سەرسان ئاشىق

ئاپتورى: ئۆزبىكىستان شائىرەسى نادىرە ئافاقوۋا

 

ئۆمرۈمنىڭ يەنە بىر قوياشى پۈتتى،

مەنە، ئەي قۇربانلىق سورىغان ئاسمان.

ئىسمى قىزىل دېڭىز قارشىدا ئىدى،

قوللىرىنى سوزۇپ كەلدى مەن تامام.

 

قوللىرىنى سوزۇپ پاتتىغۇ قوياش،

سىرلار شەربىتىدۇر تەڭرىمنىڭ مۈلكى،

قوي مىنى…

بەرمەيسەن نىچۇن ئاسايىش،

ئۇ قوياش،ئۇ دېڭىز سەن ئىدىڭ بەلكى.

 

ئېغىردۇن، ئېغىردۇر بۆھتان زەربىسى،

تىلەرمەن ئەسلەرنى ئۇنتۇشنى پەقەت،

بەزەن سۇنسا دەيمەن ئەقىل شولىسى،

سۇنسا دەيمەن قىلالماي تاقەت.

 

 

ماڭغۇدەك بىر كۈچ بار..كىمنىڭ قېشىدا،

نىمەدۇر جاھاندا ئەجەلدىن يامان،

مازارلىق كەبىي تىنىچ، سۈكۈتتە،

يوللار ئىللىققىنە سورىدى بىئامان.

 

ئۇنۇتماق ئۆمۈدى ياشنىتار مىنى،

بۇ يان ھەيدىدى سەبىر،ساداقەت،

قوياش،تۇغۇلماقنى ئۈگەت ھەركۈنى،

سۇنغان روھىمغا بىر يىڭى دالالەت.

 

تاغدەك تىك تۇرغان ئىلاھىي سۆزلەر،

مۇردەد فىراۋىننى چۆكتۇرگەن دېڭىز،

مەن سىزنى تونۇيمەن! يەڭمەي قايغۇلار،

مەڭگۈلۈك روىڭمغا قايتۇرۇڭ! ھەرگىز.

 

پاتقان قوياش ئۈنسىز بولاي جىم،

بىر تونۇش كۈي ئىچرە جىسمىم چىرايلىق،

ئاھ! ماڭا ئەگىشىپ كەلگەندۇ بەلكىم،

ئايلىنىپ تۇتاردەرۋىش،راققاس شاماللار:

«ئۆزى سۆيگەن ئاشىقلارنى سەرسان قىلۇرلەر!»

«ئۆزى سۆيگەن ئاشىقلارنى سەرسان قىلۇرلەر!»

 

ئۆزبەكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: راھىلە كامال

جاۋاب يېزىش