ئەلۋىدا سۆيگۈ (1) دىلدار ئەزىز

ئەلۋىدا، سۆيگۈ !

دىلدار ئەزىز

(ئەدەبىي خاتىرە)

                         قوياشقا باغلىغان سۆيگۈ

(1)

        ئۇ مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىم ئىدى. شۇ چاغدا مەن  ئۆزەمنىڭ سۆيگۈگە تەشنا قەلبىمدىكى تۇنجى مۇھاببىتىمنى باشقا بىرسىگە ئەمەس، دەل قوياشقا ئاتىغان ئىدىم. چۈنكى ئۇ ئاسماندا نۇرلىنىپ تۇراتتى،ھەر كۈنى سەھەردە، ئۇپۇقنى بويلاپ كۆتۈرۈلگەندە،ئۇنىڭ نۇرى، ئۇنىڭ ھارارىتى ماڭا پۈتمەس- تۈگىمەس ئېنېرگىيە ئاتا قىلاتتى.  ئۇنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى بىر كۈنلۈك چارچاشلارنى ئارقىسىغا تاشلاپ، ئېغىر بەستىنى سۆرەپ كىتىۋېتىپمۇ ئىللىق تەبەسسۇمىنى ئاجايىپ گۈزەل رەڭلەر بىلەن ماڭا ۋە كائىناتقا قالدۇرۇپ، تاغنىڭ ئارقىسىغا پاتقان چاغدىكى ھالىتى، ئەتتىگەندە كۆتۈرۈلگەن چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك  كۈچلۈك چاقنىغان نۇرلىرى، ئۆزىنىڭ ئەشۇ گۈزەل جامالى قوشۇلۇپ مىنى ئۆزىگە ئاجايىپ كۈچلۈك مەپتۇن قىلاتتى.

مىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغىنى يەنە تېخى قۇياشنىڭ  ھەر قېتىم سەھەردە كۆتۈرۈلگەن ۋاقتىدىكى يىپ       يىڭى ھالىتى ئىدى. ئۇ ئالدىنقى بىر كۈنى مەيلى قانداق بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرمىسۇن، ئۇنىڭ سەھەردە زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن كائىناتنى نۇرغا ۋە يىڭى ھاياتقا چىللىغان ۋاقتىدىكى ئەشۇ يىپ – يىڭى، ئۆتكەن بىر كۈندىكى جەبىر- جاپالارنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى بولمىغان گۈزەل بىر ھاياتتىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھەر قانداق بىر كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىگى ئىدى.  چۈنكى قۇياشنىڭ سەھەردە ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقتىدىكى ھالىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۇنىڭ شۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەللىگىدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايتتى.  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قوياش، ئۇ مىنىڭ قەلبىمنىڭ شاھىنشاھى،مىنىڭ سۆيگۈنۈم ئىدى.

يىللار ئۆتتى، مەنمۇ چوڭ بولدۇم. خىيالچان قىزچاق ئىدىم. بالاغەتكە يەتكەن قىز بولدۇم. بىراق قوياشقا بولغان سۆيگۈم ھېلىمۇ مىنى ئۆزىگە داۋاملىق مەپتۇن قىلىۋەردى. بۇنىڭ بەدىلىگە مەندە  ھاياتقا، بىلىم ئىگەللەشكەشۇنداقلا  كىشىلىك ھاياتقا بولغان قۇياشتەك قىزغىن خاراكتېر يېتىلدى. ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ مەجبۇرلىشىغا بوي سۇنمايدىغان، باش ئەگمەيدىغان قەيسەر قىزغا ئايلاندىم. چۈنكى مەن كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك جىسىمدىن قۇۋۋەت ئېلىپ يېتىلگەن قىز ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزەمنىڭ خۇددى قىزلار ئۆزلىرىنى چولپانلارنىڭ ئاشىقى دەپ بىلگەنگە ئوخشاش،مەنمۇ ئۆزەمنى قۇياشنىڭ سۆيگۈنى، دەپ بىلەتتىم.  گەرچە مەن قۇياشنىڭ ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى بىلگەن چاغلىرىمدا، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە سۇسقىنا ھەسەت تۇيغۇلىرى پەيدا بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلدىم. مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۆمۇدۈمنى ئۈزەلمىدىم.

