ئادەم ۋە ھاۋا

كۇراش ئۆمەر ئاتاخان

باشتا ئادەملەر يوق ئىدى، يارىلىش ئىرادىسىلا بار ئىدى .

مىلىون يىللار شۇنداق زېرىكىشلىك ئۆتۈپ كەتتى…

ئالەم ھامىلدار بولغان ئىدى…

يىگىت بىلەن قىز ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ سەپەرگە چىقتى،

ھەر ئىككەيلەن ئىختىيارسىز چۆلدىكى دېڭىزغا قاراپ ماڭدى،

ئوتتەك قىززىق قۇياش ئاستا- ئاستا كۆتۈرىلىۋاتاتتى.

ئالما دەرىخىنىڭ ئەتراپىدا بىر يىلان ئايلىنىپ يۈرەتتى…

چۆل بىلەن دېڭىز كېسىشكەن يەردە تاسادىپەن ئۇلار ئۇچراشتى،

گويا ماگنەتتەك بىر كۈچ ئۇلارنى بىر- بىرىگە ئىتتىرەتتى.

چىچەكلەر خاسىيەتلىك قارغا، ياپراقلار بولسا يامغۇردەك ئۈمىتكە ئايلاندى…

كۆك قەھرىدە ئۇچىۋاتقان قۇشنىڭ كۆزى قان رەڭلىك ئالمىدا ئىدى…

ئىككى كىشلىك بۇ دۇنيا خۇددى جەننەتنىڭ ئۆزى ئىدى.

ئارمانلار ئورمانغا ئايلاندى.

ۋاقىت گويا ئۈركۈپ كەتكەن قۇشلاردەكلا، ئوقتەك شۇڭغۇپ ئۆتۈپ كەتىۋاتاتتى.

زىمىن ھېلى قارىداپ، ھېلى ئاقىرىپ، ھېلى كۆكۈرەتتى.

قۇشلار كەلگەن تەرەپكە يەنە ئىلگىركىدەكلا ئۇچۇپ كەتەتتى.

يوپۇرماقلار، گۈللەر ۋە چىچەكلەر زىمىنغا خۇددى پەرۋانىدەك يېنىش – يېنىشلاپ ئۆزىنى ئاتاتتى.

يامغۇرلار قۇرۇپ، قارلار ئېرىۋەردى…

ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلۇپ، يۇلتۇزلار خىرەلىشەتتى…

چىچەك ئالمىغا ئايلاندى، چوغدەك قىزاردى، كۆمۈردەك قارىدىدى…

ياپراقلار پەرىشتىدەك كۆكەردى، ئاشىقتەك سارغايدى، ئالتۇندەك قىزاردى، كۆز ياشلىرىدەك تۆكۈلدى…

زەمىن ھارغىن، تولىمۇ ھارغىن ۋە ئەلەم بىلەن ئېغىر ئايلىناتتى…

بىرلىكتە سوققان قوش يۈرەكلەرنى، چۆل بورانلىرى بارخانلار بىلەن كۆمۈپ تاشلاپ، غېرىپسىنىپ قالغان ساھىلدىن ئۇزاپ كەتتى!

(تۈگىدى)

23.08.2020

جاۋاب يېزىش