ئانامنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى خاتىرىلىرى

 

 

(ئاپام خەلچەم تىلەشىۋا ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا بېغىشلايمەن )

زۇلھايات ئۆتكۈر

ئاپامدىن ئايرىلغان شۇ زۇلمەتلىك كۈندىن بېرى ئۇنىڭدىن قالغان بارلىق تەئەللۇقات ۋە خاتىرىلەر بىلەن يۈزلىشىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلدىم. بۇ بەلكىم، باشقىلارنىڭ ئۆز يېقىنلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، مەرھۇم بولۇپ كەتكەن شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن بارلىق خاتىرىلىرىنى يېقىندىن سىنچىلاپ قاراشلىرى ياكى بۇرۇنقىدىن بەكرەك دىققىتىنى بېرىپ قەدىرلىشىدەك ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا سەل غەيرىرەك تۇيۇلىدىغان ئەھۋال ۋە پىسخىكا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ، ئامالىم يوق، خاتىرىلەرنى قولۇمغا ئالغىنىمدا تېخىمۇ بەك ئازاپلىنىدىغىنىمنى بىلەتتىم، شۇڭا ئازابتىن  ۋە رېئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرغىنىمدۇر ئەتىمالىم. 

ئاپامدىن قالغان بەزى خەت-چەكلەردىن تىپىك بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرە –چەۋرىلىرىنى تەربىيەلەشكە سىڭدۈرگەن مېھرى ۋە زېھنىنى  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» دەپ ، بىر ئانىنىڭ سۆيگۈسىنىڭ دۇنيانى تىترىتىشكە قۇربى يېتىدىغانلىقىغا ۋە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشەندىم .

بۈگۈن ئاپامنى سېغىنىپ ۋە ئەسلەپ، ئىشكابىمدىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا يازغان «بۇ دەپتەر قىزىم زۇلھاياتقا ئائىت» دەپ بېغىشلىما يېزىلىپ تەييارلانغان ، ئىچى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تۈرلۈك بىلىم مەبەلىرىدىن توپلانغان ئىككى دانە خاتىرە دەپتەر ۋە بىر باغلام سالام خەتلىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم. خەتلەر گەرچە نورمال سالام خەت شەكلىدە يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىر ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى ئۆزى مەسئۇلىيەت دەپ بىلگەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەققىدىكى بىر مىراس،بىر خەزىنە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ۋە ئەجداتلىىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئاخىرقى ئۈمىدى ۋە نىداسى دەپ چۈشىنىشكە بولاتتى. 

ھەممە ئانىلار پەرزەتلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانى ۋە پىداكار كىشىلىرىدۇر. شۇنىڭ قاتارىدا ئاپام خەلچەم تىلەشىۋامۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ، ھايات يولىدىكى  تۈرلۈك  تەتۈر شاماللارنىڭ سەۋەبىدىن سەرسانلىق ۋە دىشۋارچىلىقتا ئۆز ھالال جۈپتى  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ھەمراھ بولۇپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلەرنى بىرگە تارتقان، مىللەتنى ئويغىتىش ۋە مەنىۋىي ھايات بېرىشتە مەشئەل ياققان بۇ ئەدىپ، شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ ھايات ۋە ئىجادىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان بىر خانىم ئىدى. 