مەن چوڭ بولدۇم. يىگىتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان گۈزەل بىر قىزغا ئايلاندىم. يىگىتلەرنىڭ سۆيگۈ مەكتۇپلىرى توختىماي كېلىشكە باشلىدى. بىراق سۆيگۈ ھەققىدە قەلبىمدە ئۆلچەم بار ئىدى. مەن شۇ سۆيگۈ مەكتۇپلىرنى بىر- بىرلەپ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. بىراق ھەممىسىنىڭ ھارارىتى قەغەز ئۈستىدىلا قالدى. ھەتتا شۇنچە ئاسان كۆيىدىغان قەغەزگىمۇ ھارارەت بېرەلمىدى. مەن بۇ سۆيگۈ مەكتەپلىرىنىڭ بەزىلىرىنى خەت بىلەن،يەنە بەزىلىرىنى جاۋابسىزلا رەت قىلدىم. چۈنكى بۇلارنىڭ ھېچبىرى مىنىڭ قەلبىمدە قۇياش ھارارىتىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ ھېس قىلدۇرالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەپرەتلىك قارغىشلار،سېسىق سۆز چۆچەكلەر توقۇلۇپ، مەن بىر مەزگىل قولى يەتمىگەنلەرنىڭ ئاچچىق شاپتۇلى بولۇپ قالدىم. مەن بۇلارغا پەرۋا قىلمىدىم. چۈنكى مىنىڭ قەلبىمدىكى سۆيگۈنۈم، مىنىڭ قوياشىم يەنىلا ھەر كۈنى ماڭا ئىللىق ھارارىتىنى بىرىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك قېس قىلىپ تۇراتتىم. مەن ئۈچۈن شۇمۇ يېتەرلىك ئىدى.

مەن 22 ياشقا كىرىپ، ئۈنۋىرسىتنى پۈتتۈرگەن يىلى توساتتىن بىرى مىنىڭ قۇياشتەك ھارارەتكە تەشنا  قەلبىمگە ئۈن- تونسىز ھالدا كىرىپ كەلدى. ئۇ قاراشقا شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قاپ- قارا بۈدرە چاچلىرى ۋە تۇمۇچۇقنىڭ تۇمشۇغىدەك قاملاشقان ئۇچلۇق قاڭشىرى، ھەر دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، ئانچە چوڭ بولمىغان كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرىدىغان كۈچلۈك نۇر ماڭا ئەشۇ مەن تەشنا بولغان قۇياشنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.

ئۇ كۆپ سۆزلىمەيتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەن ھەممىنى، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان ھەممە گەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بولاتتىم.

بىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى قىسقا بولدى. شۇ قېتىمقى  بىرنىڭ 15 مىنۇتقىمۇ بارمىغان ئۇچرىشىشىمىز ئاپتۇبۇس بېكىتىدە بولغان ئىدى.  شۇ قېتىم ئۇ ئۇستازىمنىڭ ئايالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ۋە مىنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كەلگەن ئىكەن.  بىراق ئاشۇ 15 مىنۇت ئىچىدە ئۇ پەقەت قولۇمدىكى چامدىنىمنى ئېلىپ ئاپتۇۋۇزنىڭ ئۈستىدىكى مەخسۇس چامادان قويىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشۇپ بەرگەندىن باشقا ۋاقىتتا پەقەت يېنىمدا جىممىدە تۇردى. بەزىدە كۆزلىرىمگە يەر ئاستىدىن قارىغاندەك قىلدى. مەنمۇ خىجىل بولۇپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان نۇرلۇق ھارارەتنى ھېس قىلىپ تۇردۇم. ئاپتۇبۇس قوزغالدى . مەن كەتتىم. ئۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن مىنى ئۇزۇتۇپ قالدى. مەنمۇ شۇ چاغدا خۇددى بايقىماستىن بىر پارچە چوغنى يۇتۇۋالغاندەك، ئىچىمگە بىر ئوت كىرىۋالغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم. مەن ئاپتوبۇسنىڭ ئەينىكىدىن ئارقامغا قارىدىم. بىر بىرىمىزنىڭ سىمايىمىز يوقالغۇچە ئەنە شۇنداق قارىشىپ قالدۇق. بىر بىرىمىزگە نىمە دېيىشكىنىمىز پەقەتلا ئېسىمدە يوق. بىراق شۇ كۆزلەر، قۇياشنىڭ ھارارىتىنى ماڭا ھېس قىلدۇرغان شۇ كۆزلەر 42 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇددى تۈنىگۈندىكىدەك ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

(داۋامى بار)

2022-يىلى8- ئاينىڭ 28-كۈنى  كالىڧورنىيەنىڭ مونتىرېي شەھرىدە يېزىلدى.

جاۋاب يېزىش