گۈزەل مىلودىيەدىن ئۇنتۇلماس خاتىرلەر

ئالىيە ئابدۇقادىر

        بىز  بەزىدە ئاجايىپ گۈزەل ، سېھىرلىك ناخشىلارنى ئاڭلايمىز، بۇ ناخشىلار بىزنىڭ بارلىق خاپىلىق ، ئازاب ، دەردلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىپ ، بىزگە چەكسىز ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى ئاتا قىلىدۇ ،ھەتتاكى، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە روھىيىتىمىزغا خۇشاللىق، جۇشقۇنلۇق بېغىشلايدۇ. مەن يېقىندا ئەنە شۇنداق ناخشىدەك يېقىملىق ، مىلودىيەدەك گۈزەل بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. 

           بۇ 2021- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى ئىدى. مەن ئەنە  شۇنداق ئاجايىپ گۈزەل ، ھاياجانلىق ئۈچ سائەت ۋاقتىمنى  <دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى>  ئۇيۇشتۇرغان تالانتلىق  شائىرە راھىلە كامالنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆتكۆزدۈم.  بۇ مۇشۇ بىرلىكنىڭ  3- قېتىملىق توردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنى  بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن بۇ يېغىنلارنىڭ پەقەت ئىككى قېتىملىقىغىلا قاتنىشالىدىم. يېغىن گەرچە  توردا ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولسىمۇ،بۇ پائالىيەتكە يەر شارىنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇقتىلىرىدىن،ئوخشىمايدىغان  ۋاقىت سەئەتلەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا  يېغىنغا  قاتنىشىۋاتقانلار  ئۈچۈن ئۆزلىرىنى خۇددى بىر جايغا يىغىلىپ دىدارلىشىپ ئولتۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرگەن بۇ تور يىغىنىنىڭ كىشىگە قالدۇرغان تەسىرىنى ھەتتا ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ، ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر تۈرى بولغان شېئىر ئارقىلىقلا ئەينەن تەسۋىرلەپ بېرىش مۇمكىن.

      ئىنتايىن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ ، 11 يېشىدىلا تۆت پارچە شېئىرى » ئىلى گېزىتى » دا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان راھىلە كامال خانىم،  ۋەتەندىكى مەزگىلىدىلا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، مۇشۇ ساھەدە رەسمىي تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. راھىلە كامالنىڭ ئۆزى توغرىلىق ئېيتقان بايانلىرىدىن ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە مۇنۇ قۇرلارنى كۆرۈۋاالاليمىز :

        » ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئون يىل جەريانىدا ھازىر ئۆزۈممۇ قانائەت قىلمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن قەلىمىمنىڭ سىياسىنى قۇرۇتۇپ قويدۇم . بەلكىم ، راستنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغاندىمەن . كېيىن ئۈندىداردا ۋەتەندىكى قەلەمكەش دوستلىرىمنىڭ ، دادامنىڭ ، ئائىلەمنىڭ زور ئىلھامى بىلەن يۈرەك يارىلىرىمنى شېئىر بىلەن داۋالاشقا ، شىئر ئارقىلىق ئۆزۈمنى قايتا  ئىزدەشكە باشلىدىم ، يازغانلىرىمنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا دوستلار بىلەن تەڭ بەھىرلەپ ماڭدىم . يازغانلىرىمنى ياقتۇرغانلارمۇ ، ياقتۇرمىغانلارمۇ بولدى . بۇنىڭغا ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمىدىم . قايتا يېزىش جەريانىدا شۇنى بىلدىمكى ، شېئىرىيەت ھەققىدە ئۆگىنىدىغانلىرىم تولىمۇ كۆپ ئىكەن. بارا – بارا شىئېر يازمىغان كۈنلىرى كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا خۇددى بىر نەرسەمنى يوقۇتىپ قويغاندەك بىئارام  بولىمەن، پەقەت ئويلىغانلىرىمنى يېزىۋالساملا ئاندىن ياخشى بولۇپ قالىمەن. شىېر  يېزىشتا مېنىڭ  ئۇلۇغۋار پىلانلىرىممۇ يوق. پەقەت يازغۇم  كەلگەندىلا يازىمەن. يازمىسام ئۆزۈمنى راھەتسىز ھېس قىلىمەن . ئىككىنچىدىن ، يازغانلىرىم ئالاھىدە بولمىسىمۇ ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئېغىر كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەدەبىياتىمىز ، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ،ئەگەر قارلىغاچ ئاغزىدىكى سۇچىلىك بولسىمۇ مېھنىتىم بولسىكەن ، دەيمەن . ئۈچىنچىدىن ، مەن بىر ئانا ، كېلەچەكتە قىزلىرىم ، نەۋرىلىرىمگە مەندىن مۇشۇنداق گۈزەل بىر خاتىرە قالسىكەن ، دېگەن ئارمانىم بار ، كېيىنكى تۇققانلىرىم بىلەن ۋەتىنىم ، كىملىكىم ، ھەسرەت – ئارمانلىرىم ئوتتۇرىسىدا بىر باغلىنىش بولسىكەن ، دەيمەن «.

          شائىرەنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ھەققىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇن ئالغان داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىزىنى باسقان قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ساھەدىكى مول بىلىمىگە بىرلەشتۈرۈپ يازغان ئوبزورى ئارقىلىق يىغىن قاتناشچىلىرىغا مۇنداق چۈشەنچە بەردى : » شەكىل جەھەتتىن راھىلە كامال شېئىرىيەتتىكى ئاساسلىق شەكىللەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىجادىيەت يارىتىپ باققان ، مەسىلەن : بارماق ۋەزىن ، ئارۇز ۋەزىن ،  چاچما شېئر قاتارلىقلار. ئۇنىڭ بەى  چاچما شېئىرلىرىدا بىز شەكىل جەھەتتىن چاچما شېئىر ، مەزمۇن جەھەتتىن گۇڭگا شىېئىر تسىنى كۆرۈۋالالايمىز. يېقىنقى مەزگىللەردە اھىلە كامال خانىم گۇڭگا شېئرلارغا بەكرەك ئىشتىياق باغلىدى ، دەپ قارايمەن . بۇ شائىرەنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ بىر ئەركىنلىككە مۇۋەپپەق قىلىپ ، ئوي – پىكىرلىرىنى تېخىمۇ يارقىن ، تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەشتەك شارائىتقا ئىگە قىلغان . مەزمۇن جەھەتتىن ،راھىلە كامالنىڭ شېئىرلىرىدا خۇددى بىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىز ياكى يېقىنقى زامان شائىرلىرىمىزغا ئوخشاشلا مۇھەببەت ، ۋاپادارلىق ، گۈزەل ئەخلاق  تېمىسىدىن مۇستەسنا ئەمەس . «

        مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا كەم ئۇچرايدىغان ھاياجانلىق ، مۇھەببەتلىك سورۇندىن بەھرىمەن قىلغان ، شائىرەنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان ، شۇنداقلا جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن ئىپتىخارلاندۇرغان   ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يەنە بىر ئىش شۇ بولدىكى ، بىر قانچە سەنئەتكار شائىرەنىڭ شېئىرلىرىغا ئىشلەنگەن ناخشىلىرىنى  نەق مەيداندا ساز چېلىپ ئورۇنداپ بەردى . سەنئەتكارلار ئىچىدە ياپونىيىلىك مۇزىكانتنىڭمۇ بولۇشى يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى ۋە سۆيۈندۈردى . راھىلە كامال شېئىرلىرىنىڭ ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلىشى ، بۇ ناخشىلىرىنىڭ  ياپۇنلۇقلارنىڭ  قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى پەقەت شائىرەنىڭلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، توغرىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ شان – شەرىپى ، ئېتىراپقا ئېرىشىشى ئىدى . داڭلىق مۇزىكانت نوزاكى ئەپەندى شائىرە راھىلە كامالنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، ئۇ شائىرەنىڭ » كامال كەتتى» ناملىق شېئىرىغا ئىشلىگەن ناخشىسىنى گىتار بىلەن نەخ مەيداندا ئورۇنداپ بەردى . بۇنىڭ ھاياجىنى بېسىلماي تۇرۇپلا ، يىغىن قاتناشچىلىرى يەنە پەرھات ئابىت ئەپەندىنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇندىشىدا شائىرەنىڭ » يالغۇز » دېگەن شېئىرىغا ئىشلەنگەن ناخشىسىنى مۇڭ بىلەن ئاڭلاتتى . شائىرە بىلەن بىر دۆلەتتە ياشايدىغان ئابدۇراھمان ئەپەندىنىڭ  ھەممىمىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن سوۋغىسى تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئۆزگىچە بولدى ، ئۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  » يانارىم يوق» دېگەن شىئرىغا مۇزىكا ئىشلەپ  ۋە ئۇنى ئورۇنداپ ،ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان دوستلىرىنىڭ ئىجراسىدىكى  شائىرەنىڭ » ھۆر تىلەيمەن بالام  ساڭا» ناملىق شېئىرىغا تېخى يېڭىلا دوستلىرى بىلەن مۇسزىكا ۋە ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان شېىئىرىن ناخشىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قويۇپ بەردى . بۇ سوۋغاتنىڭ شائىرەمۇ ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىمۇ  چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدى ، بۇنىڭ يغىن ئەھلىگە قالدۇرۇلغان ھايانجانلىق تۇيغۇنى سۆز بىلەن تەسۋىرلشكە قەلىمىمنىڭ ، ئىقتىدارىمنىڭ ئاجىزلىق قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن . مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ، ئۆزىنىڭ يارقىن شېئىرلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككەن ، شېئىرنىڭ قۇدرىتىنى كۈچلۈك قەلىمى ئارقىلىق نامايان قىلىپ بەرگەن ياش شائىرە گۈلرۇي ھۈسەيىن ( توردىكى تەخەللۇسى سەرۋى )  راھىلە كامالنىڭ ئىجادىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى:

