ئۆزەمگە خىتاپ

دىلدار ئەزىز

تىرىكمۇ مەن، يا- ئۆلۈكمۇ؟

تومۇرۇمدا ئېقىۋاتامدۇ  قان؟

سوقۇۋاتمامدۇ ھېلىمۇ يۈرۈگۈم؟

بىلمىدىم ھېچ،بىلمىدىم.

 

تىرىكمۇ مەن – يا ئۆلۈكمۇ ؟

بىلمىدىم ھېچ شۇ كۆندىن باشلاپ،

بېشىمدا چاقماق، كۆزلۈرۈمدە ياش،

قولۇمغا ئىش بارماس، خۇددى ھوڭقۇشمەن،

 

كۆرىمەن ئۆزەمنى دائىم  سولاقتا، تۆمۈر قەپەزدە،

سۈرەتتىكى ناتاۋانلار چۈشلىرىمدە ،

نالىلىرى، ئىڭراشلىرى قولۇغۇم تۈۋىدە،

خىيالىمدا پەقەت سۈرەتلەر…….

 

يەتمىش ياشتىن ئاشقان، پەرىشتە سۈپەت  ئانىلار،

خەزىر سۈپەت دادىلار،ئاچا – ئاكىلار،

نارىسىدە بالىلار، ئوماق سىڭىللار،

ھايۋان كەبى باغلانغان شۇ قوللار،

چەيلەنگەن غۇرۇر،بۇلغانغان ئىپپەت،

مانا بۇلار ئادالەتسىز زاماننىڭ،

ئىگىسىز، باش- پاناھسىز ئۇيغۇرۇمنىڭ،

خورلۇق خاتىرلىرى…….

قولىغىم تۈۋىدە ياڭراۋاتقان  ئۈنسىز نالىلىرى….

 

چەيلەنگەن ئىپپەت …..

باغلانغان قوللار…….

خورلۇقتا ياشلانغان كۆزلەر،

زورلانغان تەبەسسۇم،

 

بەلكىم بۇ ئۇلار چۇن ئاخىرقى خاتىرە؟!

بۇ دۇنياغا كېلىپ كەتكىنىنىڭ،

ئادالەتسىز ھاياتنىڭ،

ئاخىرقى ئىزناسى؟!

ئىزدىدىم مەن ئۇلار ئىچىدىن،

تۇنۇش چىراينى،

تۇققانلىرىمنى،

دوستيارلىرىمنى.

شۇندا بىلدىمكى،

ھەممىسى ئىكەن،

يۈرەك پارىلىرىم، قېرىنداشلىرىم،

مىنىڭ ئۇيغۇرۇم.

سورىدىم مەن ئۆزەمدىن:

ھاياتمۇ سەن، ئۆلدۈڭمۇ ياكى؟

بارمۇ تىنىقىڭ؟

ئاڭلىدىڭمۇ يۈرەك تىۋىشىنى؟

زارلاش، يىغلاشلامۇ سىنىڭ ھايات قىممىتىڭ؟

كەلدى بىر سادا:

«دەس تۇر ئورنىڭدىن،

ئالغىن قورالنى،ئۇ سىنىڭ قەلىمىڭ،

ئاتقىن بەتلەپ، يۈرىكىنى چەنلەپ،

تاپارسەن شۇ چاغ، ھايات قىممىتىڭ.»

2022- يىلى ماينىڭ 28- كۈنى

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند  شىتاتىدا يېزىلدى

جاۋاب يېزىش