ئەلۋىدا سۆيگۈ (2) دىلدار ئەزىز

تۇنجى مەكتۇپ

(2)

دىلدار ئەزىز

ئىككى كۈندىن كىيىن مەن ئۆزەم تۇرىۋاتقان شەھەرگە يىتىپ كەلدىم- دە، دەرھال ئىشخانامغا كىردىم.  خىزمەت ئۈستۈلۈمدە ناتونۇش بىرسىدىن كەلگەن خەت تۇراتتى.مەن خەتنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنى ئاچماي تۇرۇپلا يۈرگۈم باشقىچە سېلىپ كەتتى. كونۋېرت ئۈستىگە خەت سالغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان ئىدى. بىراق خەتتىكى رەتلىك ۋە چىرايلىق پۇچۇركىدىن بۇ خەتنىڭ چوقۇم بىر سەمىمىي، ئەستايىدىل يىگىتنىڭ خېتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. يۈرەك رېتىمىم توساتتىن تىزلىشىشقا باشلىدى. بەدەنلىرىم ئوتتەك يېنىۋاتاتتى. بۇ مەن ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ تۇنجى مەكتۇبىمۇ ئەمەس ئىدى. بىراق بۇ ناتونۇش خەتنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن تۇيغۇسى باشقىچە ئىدى. كۆزۈمنى يۇمۇپ بىر دەم جىمغىنە تۇرۇپ يۈرىگىمنى تىڭشىماقچى بولدۇم ۋە بۇ خەتنىڭ كىمدىن كېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلدىم. كۆز ئالدىمغا ھېلىقى مەن ئاران بىر قىتىم كۆرگەن ، تۇمۇچۇقنىڭ تۇمشۇغىدەك ئۇچلۇق چىرايلىق قاڭشارلىق، ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان نۇرلۇق كۆزلۈك، بۇدرە چاچلىق يىگىت يەنە بىر قىتىم پەيدا بولدى. مەن ھاياجاندىن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بەدىنىمدىكى قېپىغا پاتماي سېلىۋاتقان يۈرۈگۈمنىڭ كۈچلۈك دۆپۈلدەشلىرىدىن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن كونۋىرىتنىڭ ئاغزىنى ئاچماقچى بولۇپ، ئەتراپىمغا قارىىدىم، ماڭا دىققەت قىلىۋاتقان بىرەرسىنىڭ يوقلىغىنى جەزىم قىلغاندىن كىيىن،ئاندىن خەتنى ئېھتىيات بىلەن ئاچتىم. خەت ئاددىيلا باشلانغان ئىدى:

سالام دىلدار، مەن بۇ خەتنى يېزىۋېتىپ ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى تولىمۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە ھېس قىلىۋاتىمەن. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەغپىرەت ھەدەم ماڭا سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ، كۆرۈشۈپ بېقىشىمنى دېگەندە، مەن دەسلىۋىدە ئانچە ئىرەن قىلماپتىمەن. چۈنكى نەچچە كۈندىن بىرى چىشىم ئاغرىپ ئۆزەمنى قويىدىغان جاي تاپالماي يۈرگەن ئىدىم. تۈنۈگۈن سىز بىزنىڭ ئىشخانىغا كەلگەندە مەن چىش دوختۇرغا بارغان. ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى بەك كۆپ يەۋاپتىمەن، شۇنىڭا چىش دوختۇرخانىسىدا دوختۇرنىڭ سوئالىغا خاتا جاۋاپ بەرگىنىم ئۈچۈن ئاغرىق چىشىمنى ئەمەس، ساق چىشىمنى تارتىۋەتتى. ئاندىن مەس قىلىدىغان ئوكۇل ئارقىلىق ئاغرىق چىشىمنىڭ ئاغرىقىنى ۋاقىتلىق يوقاتتى، ئاندىن ئاغرىق پەسەيتىدىغان دورا بەردى. شۇ سەۋەپتىنمىكىن، تۇيغۇلىرىم تا ھازىرغىچە تازا سۈزۈك ئەمەس،

