چاقىر مىنى

ئاپتورى: ئۆزبىكىستان شائىرەسى نادىرە ئافاقوۋا

 

چاقىر مىنى ئىسمىمنى ئەيتىپ،

پارچە – پارچە بولسۇن بۇ تۈن، بۇ شۇبھەم،

ئېھتىمال يۈگىدى ئۆمرۈمىز ئۆتۈپ،

بەلكى، بىر دەقىقە قالدى،مەھبۇبەم.

 

سەنسىز ھاياتىمنى سورىما نىمە دەپ؟

ئەسلىرىمنى قايتىدىن ئەيلىمە خاراپ،

مىڭ يىل كوزىلارنڭ تۈۋىدە يېتىپ،

مۇڭلۇق بىر زەھەرگە ئايلانغان شاراپ.

 

شابىستان مۈلكىنى قىلدىغۇ بەرپا،

خەيىرسىز ئىستەكلەر، شەيتانى تۇيغۇ،

قوياشنىڭ يولىدا تۇرغاندەك گويا،

سايىگە چۆمۈپتۇ بىز تۇرغان ماكان.

 

ئىسراپىل سۈرىسىنى چالغاندىن كىيىن،

بىرگە بولالايمىز بۇ تەسكىن ئاچچىق،

تېخىمۇ ئۇزۇراپ كەتمەكتە كۈن، تۈن،

سەن ئۇنى پارچىلا ئىسمىمنى ئەيتىپ.

 

قولۇڭنى چۈشۈرمە مەن تەرەپكە سوز،

ئەيتالمىغان سۆزلەرنى تۇغىدۇ ئالەم،

پارچىلاپ بولالماس ئۇ كۆلكىنى ھەرگىز،

بىرگە بولماق كىرەك بۇ دۇنيادا ھەم.

 

كۆزلەرگە چېچىلغان شور تۇپراق ھەققى،

قېنىمىز ئاينىتقان تىترەكلەر ھەققى،

ئىسمىڭنى ئەيتاي دىسەم،

ئىسمىمنى ئەيتاي دىسەم،

ئوتتۇرغا تاشلانغان نىقاپلار ھىققى،

مۇقەددەس چاغلاردا ئۆزىمىز ئەيتىپ،

ئۆزىمىز ئىشەنگەن يۇلغۇنلار ھەققى،

ياشايلى ئۆمرۈمىز پۈتۈپ قەبرىگە،

]پەقەت بىر دەقىقە قالغىنى كەبى.

چاقىر مىنى چاقىر، ئىسمىمنى ئەيتىپ،

كۆزلەردە پارلىغان ئۆمۈرلەر ھەققى…

 

ئۆزبەكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: راھىلە كامال

جاۋاب يېزىش