈت، قارىغوجا، قۇرغۇي ۋە لاچىن قاتارلىق قۇشلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ «ئونگون» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى  ، شۇنداقلا  ھەر بىر قۇشنىڭ بىر ئۇرۇققا سىمۋول قىلىنغان بايراقلىرى بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قوۋملىرىدا قۇش تۇتېمىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋرىدە خان-ئەمەلدارلار ئۆز ناملىرىنى ھەر خىل يىرتقۇچ قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتاپ ، ھۈرمەت نامى قاتارىدا قوللانغان. مەسىلەن، چاغرى تېكىن(بۈركۈت)، سار تېكىن، ئارسلان تېكىن، بارسخان ….دېگەندەك.

باش كىيىملىرىگە قۇش پېيى قىستۇرۇ ش توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.قۇش پېيى قىستۇرۇش ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەردە ئوخشىمىغان مەنالارغا سىمۋول قىلىنىدۇ:

  1. ئارىيانلار ئۇچقۇر ئات ئىنساننىڭ روھىنى جەننەتكە ئېلىپ چىقىدۇ 

 دەپ قارايتتى.ئۇچقۇر ئاتلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەپسانىلەردە ئات قۇش بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇلار قۇشنى ئۇچۇۋاتقان ئاتنىڭ ئوبرازى دەپ دەپ قارىغان.بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئۇچلۇق بۆكلەرگە قىستۇرۇلغان قۇش پەيلىرى ئەمەلىيەتتە روھنى جەننەتكە ئېلىپ چىققۇچى قاناتلىق ئاتلارنىڭ پەيلىرى بولۇشى مۇمكىن.

  1. قىزىل تېرىلىك ھىندىيانلاردا باشلىرىغا نۇرغۇنلىغان قۇش پەيلىرىنى تاقىۋالىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ خۇددى مايا ئۇيغارلىقىدا قۇش پېيىنىڭ يورۇلۇققا سىمۋول قىلىنغىنىغا ئوخشاش مەنادا بولۇپ، ھىندىيانلاردا قۇش پېيى قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان.جامېس چېرچۋاردنڭ ئۇلۇغ مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشلىرىدا ئۈچ خىل رەڭلىك قۇش يېيىنىڭ دۆلەت سىستېمىسىدا رول ئوينايدىغانلىقى، يەنى سېرىق رەڭلىك پەينىڭ خانلىق مەنسەپكە، كۆك رەڭلىك پەينىڭ راھىپ كالانلارغا، قىزىل رەڭلىك پەينىڭ ئەسكەر قوشۇنلارغا سىمۋول قىلىنغانلىقى بايان قىلغان. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھىندىيان ئەسكەرلىرىدىكى جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇن بېشىدىكى قۇش پەيلىرىنىڭ ئۇچىنى قىزىلغا بوياش ئادىتىمۇ مۇ قۇرۇقلۇقى دەۋرىدە ياشىغان ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ئادەتتۇر.
  2. خىتاي  مەدەنىيىتىدە بولسا، خىتايلارنىڭ ئەپسانە رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن  قۇش پېيىنىڭ «كۆككە چىقىش» مەناسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 
  3. شامان دىنى ئەقىدىسى دۇنيادىكى  كۆپلىگەن خەلقلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا قۇش ۋە قۇش پېيىگە باغلىق بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسى شامان دىنى بىلەن باغلىق دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت. شامان دىنىدا ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قۇشقا ئايلىنىدۇ دەيدىغان چۈشەنچە كەڭ تارقالغان چۈشەنچىلەردىن بىرى بولۇپ، شامانلارنىڭ داپلىرىدا غاز ۋە بۈركۈتكە ئوخشاش قۇشلارنىڭ رەسىملىرى بار.