مەن سىز بىلەن بېكەتتە كۆرۈشكەن چاغدا، شۇ تۈنۈگۈنكى دوختۇرنىڭ ماڭا سالغان ئوكۇلى ۋە بەرگەن ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنىڭ تەسىرى كاللامدىن تېخى كەتمىگەن ئىدى، شۇڭا سىز بىلەن كۆرۈشكەندە نىمىلەرنى دېگىنىم ۋە نىمىلەرنى دىمىگىنىم زادىلا ئېسىمدە يوق. ئەگەر سىزدە يامان تەسىر قالدۇرۇپ قويغان بولسام مىنى چوقۇم كەچۈرۈۋېتىڭ. مەنغۇ ئۆزەمنى سىزدەك بىر قىز ئۈچۈن ئەڭ لايىق يىگىت،دەپ ئېيتالمايمەن. بىراق مەن سىز ئارزۇ قىلغاندەك يىگىت بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايمەن.

مەن سىزنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ  ئىشخانىغا  قايتىپ بارغاندىن كىيىن، ئەخەت ئاكام ئابلا ئاكامنىڭ سىزدىن ئەۋەتكەن خېتىنى ماڭا كۆرسەتتى. ئاندىن سىزنىڭ تەھرىر بۆلۈمگە تاپشۇرغان ئەسىرىڭىزنى تەھرىرلەشنىمۇ ماڭا تاپشۇردى. ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. دېمەكچى بولغىنىڭىزنى يامان ئەمەس ئىپادىلەپسىز. شۇغىنىسى جۈملىنى بەك ئۇزۇن تۈزىدىكەنسىز. جۈملە بەك ئۇزۇن تۈزۈلسە ئوقۇرمەنلەر جۈملىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلگۈچە تىنالماي نەپەستىن توختاپ كىتىشى مۇمكىن(چاقچاق). ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىتىم تەھرىر بولۇمگە ئەكەلگەن ئەسىرىڭىزدە ئالاھىدە بىرەر يېڭىلىق يوق.  ۋەقەلىك بەكلا ئاددىي. شۇڭا بۇ ئەسىرىڭىزنى قالدۇرىۋېتىش ھەققىدە پىكرىمنى يېزىپ ئەخەت ئاكامغا قايتۇردۇم. سىزمۇ خەۋەردار بولغايسىز. كېلەر قىتىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئەسەر يازغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن ئىلان قىلىشنى ئويلىشارمىز. چۈنكى بىزنىڭ ژورنالدا ئىلان قىلىنغان تۇنجى ئەسىرىڭىز چوقۇم بۇنىڭدىن ياخشىراق بولىشى كىرەك، دەپ ئويلايمەن، سىز ئازراق تىرىشسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئەسەرلەرنى يازالايسىز.

يۇقۇرقى گەپلىرىم ئۈچۈن مەندىن رەنجىپ قالماسلىقىڭىزنى ئومۇت قىلىمەن. مەن بەك ياغلىما گەپلەرنى قىلىشنى بىلمەيمەن،ھەم خالىمايمەن. كۆڭلۈمدە نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى دېگەننى ئۆزەمگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ بىلىمەن. شۇڭا بەزىدە شۇ تۈزلۈگۈمدىن ئاسانلا باشلىقنى ۋە ئاپتورلارنى رەنجىتىپ قويىمەن. بىراق سىزنىڭ رەنجىپ قېلىشىڭىزنى زادىلا خالىمايمەن. ئەگەر راستىنلا رەنجىپ قالسىڭىز مەن ئۆزەمنى خۇددى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ رەنجىپ قالمىغايسىز. مۇشۇ خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان ماڭا جاۋاپ خەت يېزىشىڭىزنى ۋە پات يېقىندا يىڭى بىر ئەسىرىڭىزنى تاماملىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.