» راھىلە كامالنىڭ شېئىرلىرىدا شېئىرنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ ئېلېمېنت ، يەنى ئىدىيە ، ھېسسىيات ، سۆز شۇنداق ياخشى بىرلىشىپ ، گۈزەللىك سۈپىتىدە ، راھىلە كامالنىڭ ئۆزىگە خاس ، ئاياللارغا خاس بولغان چوڭقۇر گۈزەل ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئاۋام خەلققە سۇنۇپ بەرگەن . شائىرە يەنە ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان توپلىمىنىڭ ، يەنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ توپلىمىغا ۋاكالىتەن ، مۇھاجىرەتتىكى سەرسان ھاياتىمىزدىكى قايغۇلىرىمىزنى ، ئازاپلىرىمىزنى يازغان . شۇڭا ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى تېپىۋالغان خەلقىمىز شائىرەنىڭ ئەسەرلىرىگە شۇنداق ياخشى باھا بەرگەن. ئاكتىپ پائالىيەتچى ،شائىر، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ، ۋەتەندە ئۇزۇن يىللىق ئاخبارات ساھەسىدە شەرەپ قۇچقان ، مۇھاجىرەتتىمۇ ئانا تىلنى ساقلاپ  قېلىش ، راۋاجلاندۇرۇش  جەھەتتە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان سەلىمە كامال خانىم ، يازغۇچى گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم ، ئامىنە ۋايىت خانىم ، نىلۇفەر ھاشىموۋا خانىم ، گۈلباھار خانىم قاتارلىق ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇستاز، تۆھپىكارلارنىڭ شائىرە راھىلە كامالنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرگەن باھالىرى ناھايىتى يۇقىرى بولدى . تۇرسۇنئاي خانىم راھىلە كامال خانىمنىڭ شېرىغا جاۋابەن يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن بى چاغدا يەنە نورۋىگىيەنىڭ ئوسلو ھەشرىدە ياشاۋاتقان ياش يازغۇچى ئايگۈل يۈسۈپ خانىمنىڭ موھىم ئىش تۈپەيلىدىن يېغىنغا قاتنىشالمىغانلىغىدىن ھۆزۇر سوراپ يازغان تەبىرىك ختىنى .وقۇپ بەردى.  ھەر ساھەدە تونۇلۇۋاتقان كۈندۈزئاي خانىم شائىرەنىڭ شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، شائىرەنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن بىر قىسىم سەمىمىي تەكلىپ ، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . كىچىك پېئىللىكتە باشقىلارنى  قايىل قىلىپ كلىۋاقان راھىلە كامال خانىم بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھەۋەسلەندۈرۈپ ، شائىرەنىڭ كەنجى قىزى ئۆزى يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى. شائىرەنىڭ كۈچلۈك مەدەتكارى ، قىزغىن قوللىغۇچىسى بولغان يولدىشى مىرزەخمەت ئەپەندىمۇ قەلب ئىزھارىنى نامايان قىلدى . ۋاقىت يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن قېرىشقاندەك شۇنداق تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى ھەر قېتىملىق تور مۇھاكىمە يېغىنلىرىدەكلا  ھېچكىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى غېرىپلىقنى بىرئاز بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدىغان بۇنداق كۆڭۈللۈك سۆھبەتتىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ شائىرەگە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ، گۈزەل تىلەكلىرىنى بايان قىلىۋېلىشقا ئىنتىزار بولغان بىر قىسىم سۆھبەتداشلار  ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن سۆز قىلىشقا ئامالسىز قالدى. ھەرقانداق ئىشقا ئەستايىدىل قارايدىغان دىلدار ئەزىز خانىم يەنىلا يېرىم كېچىدىكى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ، سۆھبەتكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارنى نەزەردە تۇتۇپ، يىغىننى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى . » دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى  بۇ سۆھبەت ئاخىرلاشتى . بۇ تور يىغىنى سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە 9 – ئايدا ئۆتكۈزۈلۈدىغان تور مۇھاكىمە يىغىنىغا بولغان ئىنتىزارلىقنى ، تەشنالىقنى سېلىپ قويۇپ ئاخىرلاشتى . شۇنداق ، ھەرقانداق ئىشنى قىلسا گۈل گۈلىگە كەلتۈرىۋېتىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى قالتىس . مەيلى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلار بولسۇن ، ياكى ۋەتەندىكى چىدىغۇسىز بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاياللار  بولسۇن ، » مىللەتنىڭ ئانىسى» دېگەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يۇقىرىدىكى يەكۈننى ئىسپاتلاپ  بەرمەكتە . خۇددى شائىرە راھىلە كامال شېئىرلىرىدا تەسۋىرلىگىنىدەك ،ۋە خۇددى ياش ، تالانتلىق يازغۇچى ، قەھرىمان قىز رەنا غوپۇر يېغىندىكى سۆزىدە بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئېيتقىنىدەك ، ئۇيغۇر ئاياللىرى » شۇنداق نازۇك ، ئەمما قەيسەر؛ تەقدىرگە بويسۇنىدۇ ، ئەمما تەسلىمچى ئەمەس؛ ھاياتتىن رەنجىيدۇ ، ئەمما زارلىمايدۇ؛ تەقدىرنىڭ بېشىغا ئەكەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئەمما يەنە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ .» مۇھاجىرەتتە يەنە قېزىپ چىقىشقا، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا لايىق  نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ئاياللار بار . شۇڭا ، تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئالدىنقى قېتىملىق تور مۇھاكىمە يىغىنىدا دېگەندەك : » ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر ئاياللارغا سەھنە ھازىرلىنىشى كېرەك .» بۇ سەھنىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ئۇنى دەل » دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى » بەرپا قىلدى . بۇنىڭغا بۇ بىرلىكنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بىر – بىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ۋە بۇ سۆھبەتلەردىكى ئاستا – ئاستا سەپكە قوشۇلۇۋاتقان شۇنچىلىك قابىلىيەتلىك ئاياللار ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ.

جاۋاب يېزىش