ئۇيغۇرلاردا «دوپپا مەدەنىيىتى»

 خەيرىنىسا  ياسىن                                                                                                                                     

                                          


                ‎          ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ سىمۋولى بولغان دوپپا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيلىك ئورنى بولغان قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تۆت كوچىسىغا ئوخشايدىغان ناھايتى مۇھىم تارىخىي ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ  رەڭدار، كۆركەم، كوپ قىرلىق مەدەنىيەت بولغاچقا ، ئۇزۇن تارخىتىن بىرىقى ھەرخىل بوھران چاپقۇنلاردا يوقۇلۇپ كەتمەي، تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان  بىركۈچلۈك مەدەنىيەت ئېقىمىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ “ئۇيغۇرلۇق روھى”بىلەن مۇستەھكەم يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر دوپپىلىرى، بۇ بۇيۈك مەدىنيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىنى  بىزگە ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن نامايەن قىلىپ ، ئۇزۇن تارىخىي دەۋىرلەردىن تا ھازىرغىچە، شۇنداقلا يىراق كەلگۈسىگىچە بولغان ئۇزۇلمەس بىر مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك بىر ھادىسسە بولۇپ  مەڭگۈلۈك ئابىدىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى نامايەند قىلماقتا.

ب دوپپىنىڭ تەۋەلىگى بولغان ئۇيغۇرمەدەنىيىتى، مەيلى قايسى دەۋىردە بولمىسۇن،  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان  ۋە ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىنى ساقلاپ كەلدى. دوپپا ئۇنىڭ ئەڭ جەزبىدار ئىپادىسى. بىز ھەر- قانداق بىر تارىخى  پاكىتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمنىڭ تولىمۇ رەڭدار ۋە گۈزەل ئىكەنلىگىگە ئائىت ئىسپاتلارنى تاپالايمىز.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باش كىيىم مەدەنىيىتدە دۇنيادىكى ھەر-قانداق بىر مىللەتلەردە تېپىلمايدىغان ناھايىتى يۈكسەك بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

 
      ئۇيغۇر باش كىيىمىنىڭ پەسىللەرگە قاراپ تۇرى ۋە شەكىل  جەھەتتىكى پەرقى، شۇنداقلا ھەر قايسى رايونلارنىڭ باش كىيىمىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىغىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر پەخىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.
ئۇيغۇر باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن قىشلىق تەرە تۇماق، سىدام دوپپا، گۈللۈك دوپپا دەپ 3 تۈرگە بولىنىدۇ(1).

 
‎بولۇپ، تۇماق ،دوپپىلار ئوز نۆۋىتىدە، رايونلارنىڭ يەرلىك پۇراق بىلەن  ئۆزگىچە روشەن پەرقلىق.
تۇماق ۋە دوپپا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ شەكىل ۋە قۇرۇلمىسى ، بېزىلىشى جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ(2). مەيلى قايسى خىلدىكى تۇماق ۋە ياكى دوپپا بولسۇن قايسى تەرەپتىن قارىسىمۇ شۇنچىلىك نەپىس ۋە سەنئەتلىك، شۇنچىلىك گۈزەل ۋە كۆركەم.

 
‎      قۇلى گۈل ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە “دوپپا”نىڭ تۇرى ۋە بېزەكلىرى رەڭگارەڭلىگى ۋە تۈرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ھەقىقەتەن كوزېنى قاماشتۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دوپپىسى يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللىك دوستلارغا سوۋغات سۈپىتىدە  بېرىلىدىغان قىممەتلىك ماددىي بۇيۇم سۈپىتىدىمۇ ياخشى رول ئوينىماقتا.
      ئەرلەرنىڭ دوپپىسى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان دوپپا بولسا،”بادام دوپپا“ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ . “بادام دوپپا”دىكى تۆت بادام بىلەن جىيەكلىرى گۈمبەز شەكىللىك ، گۈل نەقىش كەلتۈرۈلزگەن ئاق مەشۇت بىلەن تىكىلىدۇ(3).

 
‎      ئاياللارنىڭ دوپپىىلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان دوپپا بولسا، مارجان دوپپا ۋە كەشتىلەنگەن دوپپا دەپ قارىلىدۇ. قەشقەر ھەيىتگاھىنىڭ يېنىدىكى دوپپا بازىرى خۇددى رەڭگە-رەڭ گۇلدېن بىزەلگەن باغچىغا ئوخشايدۇ(4). 

