زۇلفىيە مۇھەممەد
ۋەتەنسىز…
يىللار باغرىدا غەلىتە بىر ئىز،
كونىرىدى ئايلار..
كۈنلەر، ھەپتىلەر ۋە ھەتتا يىللار…
مىھىرسىز…تۇيغۇسىز…نىشانسىز…
تاپان يەردە ئەمەس، لەيلىگەن كەبى…
يۈرەك سوققاندەك ئەمەس يېرىدە .
ۋەتەنسىز…
قۇلاققا تېتىماس گۈزەل نەغمىلەر…
كۆزدىن ئاققىنى ياش ئەمەس،
يۈتۈپ كەتتى ھەۋەس…
ئەسلىمىدە سىيمالار خىرە.
تەپەككۈردە غۇۋا قەترىلەر،
چۈشۈمدىلا قالدى ئىزناسى،
دەرتكە شىپا مۇڭلۇق چەشمىلەر،
ئانا تۇپراق، ئانام ماكانى،
ئايلىنىپتۇ ئۆمۈچۈك ئۆيى…
ھازىدارغا سەبىر نە كېرەك؟
ئاچچىق تولدى بىر ئادەم بويى.
ۋەتەنسىز…
چۈش ئىلكىدە خىياللار،
ئارزۇ ھەم تەشۋىش…
ئويغانماق مۈشكۈل يوقالغان پەرۋىش.
سەراسىمدا دەرۋىش،
سوراش بىھاجەت،
يۈرەك نىمىگە قىلىدۇ قەرغىش.
كۆڭۈل قېتىدا جەزىرە…
ئۇزاقلاشقان نۇر، قارچۇقتا پەردە…
پىشانە ئوڭ ئەمەس، تىلەكلەر يەردە .
ۋەتەنسىز…
بوراندا ئۇچار ياپراق ئۈمىدسىز،
كەپتەر مۇڭغا چۆككەن ئۈنسىز،
قىرودا تىترىگەن گۈللەر ئىستەكسىز،
ھايات ماڭامدۇ يارۇ- يۈلەكسىز؟
غازاڭلار ھاۋادا يۈرەر كېپەنسىز…
ۋەتەنسىزنىڭ…
ماكانسىزنىڭ….
نىشانسىز روھنىڭ…