سىزگە خۇشاللىق ۋە ئۇتۇقلار تىلەپ:

روزى مۇھەممەت جۈمەدىن

خەتنى ئوقۇۋېتىپ يۈرگۈم دۆپۈلدەپ سېلىپ، بەدەنلىرىم قايتىدىن ئوت بولۇپ ياندى. گەرچە خەتتە مەن بۇرۇنقى يىگىتلەرنىڭ خەتلىرىدە كۆرگەن تاتلىق، ياغلىما  گەپلەر، گۈزەل ئىبارىلەر بولمىسىمۇ، ئۇنىڭدا بىر سەمىمىيلىك، ئۇستازلارغا خاس راسچىللىق  بار ئىدى. بولۇپمۇ ئەسىرىم ھەققىدىكى باھالارمۇ مىنى قايىل قىلغان ئىدى. بىراق مىنى خىجىل قىلغان يەنە بىر نەرسە،  ھېلىقى مەن كۆتۈرۈپ بارغان ئابلا ئاكامنىڭ خېتى ئىدى. ئۇ خەتنىڭ ئىچىدە مەن ھەققىدە  نىمىلەر يېزىلغانلىقىنى گەرچە مەن بىلمىسەممۇ، مەغپىرەت ھەدەمنىڭ گەپلىرىدىن، ئابلا ئاكامنىڭ مىنى تونۇشتۇرۇپ يازغانلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بولۇپمۇ مەن ماڭىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە مەغپىرەت ھەدەم ئەۋەتتى، دەپ بىر يىگىتنىڭ تەسادىپىي ئالدىمدا  پەيدا بولۇپ قېلىشىمۇ مىنىڭ سەزگۈرلۈگۈمنى ئاشۇرغان ئىدى. بەلكىم ئابلا ئاكام ئەخەت ئاكىغا ماڭا لايىق تونۇشتۇرۇشنى تاپىلىغاندۇ.  مەن دەل ئۆزەمگە لايىق تونۇشتۇرۇش ھەققىدە يېزىلغان بىر خەتنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارغا ئاپارغاندىمەن. مانا ئەمدى خىيالىمدا ھەممە نەرسە ئايدىڭلاشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەندىكى ئۇيۇلۇش تۇيغۇسى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىغان ئىدى. پەقەت بۇ يەردە  نېپىز بىر قەۋەت يەردىلا ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنى ھېچقايسىمىز يىرتىۋىتەلمەيىتتۇق. دىمەك مەن خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئەخەت ئاكامدىنمۇ، ئابلا ئاكامدىنمۇ سورىيالمايىتتىم، بىراق ئۇنى پەرەز قىلىپ چۈشەنگەن ئىدىم. شۇ تاپتا يۇزلىرىم خىجالەتچىلىكتىن ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىمىزنىڭ دەسلىۋىدە ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن ۋە كىيىن بارا- بارا كۈنىگە  بىر قېتىمدىن كېلىپ تۇرىدىغان سالام خەتلىرىمىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈشلەر بىزنىڭ، بولۇپمۇ مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ ئەڭ مەنىلىك قىسمىغا ئايلانغان ئىدى.

ئارىلىقتا ئانامنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىش سەپىرى بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئانام تۇنجى كۆرۈشتىلا بۇ يىگىتنى خۇددى ئۆز ئوغلىدەك ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ باشقىلارنىڭ روزى، دەپ ئاتىشىنى ياقتۇرماي، «روزاخۇن بالام»، دەپ چاقىردى ۋە مىنىمۇ شۇنداق چاقىرىشقا ئۇگەتتى.