شامان دىنىدا قوش باشلىق قۇشنى ئەتىۋارلاش ئەقىدىسى ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئەقىدە بولۇپ، شامانىزىمدا ئاي ۋە كۈننىڭ ئايلىنىشىغا قىلىنىدۇ. ئىپتىدائي ئىنسانلار ئارىسىدا، قوش باشلىق قۇشنىڭ بىر بېشىنىڭ قۇياشنى، بىر بېشىنىڭ ئاينى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغىنىغا ئىشىنىشتەك كۆزقارشلار مەۋجۇت بولغان. قۇياش پاتقاندىن كېيىن ئاي چىقىدۇ. شامانلار بۇ خىل قانۇنىيەتنى قوش باشلىق قۇش ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە كىشىلەر قوش باشلىق قۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاي ۋە قۇياش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلىگەن.قوش باشلىق قۇش شامان دىنىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، سىبىرىيەدىكى ئېۋىنكى مىللىتىدىن بولغان شامانلار كىيىمىگىمۇ قىزىل رەڭ بىلەن سىزىلغان قوش باشلىق قۇش تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن.

شامان دىنى ئەقىدە- چۈشەنچىلىرىدە يەنە ئالەم ئاسمان، تۇپراق ۋە جانلىقلار ياشايدىغان دۇنيادىن ئىبارەت ئۈچ قاتقا بۆلۈنگەن دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا قۇشلار ئالەمنىڭ ھەرقايسى قاتلىرى ئارىسىدا ئۆزارا توشۇغىچىلىق رولىنى ئويناپ، ھەرقايسى قىسىملارنى ئۆزارا باغلاپ تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. 

ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى سامپۇل ۋە خوتەن تەۋەسىدىكى نىيا خارابىلىقلىرىدىن تېپىلغان قېزىلمىلارنىڭ ئىچىدە ياغاچتىن ئويۇلغان قوش باشلىق قۇشنىڭ ھەيكەللىرى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 500-1000 يىللار ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دەۋر بۇ رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ شامان ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلغان دەۋرى ئىدى.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇچار قۇشلارغا بولغان ئۇلۇغلاش قاراشلىرى ئۇزاق ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ئەنئەنىۋىي ،مەدەنىيەتنىڭ تەركىۋىگە ئايلانغان  ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي جەريانلار داۋامىدا شەكىللەنگەن.

خەلقىمىز ئۆزلىرى ياشىغان تەبىئىي جايلىشىش شارائىتى ۋە ئىقلىمغا قاراپ ئەڭ بالدۇر ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قوۋملاردىن بولۇپ،تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە بەزى ھايۋان ۋە قۇشلارنى كۆندۈرۈپ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي فولكلورىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ، شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن ھېرىسمەنلىك ، قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، بارا-بارا شۇڭقار، لاچىن، بۈركۈتكە ئوخشاش قۇشلارنى ھاياتلىقتىكى تايانچ دەپ بىلىپ، ئۇلارنى ئۇلۇغلاش نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولغان. بۇ خىل سۇبېكتىپ ئاڭ ۋە قاراشلار تۇتېملىق ئېتىقادلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ خىل قۇشلارنى مۇقەددەس بىلىدىغان، ھەتتا تۇتېم قىلىپ چوقۇنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. 

مۆلجەر تاغ بويىدىكى قىياتاش رەسىملىرى بىلەن قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن  ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياۋايى قۇشلارنى كۆندۈرۈشى، تېۋىنىشى قاتارلىق ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ روشەن خاتىرىلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم –كېچەكلىرىدىكى بېزەكلەر ھەققىدىكى بايانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىدىن بولغان دىنلىڭلارنىڭ باشلىرىغا لاچىن قانىتىنى  قادىۋالىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇستا چەبدەس، چەۋەنداز ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

ھونلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان قەدىمىي قەبرىگاھلاردىن بىرى بولغان ئىچكى موڭغۇلدىكى قەبرىدىن تېپىلغان ئالتۇن –كۈمۈش بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە قارچۇغا شەكلىدە بېزەلگەن تاج تولىمۇ ئوبرازلىق بولۇپ، تاجنىڭ ئۈستىدە قارىچۇغا قانات كېرىپ تۇرغان، ئاستىدا بىر بۆرە تېكىنى ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئالتۇن چېكىلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئات، يولۋاس ۋە قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ موتىفى چۈشۈرۈلگەن. ئارخېئولوگلار بۇ تاجنى ھازىرغىچە بايقالغان ھونلارغا تەۋە بىردىن بىر تاج بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ھون دۆلىتىنىڭ تەركىبىدە دىنلىڭلارمۇ بارىدى، شۇڭا ھونلارنىڭ  قۇش تاجىنى تاقىشى ، ئۇلارنىڭ قۇشلارنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنىڭ  بىر يارقىن ئىپادىسى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىكى گەەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قۇش پېيىنى قاداش ئادىتى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن موللا مۇسا سايرامى(1836-1917) ئۆزىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى »ناملىق ئەسىرىدە:« يافەسنىڭ ئوغلى چىن، ئوغلى ماچىن ئۈچۈن بىر شەھەر بىنا قىلدى ھەمدە ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتىدى، ماچىن پەرزەنتلىرىگە بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەتتى. قۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دەيدىغان ناھايىتى چىرايلىق بىر قۇش بولۇپ، ئۇلار بۇ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە باشلىرىغا قىسىدىغان بولدى ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ جەڭلەردە مۇشۇ قۇشنىڭ پەي-قاناتلىرىنى باش كىيىمگە قىسىش توغرىلىق يارلىق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەت ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇ ئادەت مەنسەپدارلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا » دەپ بايان قىلغان.

مىلادى 809-يىلى ئاي تەڭرىلى بولمىش قامۇش بىلگە قاغان ئەلچى ئەۋەتىپ ، خىتايچە ئاتىلىپ  كېلىۋاتقان ئۇيغۇر نامىنى «خۈيخې» (回纥) دىن ئۆزگەرتىپ، «شۇڭقاردەك تېز يۈرىدىغان ھەم تېز ھۇجۇم قىلىدىغان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «خۈيخۇ» (  (回鶻  دېگەن نام بىلەن ئاتاشنى ۋە يېزىشنى ئۇقتۇرغان. دېمەك بۇ يەردىمۇ شۇڭقارغا بولغان يوشۇرۇن ئېتىقاد ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسىگە مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: «زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىننىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،ئارقىسىغىمۇ شۇنداق ئاتىدىكەن، زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ھەمدە ئۇيغۇرلار «ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دەپتۇ.».

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمىگە قۇش پېيى قاداش ئادىتىگە ئائىت پاكىتلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلاردىن ، بۇ خىل ئادەتنىڭ كرورەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى قوۋملارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇزاق يىللىق تەبىئەت بىلەن كۆرىشىش جەريانىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  1. 8.ئىمىن تۇرسۇن،«قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتى» 209-بەت
  2. 5. ئىلھام مۇھەممەت،«قەدىمكى كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەرتاپىدىكى رايونلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىدىكى بەزى ئورتاقلىقلار»،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2008-يىل 4-سان
  3. زۇلھايات ئۆتكۈر،«شىۋېتسىيەدىكى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى»، ئۇيغۇر تەتقىقات ژۇرنىلى، 2015-يىل 5-سان
  4. Adem Öger, Serkan Köse (2014). “Uygur Kültüründe Tufan’ın Kuşları: Kırlangıç ve Güvercin“,  Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi.
  1. http://www.mistikalem.com/mitoloji/kus-tuyu-hangi-inancta-neyi-simgeler-haberi-1234

 

  1. 刘政“《双头鸟与萨满崇》,Joumal of Weinan Normal University, 2015.7

 

  1. موللا مۇسا سايرامى،«تارىخى ھەمىدى»،1986-يىلى 51-بەت
  2. ئىمىن تۇرسۇن،«تارىمدىن تامچە»،1990-يىل
  3. مەھمۇد كاشىغەرىي، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم،151-153بەت 

 

جاۋاب يېزىش