ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ۋە گۈزەل دېدار

ئايگۈل ئالىم

 مەن دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلدار ئەزىز ئۇستازنىڭ ياردىمى ھەم مۇھاجىرەتتىكى سۆيۈملۈك قېرىندىشىم راھىلە كامال ھەدەمنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئاۋغۇستنىڭ گۈزەل بىر كېچىسى خۇددىي يۇرت قۇچىغىىنى ئارلىغاندەك تۇيغۇلاردا، مۇساپىر چۆللىرىدە ئاچا – سىڭىللار بىر يەردە جەم تۇرۇپ ئۆز- ئارا گۈزەل تىلەك، سەمىمىي مەدەتلەر بىلەن ئاياللىق روھىنى جاسارەتتە ئويغىتىدىغان شۇ قەدەر گۈزەل دەقىقىلەرگە نايىل بولغانلىغىمدىن تولىمۇ خوشالمەن ھەم بۇ پۇرسەتتە بۇ پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن
دىلدار ھەدەمگە ھەم ئۈلگىلىك ئۇستازىم راھىلە كامال ھەدەمگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى
بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شۇ دەقىقىلەردىكى تۇيغۇلىرىمنى، يۈرەك تىۋىشلىرىمنى بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئايال – ئۇ كۈلگۈن چىچەك ھەركۈن ئۈچۈن،
ئايال- ئۇ كۈچلۈك  تېرەك  تۇرمۇش ئۈچۈن.
ئايال – ئۇ قەيسەر يۈرەك مۈشكۈل ئۈچۈن،
ئايال بىلەن گۈزەل دۇنيا ياشاش  ئۈچۈن.

بۈگۈن شۇنداق بىر روھ بىلەن كۈچلەندىم …….

                      جۇدۇندا – سۇلمايدىغان گۈل!
                     گۈزەللىكتە – تەڭدىشى يوق گۈل!
                    ئەھدىگە – جاھان يەتمەس گۈل!
                   مېھرىدىن – پۇرىغى يۈتمەس گۈل!

بۈگۈنكى سۆھبەتتە  بىر قانچە ئۇستاز راھىلە ھەدەمنىڭ ئەسەرلىرى ۋە قەدرى ھەققىدە توختالدى. يەنە بىرقانچە قەلەمكەش ئاچا-سىڭىللىرىمىز بۇ ئوتلۇق قەلەمنىڭ ئىزلىرى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ئىلھام ھەم مەدەتلىرى ھەققىدە تولىمۇ تەسىرلىك ھەم قىممەتلىك ھاياجانلىرىنى بايان قىلىشتى. مەن شۇ قەدەر ھاياجان ۋە پەخىر تۇيغۇسىدا تۇرۇپ، سۆز قىلىش نۆۋىتى كۈتكەن بولساممۇ ئەمما ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى يۈرەك سۆزلىرىم ئۈزۈلۈپ قالامۇ دىگەن زارىقىش ھەم ئەنسىرەش ھاياجىنى بىلەن ۋاقىتنىڭ قانداق توشۇپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمەن.
مەن سۆزلىيەلمىدىم، ئەمما مېنى كىچىگىمدە شېئىرغا، شېئىرىيەتكە، ئانا تىلىمدا بۇلاق سۈيىدەك بۇلدۇقلاپ چىقىدىغان ھاياجانلىرى بىلەن باشلاپ كىرگەن قەدىرلىك ئۇستازىم گۈلبەكرەمدىن سىڭىپ كىرگەن ئوت ھەركۈنى مۇساپىر خىياللىرىمدا يۈرىگىم ئارقىلىق راھىلە ھەدەم بىلەن توختىماي مۇڭدىششقا ئىلىپ باراتتى. مانا بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇنىڭغا يۈز تۈرانە تىكىلىپ تۇرۇپ مەمنۇنلۇق ھەم قايىللىق تۇيغۇسىدا ھۆرمەت ھەم ئىلھام بىلەن سۆھبەتلىشش پۇرسىتىگە ئېرىشش، يىلللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى يىتىملىق روھىيىتىگە مەدەت بولىۋاتقان روھنى قۇچاغلاش راستىنى ئېىيتقاندا مەن ئۈچۈن بىر بەخىت ۋە بىر نېممەت! مەن ئۇنى تونۇدۇم،
بۇرۇن مىسرالىرىدىن تونىغان بولسام ئۇنىڭ تۇرقىدا يالتىراپ تۇرغان شۇ روھلاردىن قايتا يەنە بىر قېتىم ئەڭ يېقىن تونۇدۇم.
  مۇڭداشتۇق …..خۇددىي ئەخمەتجان كوچىسىدا، ۋاڭ قادىر كوچىسىدا يانمۇ-يان ئولتۇرغاندەك شۇنچە راھەت ھەم ئەركىن مۇڭداشتۇق.
ئۇ ماڭا كەمتەرلىكتىن ئۈلگە ئىدى.
ئۇ شۇ قەدەر كىچىك پېئىللىق بىلەن سۆزلەيتتىكى ئۇنىڭ خىسلەتلىرىگە قايىللىغىم، ئىچ -ئىچىمدىن چىقىرىپ ئۇرغۇتماقچى بولغان، ئاياللىق بېسىم ھەم تەقدىر قىسمىتى تۈپەيلى يەلكەمنى بېسىىپ تۇرغان بارلىق مۈشكۈلنى بىر تىنىقتىلا چۆرۈپ تاشلىشىمغا مەدەت ھەم كۈچ بولدى.
مەن ئۇنى شۇ كۈن تونىدىم  يەنى <سالام سىڭلىم! >دېگەن  يۈرىگىدىن چىققان سەمىمىيەت بىلەن تونىغان شۇ  كۈندىن  چەكسىز خوشاللاندىم.

بۈگۈنكىدەك ئاياللار ئەرلەدىنمۇ كۈچلۈك بولۇشقا مەجبۇر قان- ياشلىق قىسمەتلىرىمىزدە شۇنداق بىر ئۇستازغا، شۇنداق بىر قېرىنداشقا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن! ئاخىرقى جاراڭلىق سادالىرىم شۇكى ئانىلار ھايات! ئۇيغۇر ھايات! ……ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ!…يوللار داۋام ئېتىدۇ!…
ئىزلار كۆمۈلمەيدۇ!….روھلار يۈتمەيدۇ!…….

2021-يىلى     -ئاۋغۇست

جاۋاب يېزىش