بادام ھەققىدە

بادام ھەققىدە
بادام مېغىزى بادام دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان مول ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولغان يىمەكلىك . ئۇ ۋەتىنىمىزدە قەشقەر كونىشەھەر، يېڭىسار،يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بادام مېغىزى يەپ بەرگەندە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپلا قالماي، يەنە ئۆپكە ۋە يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە بادام، ياڭاق قاتارلىق مېغىز تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ خىل ئادەت ھازىرقى زامان
ئوزۇقلۇق ئىلمىي قارىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
ئۇيغۇرلار بادام مېغىزىنى ياخشى كۆرۈپ يىيىش بىلەن بىرگە بادامنى ۋە بادام نۇسخىسىنى ئۆز تۇرمۇشىغا تەدبىقلاپ ، كىيىم – كېچەك، زىبۇ- زىننەت، تۈرلۈك سەنئەت ئەسەرلىرى، ناخشا، قوشاقلارغا بادام روھىنى، گۈلىنى كەشتىلەپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن ھەم كەلمەكتە. ھەتتا قىزلارغا بادامگۈل ، گۈلبادام دەپ ئىسىملارنى قويغان. قەشقەر خەلق قوشاقلىرىدا ھەتتا مۇنداق مىسرالارمۇ بار.
قەشقەرنىڭ قىزى ئوڭلۇق،
يۈرىكى قىزىل چوغلۇق.
بەسلىشىپ تىكىپ چىققان،
دوپپىسى بادام گۈللۈك.
بادام دوپپا، بادام ھالقا، بادام ئۈزۈك، بادام نۇسخىلىق گىلەم، بادام نۇسخىلىق كاھىش، گەزلەر، رەختلەر، ياغلىق، شارپىلار، ئويما نەقىشلەر ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ تارىخىغا ھەغدا بولۇپ، مەدەنىيەتىمىزنى جۇلالاندۇرۇپ كەلدى، بادام دوپپابېشىمىزغا قونۇپ بىزگە غۇرۇر، ئىپتىخار بېغىشلىسا، بادام ھالقا، ئۈزۈكلەر ئايال، قىزلىرىمىزنىڭ لاتاپىتىگە ھۆسىن قوشتى.
تارىخي ماتىرىياللاردا دىيىلىشىچە، بادام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئەڭ دەسلەپ ۋەتىنىمىزدە ئۆستۈرۈلگەنىكەن. تۇرپان ئاستانىدىكى 9-ئەسىرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىلەردىن بادام تېپىلغانلىقى مەلۇم. بادامنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئۆستۈرۈلۈش، دەسلەپكى ئىشلىتىلىش ھەققىدە قىزىقارلىق خاتىرىلەر بار.
مىلادى سەككىزىنچى ئەسىرىدىن بۇرۇن، تۈركىي خەلىقلەر تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن، سېلىنگا
دەريا
بويلىرىدا، سىبىرىيەنىڭ كەڭ يايلاق، ئورمانلىرىدا، بايقال كۆلنىڭ چىمەنلىك قىرغاقلىرىدا ئىنتايىن راھەت -پاراغەت ئىچىدە ياشايدىكەن. بىراق، مەلۇم يىللارغا كەلگەندە تاسادىپىي ۋابا كېسىلى تارقاپ، ئاۋات بازار، سەھرا، يايلاقلار مۇسىبەتكە چۆكۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرغىزلارنىڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشى، ئوردا ئىچىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىشلار ئەۋج ئېلىپ، سان – ساناقسىز كىشىلەر ئۆلۈپتۇ..
بىر كۈنى ئىلتەرىش خاقان ۋەزىر تۇنيۇقۇققا كىمدە كىم خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋابا ئاپىتىدىن ساقلاپ قالغۇدەك بىرەر دورا – دەرمەك تاپالىسا، بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىپ ئوردىدا ياردەمچى ۋەزىرلىك ئونۋانىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈش پەرمانىنى بېرىپتۇ.
خاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن، ۋەزىر تۇنيۇقۇق دەرھال نەچچە نۇسخا تەييارلاپتۇ. نەچچە يۈز ئاتلىق جاكارچىغا ئەمىر قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ ۋابا كېسىلىنى ساقايتىشنىڭ بىرەر ئۈنۈملۈك دورىسى ياكى ئۇسۇلىنى بىلىدىغان تېپىپ تېپىشقا ماڭدۇرۇپتۇ.
ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ، كۆزى كۆرمەس بىر تېۋىبنىڭ ۋابا كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى تەكلىپى تۇنيۇقۇق ۋەزىرگە مەلۇم بوپتۇ. تېۋىپنىڭ تەكلىپىدە ۋابا كېسىلىگە ئۇچرىغۇچى بىمار ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ھەركۈنى ئۈچ تالدىن يەتتە تالغىچە بادامنى يەپ ئارقىدىن بىر تاۋاق سۈت ئىچسە، چوقۇم ساقىيىدىغانلىقى ئېيتىلغانىكەن.
