سۇمبۇل چېچىمىز ھەققىدە

 
سۇمبۇل چېچىمىز ھەققىدە

  ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرى سۇمبۇل چاچلىرى، بوستان چاچلىرى بىلەن تارىختىن ھازىرغىچە شائىر ۋە كۈيچىلەرنىڭ قىزغىن مەدھىيىسىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاياللىرى
چاچ تاراش، چاچ پاسۇنى، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىق پەردازلىنىش ئادىتىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكلەرگە ئىگە . قەدىمقى ئانىلىرىمىزنىڭ چاچلىرى ھەققىدىكى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن خاتىرە ۋە قېزىلمىلارغا قارىساق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپلا چاچقا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
لوپنۇر قەبرىستانلىقىدىكى 3000،4000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەبرىلەردىن تېپىلغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ، يېلىم چېپىپ ئۆرۈلگەن.
چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000،3000يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى يېلىملار بىلەن ھەرخىل ئۆرۈلگەن. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، گۈزەل چاچلىرىنى ئاسرىغان.
شاھانە ئەسەر <تۈركىي تىللار دىۋانى> دىمۇ چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ پاسۇنى، تاراش، ئۆرۈش شەكىللىرى شۇنداقلا بىلدۈرىدىغان مەنالىرىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك چاچلارغا بۆلۈنگەنىكەن.
  كوكۇلا چاچ
قىزلار ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقىچە سېكىلەك چاچ قويۇدىكەن. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدىكەن.
  قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ
قىزلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۇلارنىڭ چېچى 40 تال ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدىكەن. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن. قىزلارنىڭ چېچىنى 40 تال ئۆرۈش بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ 40 ساننى ئۇلۇقلاش چۈشەنچىسى بىلەن باغلىق بولۇشى مۇمكىن.
 چوكان چاچ
قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40تال ئۆرۈمە چېچى 15،17،21 تال ئۆرۈلىدىكەن. بۇ چوكان چاچ دېيىلىپ، چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلدىكەن. يەنى 15 ياشتىن ئاشقان 17 گە توشمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15 تال،17 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17 تال، 20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21 تال ئۆرۈلىدىكەن.
  تۆت ئۆرۈمە چاچ
چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق سۈيى» ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلۈدىكەن، بۇ چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن.
  جۇۋان چاچ
چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى»جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈيدىكەن. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار چېچىنى بەش، يەتته ،توققۇز تال قىلىپ تاق ئۆرۈۋالىدىكەن. بۇ تۇللۇق بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئاياللارنىڭ چېچىنى بىر تال ئۆرۈۋېلىشى ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىپ ، ئەر ئىزدىدى، دەپ قارىلىدىكەن.
قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنىڭ ئۇزۇن ھەم توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىق ، دەپ قاراپ ، چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىپ ئۆزىگە ھۆسىن قوشماقتا .
يۇقىرىقى چاچ تۈرلىرىنىڭ بەزىلىرى ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ساقلىنىپ داۋاملاشماقتا.

مەنبە- <ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرى>دىن. راھىلە كامال تەييارلىدى.

جاۋاب يېزىش