ۋەتەن ئىشقىغا بغىشلانغان ھايات

  شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى

       ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن تۈرك خەلقىگە تونۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىرەسى نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم 1957  – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەركەنت ناھىيەسىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ۋە مىللىي تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتلاردا دادىسى سىيىت ئابدۇل ۋەلىخان خىتاي تۈرمىسىدە زۇلۇم چېكىۋاتاتتى. نۇرئەلانىڭ مۇساپىرچىلىق ھاياتى تۆت ياشقا كىرگەندىلا باشلانغان بولۇپ، ئۇ 1961- يىلى ئائىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغا، 1965- يىلى يەنە ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. نۇرئەلا ئوقۇش ھاياتىنى قەيسەرىدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھازىرقى يولدىشى ھامۇت كۆكتۈرك بىلەن توي قىلغان. ئۇ ھازىر  ئۈچ قىز، بىر ئوغۇلنىڭ ئانىسى.

نۇرئەلا خانىم تۈركىيەدىكى ناھايىتى ئاكتىپ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ تۈرك دۇنياسى خەلقئارا يېمەكلىكلەر مۇسابىقىسى ۋە خەلقئارا شېئىرىيەت سەھنىسىدە ئۇدا ئىككى قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  ۋە ئىككى قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.  نۇرئەلا خانىم بۈگۈنگىچە تۈركىيە ئىچى ۋە خەلقئارالىق رادىئو- تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا نۇرغۇن قېتىم قاتناشتى.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ شېئىرلىرى قەيسەرىدە نەشر قىلىنغان »بىزنىڭ ياشلار» شېئىرلار توپلىمىدا، خوجا ئەخمەت يەسەۋى ۋەخپىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان » شېئىر پەسلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا، «گۈلدەستىلەر»دە، تۈركىيە ۋە گىرمانىيەدە نەشر قىلىنىدىغان نۇرغۇن گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى ۋە بىرقىسىم شېئىرلىرى ئاۋازلىق ئوقۇلدى.  بۈگۈنگىچە نۇرئەلا خانىمنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرى يەنە تۈركچە چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بولغان  «ئىئوروئېماج «،» رەفەرانس»، «تارىخ» قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم قەيسەرى ۋە ئىستانبولدا ئۇزۇن يىللار شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم- قىزلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە خانىم- قىزلار ئارىسىدا ۋەتەن دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش،ئۇيغۇر ھەدە – سىڭىللارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.  ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇزۇن يىللار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ياردەم جەمئىيىتىدە ئاياللار خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. 1996- يىلدىن 1997- يىلىغىچە خوجا ئەخمەت يەسەۋى ۋەخپىسىدە خانىم- قىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە ئاشخانا مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئاچقان كۆرگەزمىلىرىنى، كېيىنكى يىللاردا ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونى ۋەزنەجىلەر مەھەللىسىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە داۋاملاشتۇردى. ھەرقايسى جايلاردا تەرتىپلىك شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان »ئانىلارنىڭ تىلى، دوپپىلىقلارنىڭ گۈلى» ناملىق كۆرگەزمىلەردە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەييارلىغان  يەتتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ شېئىر، ناخشا، مارش ۋە ئۇسۇللىرىنىمۇ كۆرگەزمىگە ئورۇنلاشتۇردى.

نۇر ئەلا كۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇر دەۋاسىغا ۋەكىل بولۇپ، تۈركىيە ئىچىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە 100 دىن ئارتۇق تەقدىرنامە، تەشەككۈرنامە ۋە لاياقەت گۇۋاھنامىلىرىغا ئېرىشتى. نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ ئۆز قەلىمىدە پۈتكەن «كۆك بايراق ئىشقى 1″، » كۆك بايراق ئىشقى 2″، » مەن تۈركىستان قىزى» قاتارلىق شېئىر كىتابلىرى،»شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتى» نامىدىكى ئەسەرلىرىدىن سىرت، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ۋە ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمنىڭ «ھىجران دەردى» ناملىق كىتابى ئۇنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى.

نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ «كۆك بايراقنىڭ كۆز يېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  2012- يىلى 2-ئاينىڭ 2 – كۈنى تۈركىيەدىكى «ئاتەش نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. نۇرئەلا خانىم ھازىرمۇ ھەرخىل تۈردىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقاندىن سىرت،ئېلان قىلىنىش ئالدىدا  تۇرغان»تەڭرىتاغلىرىدىن ئەرجىيەسنىڭ باغرىغا كۆچۈش ھېكايىسى» ناملىق ئەسىرى  پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن دىدار كۆرۈشكۈسى.

سېغىندىم

ھەسرىتىمنى يازدىم تاققا – تاشلارغا،

ھەسرىتىمنى يازدىم دېڭىز- ئوكيانغا،

ھەسرىتىمنى يازدىم قىشقا ۋە يازغا،

جەننەت يۇرتۇم تۈركىستاننى سېغىندىم.

يېشىل ياپراق، بەرگىلەردىن، قۇشلاردىن ،

كۆلدە تۇرغان كۈكۈش رەڭلىك سۇلاردىن،

ھەيۋەت بىلەن تۇرغان كۆكتىن – تاغلاردىن،

سورۇدۇممەن تۈركىستاننى سېغىندىم.

بادام كۆزلۈك دىلبەرلەرنىڭ كۈزىدە،

ئاشىقلارنىڭ چالغان مۇڭلۇق كۈيىدە،

يالقۇنلىغان ئاتەشلەرنىڭ چوغىدا،

كۈرۈپ جەننەت تۈركىستاننى سېغىندىم.

يايلاقلاردا تايچاقلارنى كۆرگەندە،

ياز بولغاندا شىرىن مىۋە يىگەندە،

بىرى ماڭا » ئاھ ۋەتىنىم» دىگەندە،

كۆيدى باغرىم تۈركىستاننى سېغىندىم.

ئاي – يۇلتۇزنىڭ پارقىرىغان رەڭگىدە،

سەھەر ۋاقتى كۆك ئاسماننى كۆرگەندە،

بىرى سازنىڭ دىلتارىغا ئۇرغاند،

مەنمۇ يۇرتۇم تۈركىستاننى سېغىندىم.

تاڭ ئاتمايدۇ سەندىن ئۇزاق كىچىلەر،

سىنى يازدى دەپتىرىمگە ھەرپلەر،

ساڭا ھەسرەت ئۆتتى نەچچە ئۆمۈرلەر،

شۇڭا دائىم تۈركىستاننى سېغىندىم.

ئالدىمىدى مىنى دۇنيا گۈزىلى،

ۋەتەن دەيدۇ قەلبىم ئەزەل- ئەزەلى،

60 يىلدۇر شۇ جاھاننى كەزگىلى،

ۋەتەن دىدىم تۈركىستاننى سېغىندىم .

ئاخىرلاشتى ئۆمرۈم شۇنداق دەرتلەردە،

كۈرەلمىدىم ۋەتەن سىنى ھەسرەتتە،

دىسە ئەمدى ساڭا جەننەت بىرەيلى،

يانا دەيمەن تۈركىستاننى سېغىندىم.

جاۋاب يېزىش