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نەشردىن چىققاندا دادام ناھايىتى خوش بوپ كەتكەن ئىدى»ئاللاھقا شۈكرى، يائاللا، بۇ كىتابنى خۇددى بالامنى كۆتۈرگەندەك شەھەرمۇشەھەر كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، تىقىپ ساقلاپ يۈرۈپ بەكمۇ ئەنسىرىگەنتىم.ھېلىمۇ بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى دېگەن سۆزلىرى ئېسىمدە. بۇ ھەقتە ئائىلىمىزنىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسى بار:1949-يىلى ئۈچتۇرپاندىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ئۆيدىكى بەزى كىتاپلارنى تاشاخۇن دېگەن كىشىگە ساقلاشقا ھاۋالە قىپتىكەن.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتە ، ئۆي ئاختۇرۇشلار دائىم بولۇپ تۇراتتىكەن. بۇ كىتابنىڭ ئارىسىدا «غ ئۆتكۈر »دېگەن ئىمزا قويۇلغان دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك مۇ باكەنتۇق.ئۇ كىشى كىتاپلارنى تامنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ساقلىغانىكەن.كېيىن 1955-يىللىرى سەيپىدىن ئەزىزى كىتاپنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ.ئاپىمىز تاشاخۇن ئاكىغا بىر باغاقچە يېزىپ كىتاپنى سۈرۈشتە قىلغان كىشىلەرگە بېرى توغرىلىق بارمىقىنى بېسىپ باغاقچە يېزىپ بېرىپتۇ، شۇندىن كېيىن ئۇ كىتاپنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچ خەۋىرى بولماپتۇ. 1978-يىىلى ئابدۇرېىم ئۆتكۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ، ئابدۇسالا م ئابباسوۋ قاتارلىقلار بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن كىتاپنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى ئېچىپ دادام ئۆزىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئاشۇ كىتاپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلانغانىكەن.ئۇقۇشۇمچە ئۇ كىتاپ ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى  مۇزىيغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا ئائىلىمىزنىڭ بولۇپمۇ قەيسەر، قورقماس ئاپىمىزنىڭ رول ئوينىغىنىدىن مەنمۇ ناھايىتى خوش بولدۇم.

مەرھۇم دادام ۋە ئاپاملارنىڭ ھاياتى ۋە ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر قېرىندىشىمىز ئۇلار ھەققىدە ئاۋتوبىئوگرافىيە يېزىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، ئىنشائاللاھ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ ئەسلىمىدە مەن پەقەتلا ، كىچىك دائىرىدە ئۇنىڭ ماڭا يازغان خەت چەكلىرى ھەققىدىكى نۇقتىدا توختالماقچى. 

ئاپامنىڭ خېتى ماڭا ناھايىتى دانلىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنەتتى، مەن ئۇنى دورىيالمىدىم،خېتىم چىرايلىق ئەمەس. ئاپامنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ 2013-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان » مەرھۇم قەدىناسىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: « 1950 –يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىم يەنە بىر قېتىم سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىسىدە ئالتە ئاي ياتقاندىن كېيىن ، سىياسىي قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە رىجىم ئاستىدا تەرجىمانلىق قىلدى. كېيىن 1953-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە نۇرغۇن پىرىنسىپال خاتالىقلار كۆرۈلگەندىن كېيىن ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆتكۈرنى «شىنجاڭ گېزىتى» تەرجىمە –تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكەيدۇ.كۆپىنچە كىشىلەر ئۆتكۈر ئەپەندىنى پەقەت يازغۇچى، شائىر دەپلا تونۇيدۇ. ئەمما، ئۆتكۈر ئەپەندى يېتىلگەن ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىز بىر بۆلۈمدە ئىشلەيتتۇق . ئۆتكۈر ئەپەندىم تەرجىمە ئىشلىرىنى جان –دىلى بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە باشقا يولداشلار ۋە ياشلارغا تەرجىمىنى جانلىق ، ئاممىباپ تەرجىمە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى، گېزىتنىڭ پۈتۈن ماقالىلىرىنى ئۆزى باشتىن –ئاخىر سېلىشتۇرۇپ چىقاتتى. باشقىلار سەككىز سائەت ئىشلىسە،  ئۆتكۈر ئەپەندىم رىجىم ئاستىدا بولغاچقا  ئون سائەت ھەتتا بەزىدە 12 سائەت ئىشلەيتتى……..»

