دۇتتار سۆيگۈسى

راھىلە كامال تەييارلىغان

مەن بىر يېقىنىمنىڭ ئۇيغۇر چالغۇلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىغا ياردەملىشىۋېتىپ، ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە دۇتتارنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى بىلەن تولىمۇ زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، توردىن تاپقان سۈرەتلەر ئىچىدە دۇتتارغا ئالاقىدار سۈرەتلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، دۇتتار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىلارنىڭمۇ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ناھايتى كۆپ ئىكەن.

دۇتتارنى سۆيمەيدىغان ئۇيغۇر يوق، سەھنىدە،ئايىلىدە، سورۇندا، ئېتىز بېشىدا، مەشرەپتە، باراڭ ئاستىدىكى ئايدىڭى كىچىلەردە دۇتتار بار، خوشاللىقىمىزدا، دەردلىرىمىزدە، پىغانلىرىمىزدىمۇ دۇتتار بىزگە ھەمراھ.

دۇتار ئىران ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىدە چالىدىغان ئەنئەنىۋى چالغۇ بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دۇتتارىدا مەلۇم دەرىجىدە خاسلىقلار بار، بولۇپمۇ چېلىش تېخنىكىسىدا بەزىبىر پەرقلەر بارىكەن. دۇتتار سۆزى پارسچىدىن كىرگەن بولۇپ مەنىسى» ئىككىدانە تارە» دىگەننى بىلدۈرىدىكەن. 15- ئەسىردىن ئىلگىرى دۇتتارنىڭ تارىلىرى ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدىن ياسالغان بولسا، يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن،بىر قىسىم تارىلار يىپەكتىن ياسىلىدىغان بوپتۇ. دۇتتار پارسلار، ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تۈركمەن، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى دەپ ئاتىلىدۇدۇتتار ئۆزبەكچە dutor, پارىسچە dotar دەپ ئاتىلىدۇ.

دۇتتار تەبىئىي يۇمشاق،لەرزان ياڭرىشى بىلەن كىشىگە لېرىكىلىق زوق بېرىدۇ. دۇتتار تەبىئىي قۇرۇتۇلغان ئۈجمە، ئۆرۈك ياكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئەر ـ ئايال، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىكەن ەبدەن قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن ، ئادەتتە، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. گەۋدەىسى ۋە ساپ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمىتىردىن 1مېتىر20 سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن.

<تارىخىي مۇسقۇيۇن> دا قالۇننىڭ ئىجاتچىسى فارابى ،دۇتتارنىڭ ئىجاتچىسى مەۋلانى ، راۋاب ۋە قۇشتارنىڭ ئىجاتچىسى قېدىرخان يەركەندى ئىكەنلىكىگە ئائىت خاتىرىلەر بار،< ئالىپ ئەر تۇڭا رىۋايەتلىرى> دە ئۇنىڭ قەشقەردە تۇنجى راۋاپ ۋە كېيىنچە دۇتتارنى ياساپ ،خەلقنىڭ روھىنى خۇش قىلغانلىقىغا ئائت قىزىقارلىق رىۋايەتلەرمۇ ئۇچرايدۇ.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەقىللىق، ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان دۇتتار بىلەن سىردىشىپ، ئېسىل كۈيلەرنى يارىتىپ، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇپ كەلدى، 1926- يىلى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى چۆچەك ئارقىلىق ۋەتەندىن ئايرىلغاندا، قەشقەردىن بىللە ئېلىپ چىققان دۇتتىرىنى يېنىدىن ئايرىماي، تاكى 1928-يىلى قىرىمدىن تۈركىيەگە كەلگەنگە قەدەردۇتتارىنى چېلىپ، كۈي ياڭرىتىپ، يۇرتقا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ تۈركىيە چايخانىلىرىدا دۇتتاردا ئورۇنداپ بەرگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلار تۈركلەرنىڭ ، بولۇپمۇ تۈرك سازەندىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈنكى كۈنسە دۇتتار ئادەتتىكى يالغۇز چېلىشتىن تەرەققىي قىلىپ، تاكى ئوركىستىرغىچە ئورۇن ئالدى. مۇقاملىرىمىز دۇتتارنىڭ تارىلىرىدا مۇرادىغا يەتتى. ئوت يۈرەك سەنئەتكار ،ئۆلمەس ئەزىمەت مەرھۇم كۈرەش سۇلتان كۈسەن ئۆزىنىڭ دۇتتارى بىلەن ۋەتەن، خەلقىگە بېغىشلانغان مەڭگۈلۈك ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئورۇنداپ ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە، دۇئالىرىدىلا ياشاپ قالماي، ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بۇ گۈزەل ئارال دۆلىتىدىكى شىۋىت دوستلىرىنىڭمۇ يۈرىكىنى لەرزىگە سالدى. ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇلى ، مەرھۇم ئايتۇرغان ھەسەنۇۋانىڭ ئەينى يىللىرى كىچىككىنە قىز چېغىدا سەھنىگە بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىدىغان دۇتتارى ھېلىھەممۇ ئايتۇرغان ھەدىنى ئۇنى سۆيۈدىغان خەلقىنىڭ قەلبىدە ياشنىتىدۇ، سېغىندۇرىدۇ، داڭلىق دۇتتار شاھى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ دۇتتارىنىڭ تارىدىن تۆكۈلگەن ھەر بىر كۈي، ھەر بىر ھەسرەتلىك سادا ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارىدۇر! كۆڭۈللەرنىڭ نازۇك دىلكىشى سەنۇبەر تۇرسۇننى ئۇنىڭ دۇتتارىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. سەنۇبەر دۇتتارلىق ناخشىلىرى بىلەن قانچىلىغان تەشنا دىللارنى قاندۇرغاندۇ!؟

دىمەك، دۇتتار،ئۇيغۇرلارنڭ ھاياتى بىلەن چەمبەر- چاس باغلىنىپ كەتكەن،بولۇپمۇ ئۇيغۇر روھىنى ياڭرىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان موھىم چالغۇلاردىن بىرىدۇر.

 

جاۋاب يېزىش