تۇنيۇقۇق ۋەزىر پۈتۈن دۆلەتكە پەرمان چۈشۈرۈپ، ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارلارغا بادام مېغىزى يېدۈرۈش لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ تەرەپ – تەرەپىتىن خۇش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. خەۋەردە بادام مېغىزىنىڭ راستتىنلا ۋابا كېسىلىگە شىپا بولىدىغانلىقى، ھەتتا بادام مېغىزى تېپىلمىسا، بادام دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يېسىمۇ مەنپەئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ خۇش خەۋەر بىردەمدىلا ئىچكى توققۇز قەبىلىگە ۋە تاشقى توققۇز قەبىلە خەلقىگە مەلۇم بوپتۇ، سىبىرىيەدىكى يەنسەي دەرياسى بويىدىن غەربتىكى باغداتقىچە ھەممە كىشى بادام مېۋىسىنىڭ خاسىيىتىنى ئاڭلىشىپتۇ.
ئىلتەرىش خاقان تۇنيۇقۇقتىن بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇ. شۇنداقلا پۈتۈن دۆلەت، خانلىق تەۋەسىدە بادام مېغىزىنىڭ ئالتۇندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھاغا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلتەرىش خاقان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ ھەر بىر پۇقرانىڭ ئون تۈپتىن بادام دەرىخى ئەھيا قىلىشى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ مەملىكەت تەۋەسىدىكى پۇقرالار ۋابا كېسىلىدىن قۇتۇلۇپتۇ.
بادامنىڭ شۇنچىۋىلا زورقىممىتىنى بىلگەن خەلق بادام دەرىخىنى كۆز گۆھىرىدەك ئەتىۋارلايدىغان، ئاۋۇتىدىغان، ئاسرايدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پىشىپ يېتىلگەن بادام مېۋىسىنىڭ شەكلىنى رەختلەرگە چۈشۈرۈپ، بىناكارلىق ئىشلىرىدابادام شەكلىنى نەقىش قىلىدىغان ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا مەسىلەن، پالتا، كەكە،چوت قاتارلىق سايمانلىرىنىڭ مەڭزىگە بادام شەكلىنى باسىدىغان بوپتۇ.
ئۇندىن باشقا بادام دوپپا ھەققىدىمۇ قىزىقارلىق بىر رىۋايەت بار بولۇپ ، گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ بىزنى بادام دوپپىنى نىمە ئۈچۈن بېشىمىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئەتىۋارلاپ كىيىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ، دەپ قارايمەن.
قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلار ئۆز بايراقلىرىغا بادامنى كەشتىلىگەن ئىكەن. ئۇلار بەكمۇ ئۆم ئىكەن. خوتۇن-قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا ئاسقان زىرىلىرىنىڭ شەكلىمۇ بادام شەكلىدە ئىكەن. بوينىغا ئاسقان زۇننارلىرىنىڭ شەكلىمۇ بادام شەكلىدە ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەر بۇلارغا ھۇجۇم قىپتۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق جەڭلەر بوپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاڭقىلىرى (ھارۋىلىرى) غا ئولتۇرۇپ، ئاتلىرىغا مىنىشىپ، تۇغ – ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، داقا – دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ نەچچە ئايلاپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىپتۇ. ئۇلار جەڭدە نۇرغۇن قۇربانلارنى بېرىپتۇ. لېكىن ئىككىلەنمەي، كەينىگە چېكىنمەي، تېخىمۇ غەزەپكە كېلىپ، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قانلىق قىساسى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىۋېرىپتۇ. دۈشمەن كۈچلۈك، ئادىمى بىر قانچە ھەسسە كۆپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۇرۇشتا ئاخىر مەغلۇپ بوپتۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولسىمۇ، ئۆملۈكنى ساقلاپ، تىرىك قالغانلار جەڭ مەيدانىدا بايرىقىنى دۈشمەن قولىغا بەرمەپتۇ. ئۇلار بايراقنى يىرتىپ پارچىلاپ، تۆت تەرىپىنى چىگىپ باشلىرىغا كىيىشىپ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپتۇ. كېيىن بۇلارنىڭ قوشۇنىدىكى تارقىلىپ كەتكەن خەلق ئۇلارنىڭ بېشىغا چىگىۋالغان بايراق پارچىسىغا قاراپ <توپ بار>، <توپىمىز بار ئىكەن> دېيىشىپ يەنە يىغىلىپتۇ. ئۇلار توپلانغاندىن كېيىن، يىرتىلغان بايراق پارچىلىرىنى ئۇلاپ يەنە تۇغ-ئەلەم ياسىشىپتۇ ۋە ئۇيۇشۇپ كۈچ توپلاپ، دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىپتۇ. كېيىنچە ئۇلاردا ھېلىقى بايراق پارچىسىغا ئوخشىتىپ باش كىيىم كىيىش ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇلار بۇنى <توپپا> دەپ ئاتاشقانىكەن، كېيىنچە <دوپپا> دەپ ئاتىلىپتۇ. ھازىرقى <بادام دوپپا> شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
يەنە باشقا مەنبەلەردە بادام شەكلىنىڭ ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتلىقنى، مۇھەببەتنى قەدىرلەپ بادام نۇسخىسىنىڭ ئەتىۋارلانغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
مەنبە: غەيرەتجان ئوسمان <ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتىگە دائىر مۇلاھىزە>
ئالىمجان ئىنايەت <بىر بادام دوپپا ئەپسانىسىدىن ھىس قىلغانلىرىم>
راھىلە كامال تەييارلىدى.

جاۋاب يېزىش