ئۇنىڭ  ئۆز قولى بىلەن كۆچۈرۈپ ماڭا سوۋغا قىلغان «ئىلى سۇلىرى» ناملىق دادامنىڭ بىر پارچە شېئىرىمۇ مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا تارالغانىدى. بۇ ئىككى خاتىرە دەپتەرنىمۇ ، كۆپلىگەن كىتابلاردىن ئۈزۈندە ئېلىپ، ئېرىنمەستىن قولى بىلەن يېزىپ ، كۆچۈرۈپ توشقۇزغانىدى. 

خاتىرىگە يېزىلغان خەتلەر ناھايىتى چىرايلىق ۋە دانلىق ئىدى. يۇقىرىدىكى بايانغا ئاساسلانغاندا ۋە بىزگە سۆزلەپ بېرىشىچە ئەينى ۋاقىتتا دادام بىلەن « شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا ئىشلىگەن ۋاقتىدا كوررېكتورلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپتىكەن. شۇڭا ئىملاسى توغرا ۋە خېتى چىرايلىق بولۇشى مۇمكىن . 

گەپنى سالام خەتلەردىن باشلىساق، ھەر قېتىملىق سالام خەتتە ئاپام بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سورىغاندىن باشقا يەنە ئوغلۇمنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى،ئوغلىمىزنى تەربىيەلەش، مەيلىگە قويۇۋەتمەي، ئەركىلەتمەي چوڭ قىلىشىمىز، ۋاقتىمىزغا بالىغا ئاجرىتىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ، ئۇنىڭ ئەقىللىق ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياڭاق، كۈنجۈتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەتلىرى بار ئىدى. ھەتتا بىر پارچە خېتىدە كۈنجۈتنى ئىستىمال قىلىش ھەققىدە مۇنداق يازغانىدى: 

«خالتىغا تۆت قاپ پىششىق كۈنجۈت سېلىپ قويدۇق. ئۇدۇللۇق قاچىغا بىر قوشۇقتىن سېلىپ، ئۈستىگە ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىرى بىر –ئىككى قوشۇقتىن يەپ بەرسە پايدا قىلىدىكەن، كۈنجۈت ئىسسىق نەرسە ھەم ئۇنىڭ تەركىۋىدە سىنك ماددىسىمۇ بار ئىكەن. نىھات يېگىلى ئۇنىمىسا ، يالغۇز كۈنجۈتنىلا يېسىمۇ بولىدۇ»

بالا تەربىيەسىگە ئائىت يەنە مۇنۇ قۇرلارنى سىلەر بىلەن بەھرلەنگىم كەلدى:

» نىھاتقا تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بار ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى ۋە گەپ سۆزلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار. شېئىرلارنى يادلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئۈستۈن بولىدۇ. يۇقىرىدا مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ساغلام بولغاندىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزەڭلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىڭلار. قول تېلېفۇنىنى كۆپ ئىشلەتمەڭلار. ھەر ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى، كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماڭلار، يېمەك –ىچمەككە دىققەت قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىسسىق تۇتۇڭلار، پۇتنى ئىككىنچى يۈرەك دەپ ئاتايدىكەن. پۇتۇڭلارنى بىر كۈن توختاپ بولسىمۇ ئىسسىق سۇغا 15-20 مىنۇتلار ئەتراپىدا چىلاپ بېرىڭلار، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىكەن. دەم ئېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭلار. كەچكىچە ئۆزگىلەرنىڭ ئىشى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار.»

ئوغلۇم نىھاتنى ئۈچ ياشقا كىرگۈچىلىك ئاپام بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ بىللە باققان ئىدۇق، شۇڭا ئوغلۇمغا ئالاھىدە مېھرى بار ئىدى. ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ۋە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئاپام ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش ھازىر ئويلىسام مەندە شەكىللىنىپتۇ. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پەرزەتلىرىمىزنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيەتى ، تارىخىنى تونۇشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان غەملىرىمىز، تىپىرلاشلىرىمىز ۋە ئەجر سىڭدۈرۈشلىرىمىز ھەممىسى ئەسلىدە ئانىلىرىمىزدىن قالغان غەم ئىكەنتۇق. بۇرۇن دادام نەۋرىلەرگە نەسىھەت قىلغىنىدا «قۇتادغۇ بىلىك» تىن مىساللارنى ئېلىپ ھېكايە تەرىقىسىدە سۆزلەپ بېرەتتى. ئاپام خېتىدە مۇنداق بىر بېيىتنى مىسال كەلتۈرۈپ يېزىپتۇ:

» ئەۋۋەل بالاڭنى ئۆزەڭگە بوي سۇندۇرۇشنى ئۆگەن،

ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆگەتمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئۆگەت».

