ساھىلدىكى تىۋىش

ئايگۈل»تامچە»
ساھىل بويلاپ گەپكە تۇتتۇم ئارماننى،

تېپىۋالاي دەپ دەردىمگە دەرماننى.

ئاياغىمنى ئەمدى ئالسام قىرغاققا،
نەئەجەپكى دېڭىز سالدى چوقاننى.
يولۇم  داۋام  قىر ياقىلاپ سۇكېچىپ،
تاپىنىمغا پاتقان تاشنى تەپكەنچە.
تۇيقسزلا جىمىپ قالدى شاۋقۇنمۇ،
تېقىمىمغا بىر ئۇرۇلۇپ كەتكەنچە.
مۇھەببەتنى سوراپ باقسام شەپەقتىن،
باغرى ئاچتى ، ۋىللىققىدە قىزاردى.
ئادالەتنى سوراپ باقسام دېڭىزدىن.
قىرى  قاچتى، سۈكۈت بىلەن ئۇزاردى.
ئەسلەمىدىم تۈنۈگۈننى ئىھتىمال،
شۇڭا بۈگۈن  ئۆزگىچىلا جىلمايدى.
ئەتىلەرنى قۇچاغلىدىم چارىسز،
شۇئان يۈزۈم شەپەقتەكلا قىزاردى.
Sent from my iPhone

جاۋاب يېزىش