 
‎    «دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن «تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ(5).»
‎     دوپپا ئۆزىنىڭ نەپىسلىگى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. بىز “ئابدۇللا ئابدىريىمنىڭ » تىلەك «دېگەن ناخشىسىنى ئورۇنداش ئۇچۇن سەھنىگە چىقىپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلغان چاغدىكى بېشىغا كەيگەن بادام دوپپىسىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز. ئۇ چاغدا كىيگەن بادام دوپپىنىڭ “بادام”نىڭ ئورنىغا “ئاي يۇلتۇز” ئالماشقان. ئەجىبا بۇ بىر تەسادىبىيلىقمۇ؟


      ئۆتمۈشتىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ  قايسى بىر ئۇلۇغلىرىمىز دوپپىسىنى بەشىدىن ئالغان دەيسىز؟!!   مەخمۇت قەشقەردىن ئەل فارابىغىچە، ئەخمەتجان قاسىمى، مەمەت ئىمىن بۇغرا ، مەشھۇر تارىخچى تۇرغان ئالماس ئەپەندى ، نىزامىدىن ھۇسەيىن ئەپەندى، ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىم قاتارلىقلار ۋە ھاياتلاردىن غۇلامىدىن پاختا ئاكا قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇرلىرىمىز بادام دوپپىنى ئۆمرى بويى ئەتىۋارلاپ كىيدى.

 
    ھەر يىلقى يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىنى دوپپا بايرىمى قىلىپ بىكىتىشنى 2010- يىلى ۋەتىنىمىزدىكى ياشلارنىڭ كۈچلۈك تەلۋىگە بىنائەن، شۇ چاغدىكى مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرىدىن پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىدىن پىراففىسور ئابدۇبەسىر مۇئەللىم، پىراففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم ۋە شۇلار باشچىلىغىكى  نۇرغۇن سويۇملۇك  ئۇستازلىرىمىزنىڭ ”دوپپا بايرىمى” خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى تورلاردىن كۆردۇق. ھەممىمىز بۇ ئىشتىن كوپ خۇشال بولدۇق ۋە سويۇندۇق. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇ كۇننى قۇتلۇقلاش ئۇچۇن دوپپا كىيىپ رەسىمگە چۈشۈپ، ئوز-ئارا دوپپا بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئىشى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندى.
        مېنىڭچە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئەگە باش كىيىمىمىزنى يىلدا بىر قېتىم رەسىمگە چۈشۈش بىلەن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ھەر-خىل سورۇنلارغا بارغاندا بېشىمىزغا كىيىش ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلاتلارغا خۇددى ئەجداتلىرىمىزدىن قانداق ئوتكۇزۇپ ئالغان بولساق ، شۇ پېتى ئوتكۇزۇپ بىرىش بىزنڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىمىزدۇر، ئەلۋەتتە. نەگە بارساق ئاسانلا شۇ يەرگە سىڭىپ كەتمەستىن، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە بولمايلى، ئۇيغۇر ئوزلۇگى ۋە كىملىگىدىن نەقەدەر پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ياشايدىغانلىغىمىزنى ئوز ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىپادىلەپ، پەرزەنتلەرنىڭ
 باش كىيىملەر ۋە بۇگۈنكى كۈندىكى دوپپىلارنىڭ ھەر-بىر تۇرى، ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن مەن دوستلارغا»ئالتۇن يارۇق» تور بېكىتىگە قويۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ،”ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى” دېگەن كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن..
      ئاخىردا پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ “دوپپا بايرىمى» نى چىن دېلىمدىن تەبرىكلەيمەن.


پايدىلانغان ماتىرياللار:
(1). < ئۇيغۇر ئورپ-ئادەتلىرى >  ئاپتورلىرى: ئابدۇكەرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ،شىرىپجان ھۇشتار. 

 . شىنجاڭ ياشلار-ئوسمۇرلەر نەشىرياتى  1996-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۇنى نەشىرى

(2).ئوخشاش.

(3). ئوخشاش.

(4).ئوخشاش.

(5).ئوخشاش.

جاۋاب يېزىش