ئانا قەلبى

مېھرىنىسا ئىسمائىل
قىزىم چالدى گۈزەل لېرىكا ،
پىيانىنونىڭ سۆيگۈ تىلىدا .
تىترىسىمۇ نازۇك تەنلىرىم ،
شىپا بولدى مىسكىن دىلىمغا.
نوتىلارنىڭ ھەسرەت مۇڭلىرى،
تارالماقتا نامەرت جاھانغا
ۋۇجۇدۇمنى چىرمىدى ھىجران ،
سىغىنچىمدىن جىنىم ئانامغا .
شىپا ئىزدەپ خەستە كۆڭلۈمگە،
بالا بولغۇم كەلدى شۇ تاپتا .
قارلىغاچنىڭ باچكىسى بولسام ،
دان بەرسىكەن ئانام ئاغزىدا.
كۆزلىرىمدىن سىرغىغان ياشلار،
تەمتىرەتتى تاتلىق قىزىمنى .
يۈگرەپ كەلدى نوتىنى قويۇپ،
سۈرتتى ياشنى ، سۆيۈپ مەڭزىمنى.
يىغلاپ سالدى جىنىم ئوغلۇممۇ ،
ياستۇق قىلىپ يۇمشاق كۆكسۈمنى.
قۇچاقلىدىم چۆجىلىرىمنى ،
باسالماستىن ئۆكسۈشلىرىمنى .
كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم بۇ رەت ،
ۋەتەندىكى سەرسان يېتىمنى .
ئايلانسامكەن شۇ ئان سۇمرۇغقا ،
كۆيدۈرسەملا بىرتال چېچىمنى .
بارسام ئوقتەك يىنىغا ئۇچۇپ،
چاچسام ئەپسۇن خسلەتلىرىنى.
ئاي ـ يۇلتۇزلار سۆيسە مەڭزىگە،
پەرىشتىلەر ئاچسا ئىشىكنى.
2022ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى
(گىرمانىيە)

جاۋاب يېزىش