جان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەن

 

ئايگۈل ئالىم <تامچە>

 

ۋىجدان دېگەن ئاجايىپ نەرسە،

قىيناپ قويدى قىردا ھاياتنى.

بۇ يوللارنى قانغا مىلەپ ھەم،

قويىۋەتتى قانچە ئىتلارنى .

 

بىرى كەلدى ھاۋشىپ سەھەردە،

سەن ۋىجداننى سېتىۋەت دېدى.

ئۇيغۇرلۇقۇڭ ئەمدى نە كېرەك ،

دوپپاڭ يىراق،چۆرىۋەت دېدى.

 

بىرى دېدى مۇساپىر ئۈچۈن،

ۋىجدان بولماس بىر پىيالە چاي.

خوجام  بەلەن ، مەن پۇقرا دېسەڭ،

ساڭا ھەقسىز قەھۋە ئىچەر جاي.

 

بىرى دېدى ۋىجداننى قويۇپ،

ۋەتەندىكى جەددىڭنى ئويلا.

سەن تۇپراق دەپ توۋلىساڭ بۇندا،

دارغا ئاسار بوينىدا شويلا.

 

بىرى دېدى سەن بىر ئاجىزە،

باللىرىڭنى،كۈنۈڭنى ئويلا.

بېشىڭ تىقىپ يۈرسەڭ بەھۈ زۈر،

ھەقسىز سەيلە – ساياھەت تولا .

 

بىرى دېدى ۋىجدان توغۇرلۇق،

قەلەم ئالما، ئۆزەڭنى ئايا.

ۋىجدانىڭغا ئېتىپ تاش-كېسەك،

تېنىڭ قالار ناتونۇش يولدا.

 

مەن دېدىمكى جان ئامانەتتۇر،

ئېگىسىگە تالىق ئالماقلىق.

مەن ئاللاھقا تاپشۇرۇپ كەلگەن،

تۇرار جەددىم شۇڭ سالماقلىق.

 

جان كەتسىمۇ ۋىجدان ساتمايمەن،

ئۇدۇم ماڭا ئەجدات ئىزىدىن.

قەپەستىكى نىمجان ئاتاممۇ،

رازى بولغاي مەندەك قىزىدىن.

 

2022- يىلى 22-ئاۋغۇست ئاۋىستىرالىيە ئادىيلەد شەھرى

جاۋاب يېزىش