دەپتىكەن بىر دانشمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نىھاتنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەركىلەتمەي دېگىنىنى قىلىپ بەرمەي ئۆگىتىڭلار. ئورۇنلۇق تەلەپ بولسا ئەلۋەتتە قىلىپ بېرىش كېرەك. نىھات بۇيىل ئامال بار ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىۋالسۇن، ئاندىن ئېنگىلىزچىلەرنى ئۆگىنەر. بولمىسا چوڭ بولغانچە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغانغا ۋاقتى چىقمايدۇ. سىلەردەك ئۇقۇمۇشلۇق بالىلىرىمىزنىڭ بالىسى ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىسە قانداق بولىدۇ. نىھات ئۇيغۇرچىنى ئوقۇيالىغىنى بىلەن تازا جاراڭلاپ ئوقۇيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى مەشق قىلسۇن. كۈندە بىرەر ۋاراق خەت كۆچۈرۈپ بەرسە ئاسانلا ئۆگىنىپ قالىدۇ. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىسە قانداق بولىدىغانلىقىنى چىرايلىق يوللار بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، بۇ جەھەتتە ئەنۋەر كۆپ كۈچ چىقارسۇن، دادا نازارەتچىلىلىك قىلىپ بەرسە ياخشى.

«زۇلھايات، خەتتاتلىق ھەققىدىكى بىر كىتابنى سېلىپ قويدۇق، مۇھىم كىتاب، يوقىىپ قويماڭ، نىھاتقا ئۆگەتسىڭىزمۇ لازىم بولىدۇ. پايدىلىق ئەقلىيە سۆزلىرىمۇ بار ئىچىدە، يەنە بىرسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرىمۇ باركەن، سىزگە ياردىمى بولىدۇ، ھەرھالدا ئۇ يېزىقنى تونۇپ قويسىڭىز ياخشى.دادىڭىزنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى سېلىپ قويدۇق، نىھاتقا يادلىتىپ قويۇڭ، زېھنىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدۇ، بوۋا مومىسىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇڭ، بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، مېنى ئۇنتۇپ قالسا ماڭا بەك ئەلەم بولىدۇ(چاقچاق)»

يىغىنچاقلىغاندا، خەت-چەكلەرنى يىغسام بىر سالامەتلىك قامۇسى، پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى ۋە مېھىر مۇھەببەت بۇلىقى بولالايتتى.

يەنە بىرى مەن ئۈچۈن ئاتاپ يېىزىلغان ئىككى خاتىرە دەپتەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر داڭلىق شەخسلىرى، ئۇيغۇر تارىخى، خەلق ناخشىلىرى ، ئەقلىيە سۆزلەر،  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ئاتاپ يېزىلغان تاللانغان مەرسىيەلەر، «ئىز رومانى» نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىرات ، خەت-چەكلەردىن بىر قىسىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولاتتى.

ئاتاقلىق شائىرلاردىن روزى سايىت ۋە مەمتىلى زۇنۇننىڭ مەرسىيەسىنى قېرىنداشلار بىلەن ئايرىم بەھرلىنىشنى لايىق كۆردۈم. تۆۋەندە شۇ خاتىرىدىن  مەمتىلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى سۇنىمەن، بۇرۇن مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغانمۇ خەۋىرىم يوقكەن.

