دوپپىسى يوق بالامغا بېغىشلايمەن

ئايگۈل ئالىم <تامچە>

سەن شۇ تاپتا ئېتىزدا، قىردا،
ياكى ئاتاڭ ساقلاپ، دالىدا.
ئاي يۇلتۇزغا دەردىڭنى تۆكۈپ،
باغلاندىڭمۇ قاراڭغۇ غارغا.

قىسىلغانمۇ قوللىرىڭ شۇتاپ،
زەنجىر سۆرەپ، تاقاق پۇتۇڭدا.
ۋىجىك جۇغۇڭ، سۈيۈكۈڭ چىقىپ،
ئوخشاپ قالغانسەنمۇ مۇردىغا.

چاچلىرىڭنى تارىغان ئاناڭ،
تاپالمىدى سېنى ئېھتىمال.
چاچلىرىنى يۇلۇپ يوللاردا،
كىملەرگىدۇر تۆكىدۇ مۇڭ-ھال.

بىر چاغلاردا ياراشقان دوپپاڭ،
قايسى خاخۇن بىشىغا كەتتى.
كانۋاي كۆڭلەك قانغا بويۇلۇپ،
ئاھ، زارىمىز پەلەككە يەتتى.

تىللىرىڭنىڭ قىسلغىنىغا،
ئالەم گۇۋاھ، يىغلايمەن بالام.
خان بېشىڭغا بادام دوپپاڭنى،
سېنىڭ ئۈچۈن ساقلايمەن بالام.

قارا قاشلىق، دوپپىسز بالام،
ئامان بولسۇن ساپ ئۇيغۇر جېنىڭ.
بايرىغىمىز تىكلەنگەن ئەتە،
غەلبە سېنىڭ!شان-شەرەب سېنىڭ.

ئۈمىد بىلەن تىرەپ تۇر تۇپراق،
يولىمىزدا سانسز نۇر چىراغ.
غەيرىتىمىز ئۇلىشار تاڭغا،
قارا تۈننى ئۇزىتىپ يىراق.

2022-يىلى 5-ماي

جاۋاب يېزىش