موللاقىزمەن

موللاقىزمەن

راھىلە كامال

ئۆزگە ئەلنىڭ باغچىسىدا مەن گويا،
ئېچىلمىغان، توزىمىغان موللاقىز.
مەۋجۇتلۇقۇم كىملەر ئۈچۈن تۇتىيا!
يا يوقامدىم گۈللەر ئارا نىشانسىز؟!

ئېقىن بويلاپ دېڭىزلارنىڭ يۇرتىدا،
يامغۇر بىلەن بەزلەپ يۈردۈم ئۆزۈمنى.
ئېرىشكىنىم بىر سەۋدانىڭ ئوتىدا،
سېغىنىشتىن كور ئەيلىدىم كۆزۈمنى.

كۆتۈرۈلمەس خىيالىمدىن ھەر زامان،
موللاقىزلار پورەك ئاچقان قورۇلار.
قۇياش قىززىق، دىل بولسىمۇ مالىمان،
تىنجىق ھاۋا دىماقلارغا ئۇرۇلار.

موللاقىزنى مەنمۇ بىر گۈل دىمەستىم،
لالىلەرگە شەيدا بولۇپ باھاردا.
ئۇنى ياكى شېئىر قىلىپ يۈرمەستىم،
خۇلقىمىزنى بىر دىمىسەم ناۋادا.

مېنىڭ ئۈچۈن تەشتىكىدە ئانامنىڭ،
پورەكلىدى سېنتەبىرنىڭ تۇنجىسى.
دېگەن ئانام موللاقىزى بالامنىڭ،
موللا بولۇڭ! ھاياتىمنىڭ غۇنچىسى.

موللاقىزنىڭ بىر ياپرىقى بىر ئەترە،
ئوتقا سالسا مەستھۇش ھىدىن تارىتار،
نۇرلاندۇرار بەرگىدىكى ھەر قەترە،
ئايسىز تۈنۈم ، كۈنسىز كۈندە يارىيار.

ئارلىقىدا تېنەپ قالسام يىللارنىڭ،
باقتىم يېنىپ مەن قالدۇرغان ئىزىمغا.
كۆيىكىدە بۇ ناتىۋان دىللارنىڭ،
سىرلىرىمنى، تۆكتۈم موللاقىزىمغا.

ئىستەر كۆڭۈل ھۆرلۈكىنى توختىماي،
ياتالمايدۇ يۈرەكلەرگە سولىنىپ.
ئاقماس سۇمۇ قىرغاقلارنى ئوينىماي،
لاي ،لاتقىدا ئاقسىمۇ گەر تولغىنىپ.

باققال ئاكام، كەمسۆز ئاكام سەھەردە،
قۇشلار ئۇنى ۋىچىرلىشىپ ئۇزىتار.
كەمبەغەلگە ئوغۇل بولسا ئەگەردە،
ئارمانىنى دەرمانسىزلىق توزىتار.
سىڭلىم ئوقۇپ پەرۋاز قىلىڭ كۆكلەردە،
گۈزەل ياشاڭ! بىلىم دىلنى يورىتار.
دىگەن ئاكام، بۈگۈن ئەمدى سەن نەدە؟
ئەرك ئىزدەپ موللاقىزىڭ يات ئەلدە،
ئامانلىقىڭ تىلەپ ياشىن قۇرىتار.

جان ئادىشىم ، ئوت يۈرەك قىز ئىپارە،
موللاقىزتۇق باغچىسىدا ئىلىمنىڭ.
كۆيۈپ، كۆيۈپ بولدى ئۆمرۈڭ پەرۋانە،
جانۇ جاندىن ئەزىز ئۇيغۇر تىلىمنىڭ.
يۇم يۇم يىغلاپ گىرە سالدىڭ بوينۇمغا،
سېنى مەھرۇم قىلغان كۈنى مۇنبەردىن.
ھەسرىتىڭنى پىچاق قىلدىم قوينۇمغا،
سۇلدى گۈلۈڭ ، شوقلۇق ئۆچتى دىلبەردىن.
كۆرگىنىمدە ئاق چېچىمنى ئەينەكتە،
يۈزۈڭدىكى قورۇقلارغا باقىمەن،
ھېچگەپ ئەمەس، جانلار تۇرسۇن كۆينەكتە،
خىيالىمدا ئويلىرىڭغا ئاقىمەن.

پەيدا بولغان يوللىرىمدا سەۋەبسىز،
شۇ يىگىتنىڭ ئېيتالمىغان سۆزىنى،
بىر رەت باغرى تۆكۈشكىمۇ ئامالسىز،
كۈتۈش بىلەن ئوت بوپ يانغان كۆزىنى،
ئەسلەپ قالدىم، ھاياتمۇسىز، ئامانسىز!

جىلۋە قىلار رەڭدار گۈللەر يېنىمدا،
تۇپرىقى ئۆز، سۈيى تاتلىق ئۇلارغا.
ۋەتەن دىگەن بىر سۆز پاتتى جېنىمغا،
كۈندىن تۈنگە چۆكتۈم تەگسىز ئويلارغا.
موللاقىزمەن سۇغۇرۇلغان قېنىمدا،
ئارمانلىرىم پاتمايدۇ بۇ قۇرلارغا.

موللاقىزمەن تۇپرىقىدىن ئايرىلغان،
ئەترە بولۇپ ياشايمەن ھەم ئۆكۈنمەي.
كۆكلىنىمەن ئۆزۈمدىن ھەم پۈكۈلمەي،
مەغرۇردۇرمەن كۈچلۈكلەرگە يۈكۈنمەي،
موللاقىزمەن ئارمانلىرى ئۇلغايغان ،
تۇردۇم يەنە ياپراقلىرىم تۆكۈلمەي،
موللاقىزمەن بىر ئىستىكىم ئەي كۆڭۈل!
يىلتىز تارتسام ئانا يەرگە سۆكۈلمەي..

-2018-يىل 8-مارت ستوكھولم.

جاۋاب يېزىش