تۆمۈر خەلپە ئاۋازى

(ئىز رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)

مەمتىلى زۇنۇن شېئىرى

 

جاھالەت ئەجدىھاسى سوزدى چاڭگال ئۇشبۇ تۇپراققا،

باھار ۋەسلىگە تەلپۈنگەن غازاڭىق باغۇ يايلاققا.

پىغانلار ئىلكىدە قار لەيلىسى –خانتەڭرى زىباسى،

زىمىستان ئۈشۈكى نەشتەر ئۇزاتقاچ ھەر يوپۇرماققا.

جاپاكەش ئەل دېدى: يوقمۇ پايانى سەۋرى تاقەتنىڭ،

بولۇپ غاپىل ياتامدۇق بىز ئېسىپ خەنجەرنى بەلباغقا؟

نەھاجەت ئۆرتىنىش خۇمدانىدا ھەسرەت پۇشايماننىڭ ، 

ئىگىلمەس بوينىمىز چۈشكەن چېغى ئارامچا سىرتماققا؟

كۆڭۈلدە پارلىدى مەشئەل تىلەك ئارزۇسىدىن ئەلنىڭ،

شۇ مەشئەل نۇرى ئايلاندى قاراڭغۇ تۈندە چاقماققا.

كۆتەردۇق جامىنى قالتىش زەپەرنىڭ بۆك ئېتىپ كۆككە.

بالاخور يەتتە باشلىق يالماۋۇز پاتقاندا پاتقاققا.

ئىسىت –ئەپسۇس !..»پەرى» گە ئايلىنىپ ئۇ يالماۋۇز ئىبلىس.

تۈمەنمىڭ سېھرى ناز بىرلە چۈشەردى بىزنى قىلتاققا.!

ھەقىقى ئەپتىنى كۆردۇق،«نازاكەتلىك پەرىزات»نىڭ،

زەھەرلىك مىخ، قىزىل زىخلار قېقىلغان چاغ تىرناققا.

ساۋاق ئالغاي پۇشايمان ئاھىمىزدىن نەسلىمىز بىزنىڭ. 

ئەقىل-ئىدرەك بىرلە بېقىپ تارىخىي ۋاراققا.

1986-يىل 27-ئاۋغۇست قەشقەر

 

ئاپام خېتىدە يەنە بىر تەسىرلىك ۋەقەنى بايان قىپتۇ. قەشقەردىن تۇرسۇن  ساۋۇت ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالىمى ۋە بىر پارچە مەدھىيە شېئىرنى كونۋېرتقا سېلىپ، خەتنى قايسى ئاردېسكا يوللاشنى بىلەلمەي، كونۋېرتنىڭ تېشىغا مۇنداق يېزىپتۇ:

بۇ خەت تېپىلماس گۆھەر «ئىز» ناملىق روماننىڭ يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە تەگسۇن.پوچتالىيون دوستلار ، ئېغىر كۆرمەي يۈرەك سۆزلىرىمىزنى مۇئەللىپكە يەتكۈزۈپ قويساڭلار، 1985-يىلى 27-نوبابىر» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر خەتنى پوچتالىيون بىزگە ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن يەنى 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇ خىل خەت چەكلەردىن 400 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تاپىلىغانىدى.

قالغان قامۇس كەبى قىممەتلىك مەنبەلەرنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ، كۇمراجىۋا ھەققىدە، ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى،«تۇرا قوشىقى» ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى، چىڭگىزخان،ئىپارخان، ناۋائىي،بابۇر، ئوغۇزخان نەسلى، ھونلار تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان يازمىلار ئىدى. 

ئاپامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مېنىڭ تەربىيە ۋە بىلىم ئېلىشىم ئۈچۈن ئاتا-ئانام ئاخىرقى نەپسىگىچە كۈچ چىقىرىپتىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز، لېكىن بىزگە قالدۇرغان پەندى –نەسىھەتلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلىسەك ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئىجرا قىلساق ئۇلارنىڭ روھى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي!

2020-يىل 12- يانۋار

 

جاۋاب يېزىش