سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللار خىتايغا قايتۇرۇلماقچى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى : زەپەر ئەردەم

2019-6-8

سۈرىيەنىڭ خاسەكە شەھىرىدىكى يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھول لاگېرىدا 2000 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئاياللارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتى، دېيرىزوردا دا’ئىش تېرورلوق تەشكىلاتى بىلەن بولغان توقۇنۇشتىن قاچقان پۇخرالار ۋە تەسلىم بولغان ئۇيغۇر دا’ئىش ئەزالىرىنىڭ ئائىلىسىنى مۇشۇ لاگېرغا ئاپارغان، تەخمىنەن 2000 ئەتىراپىدا ئەرلىرى ئۆلگەن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باللىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاياللار خورلانماقتا

يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتى ئالدى بىلەن بۇ ئاياللارنى رەسىمگە تارتقان ۋە كىملىكلىرىنى يىغىۋالغان. ياغلىق چەككەن ئاياللارنىڭ ياغلىقلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، سوغۇق ھاۋادا سائەتلەرچە ساقلاتقۇزغان، بالىلىرى بىلەن ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللار پيد/پكك تېرورىستلىرىنىڭ ئۇرۇش، قىيناش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچۇرىغان. يپگ/پككنىڭ زۇلۇمى ۋە ناچار شارائىت سەۋەبىدىن 26 ئۇيغۇر بالا ۋە 7 ئۇيغۇر ئايال ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۆلگەن بالىلارنىڭ 6سىنى يپگ/پكك ئەزالىرىنىڭ دىققەتسىزلىك بىلەن ھەيدىگەن ماشىنىسى بېسىۋەتكەن.

خىتاي ئىستىخباراتىدىن بىر ھەيئەت ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.

ھاسەكەنىڭ شەرقىدىكى ھول لاگېرى، يېقىنقى مەزگىللەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتى مەزكۇر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ خىتاي گەرەژدانى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىن مەخسۇس بىر ھەيئەتنىڭ ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن يپگ/پكك بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ،ئىككى تەرەپ بۇ ئۇيغۇر ئاياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان.

خىتايدىن مەخسۇس ئايرۇپىلان ئەۋەتىلمەكچى

خىتاينىڭ خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن مەخسۇس ئايرۇپىلانى ئۇ رايوندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى قامىشلى ئايرودرومىغا كەلمەكچى. يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاياللارنى قامىشلى ئايرودرومىدا خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى.

مەنبە: تۈركچە ئاسىيا خەۋەر توربىتى

http://asyahaber.info/suriye-deki-uygur-kadinlar-cin-e-teslim-edilecek/895/?fbclid=IwAR062pzNpaQyi_y8C2hdWaKIm3LvskmWv9pxBoOEncNHo_nCE9_OXvcAGjg

جاۋاب يېزىش