«بۇ بىر ئېغىر بېسىق، بىلىملىك ،سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بالىكەن. بۇنداق ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىساق قانداق بولىدۇ بالام،» دەيتتى ئانام. شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ شۇنداق ئاتايدىغان بولدۇم. بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا قوشۇلمىدى، نېمە ئۈچۈن روزىنىڭ ئىسمىنى خۇددى بوۋايلارنىڭ ئىسمىدەك روزاخۇن دەپ چاقىرسىز؟ دېدى، مەن ھۆرمەتلەپ شۇنداق چاقىردىم،دەپ ئاران قۇتۇلدۇم. دىمىسىمۇ روزاخۇن كۆپ سۆزلىمىگىنى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ھەر قانداق بىر ئىنساندا ئۇنىڭغا قارىتا ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى. بولۇپمۇ مىنىڭ  ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ باراتتى. ئۇنىڭدىكى ئېغىر بېسىقلىق ۋە تۆرىلەرگە خاس كەڭ قورساقلىق، كىشىگە بىلدۈرىدىغان تەبىئي ھۆرمەت ۋە ئادەمنى ھېچقانداق بىر ئىشقا مەجبۇرلىمايدىغان خاراكتېرى مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش ئۇسۇلدا ھۆرمەت قايتۇرۇشۇمغا سەۋەبچى بولاتتى. ئۈرۈمچىدىكى قىسقىغىنە 10 كۈن ئىچىدە بىز ھەر كۈنى دېگىدەك كۆرۈشۈپ تۇردۇق. بىراق بۇ جەرياندا ئۇ مىنىڭ قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىدى. يول ماڭغاندا دائىم دىگۈدەك ئارىلىق ساقلىناتتى. بىراق بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى. بالىلىق چاغلىرىمىزدىن تارتىپ ئوقۇش ھاياتىمىزغىچە، تۇققانلىرىمىزدىن تارتىپ دوسلىرىمىزغىچە، ساۋاقداشلىرىمىزدىن تارتىپ تاكى ئۇستازلىرىمىزغىچە. ئوقۇغان كىتاپلىرىمىزدىن يازغان ۋە يازماقچى بولغانلىرىمىزغىچە، بولۇپمۇ  ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىدىن مەن ھەر قېتىم كۈلۈپ تىلىقىپ قالاتتىم. بىراق بۇ پاراڭلارنىڭ ھېچبىرى مۇھەببەت ھەققىدە بولماستىن،كۆپرەك  ئەدەبىيات  تۇرمۇش ھەققىدە بولاتتى.      .

خوشلىشىدىغان ۋاقىتمۇ يىتىپ كەلدى. ئانامغا دەسلىۋىدە قويۇلغان دىئاگنوز خاتا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئانامنى  ۋە دوختۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن دورىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن جايىمىزغا قايتىپ كەتتۇق. ماڭىدىغان كۈنى روزاخۇن ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئالما ۋە سامسىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويدى. ئانام يول بويى ئۇنى ماختاپ كەلدى. مانا ئەمدى مىنىڭ خىيالىمدا ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يىلتىز تارتىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق تا ھازىرغىچە مەيلى يۈز تۇرانە بولسۇن ياكى خەتلىرىدە بولسۇن، ئۇ ماڭا بىرەر قېتىممۇ مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى دەپ باقمىغان، ۋە ياكى يېزىپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنسېرى ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگۈم كېلەتتى.

كۈنلەر يەنىلا بىر – بىرىمىزنىڭ سالام خەتلىرىنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈشلەر ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. بەزىدە ئىشخانىنىڭ تېلڧونى بىلەن ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە ئۇزۇن يوللۇق تېلڧونمۇ ئۇرۇۋالاتتىم. چۇنكى ئۇ چاغلاردا ئۇزۇن يوللۇق تېلڧون بەكلا قىممەت بولۇپ، پەقەت پوچتىخانىدىلا ئۇرغىلى بولاتتى.  ئۇمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ماڭا تېلڧون قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىن چۈشكەن چاغلاردىمۇ ئىشخانىدا قېلىپ ياكى ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم، ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە تېلڧون قىلاتتىم. مەيلى خەت يازماي ياكى تېلڧون قىلماي، ئۇنىڭدىن شۇ بىر ئېغىز، مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان، ھەممە قىزلار تەشنا بولىدىغان  شۇ بىر ئېغىز سۆزنى كۈتەتتىم……

(داۋامى بار)

2022-يىلى 9-ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىڧورنىيە شىتاتى، مونتېرى شەھرىدە يېزىلدى

جاۋاب يېزىش