ئاياللارنىڭمۇ ھەققىي بار

دىلدار ئايتۇلدى

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا فەيسبۇكتا ئاياللار كۈنىنى ھاقارەتلىگەن مۇدھىش بىر يازمىنى كۆرۈپ، قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى. ئادەتتە بۇنداق مەدەنىيەتتىن نېسىۋېسىنى ئالمىغان قارا جاھىل كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇ ۋە بەدبۇي ئورىكىدە تۇرۇپ يازغان جۆيلۈشلىرىگە پەرۋا قىلمايمەن، لېكىن بۇ قورقۇنچلۇق زېھنىيەتنىڭ ئاز بولمىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا بۇ قەدەر رادىكال بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

ئۇنداقتا بۇ قانداق زېھنىيەت ؟ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ بەختلىك ياشاش ئېھتىمالىنى ئازايتىۋاتقان زېھنىيەت. بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان، پۇرسىتىنى تاپسا شاخلاپ ئاينىپ كېتىدىغان، ئاياللارنى كەمسىتىشنى، ئەرلەردىن تۆۋەن كۆرۈشنى، خالىسا ئۇرۇپ-تىللاشنى ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جەمئىيەتتە يېتەرلىك ئەيىپلەشكە ۋە جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭمۇ بۇنى ئامالسىز قوبۇل قىلىپ، بويۇن ئېگىدىغىنىنى بىلگىنى ئۈچۈن خورىكى ئۆسۈپ، ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان زېھنىيەت. 

ئاياللار بىرەر ئىشتا نەتىجە قازانسا تەبرىكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، « خوتۇن كىشىدەك» ، «تۇل خوتۇندەك» دېگەن مەسخىرە سۆزلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، غەيۋەت قىلىدىغان، پۇرسىتىنى تاپسا ئىززەت- نەپسىگە تىل ئۇزىتىدىغان زېدى پەس زېھنىيەت.

«ئاياللار ئۇ كەسپنى، شۇ ئىشنى قىلسا بولمايدۇ، بۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، چۈنكى فترىتىگە توغرا كەلمەيدۇ، ئاياللار ئاجىز، بىز ئۇلارنى ياخشى بولسۇن دەيمىز» دەپ، بىر تەرەپتىن كۆيۈنگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئايالىغا قول تەگكۈزۈشتىن، جىسمانىي ئاجىزلىقىنى سۈيئىستېمال قىلىپ ئېزىشتىن، ئۇرۇپ-تىللاپ باش ئەگدۈرۈشتىن باش تارتمايدىغان زېھنىيەت.

«ئاياللار شۇنى كىيسۇن، بۇنى كىيمىسۇن، شۇ يەرگە بارسۇن، ئۇ يەرگە بارمىسۇن، بۇمۇ سىلەرنىڭ ياخشى بولۇشۇڭلار، ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارغا داغ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن» دەپ قويۇپ، يەنە شۇ ئايال باشقىچە بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، تەپ تارتماستىن، شۆلگىيىنى ئېقىتىپ، ئايالنىڭ پۈتۈن شەخسىيىتىگە، نومۇسىغا تىل تەگكۈزۈپ ھاقارەت قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ئىككى يۈزلىمىچى زېھنىيەت.

«ئاياللار ئانىمىز، سىڭلىمىزدۇر. ئاياللار گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئاسرايلى، جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا» دەپ قۇرۇق شوئار توۋلاپ قويۇپ، ئايال كىشىنىڭ گۈلگە ئوخشاش سۈكۈت قىلىپ، بويۇن ئېگىپ تۇرمىغىنىنى كۆرگەن ھامان ھاقارەت قىلىپ، قورقۇتۇپ، بەزىدە ئۇرۇپ دېگەندەك، شەرتسىز ئىتائەت قىلىشقا زورلايدىغان زومىگەر زېھنىيەت.

كەسپتە ئۇتۇق قازانغان، يۇقىرى ماقاملارغا يۈكسەلگەن ئاياللارنى قولىغا پۇرسەت تەگكەن ھامان پۇتلاشقا، ئارقىسىدىن سۆز- چۆچەك تارقىتىشقا ئاران تۇرىدىغان، خىزمەت ئورنىدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە، ئائىلىدە، سىياسەتتە، ئەڭ ئاددىيسى يۈرۈش- تۇرۇش، كىيىم – كېچەك جەھەتتە كىچىككىنە خاتالىقىنى تۇتۇۋالسا، ئوخشاش ئەھۋالدىكى بىر ئەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر تەنقىد، مەسخىرە ھەتتا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرىدىغان چالما-كېسەكچى زېھنىيەت.

«مەن ياقتۇرمايدىغان، خالىمىغان، مېنىڭ زىيىنىمغا ئىش قىلغان كىشىگە بەدەل تۆلىتىمەن. ئەگەر بۇنى قىلغان بىر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي! ھەر تۈرلۈك پەسكەش تىلنى، ۋاسىتىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتمايمەن» دەيدىغان تەلۋە زېھنىيەت.

ئۇيغۇر ئاياللار بۇ زېھنىيەتنى ياخشى تونۇيدۇ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىليونلارچە پىكرى ھۆر، مەردانە، جەسۇر، ئەقىللىق، يېنىدىكى ئايالى، خىزمەتدىشى، سىڭلىسى، تونۇشى، خوشنىسى.. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ياشاشنى، بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشنى ئويلايدىغان ھەقىقى ئەركەكنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ يېنىدا يۇقىرىقى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئىچى بوش قاپاق كاللىلارنىڭ دەۋرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بىر ئايالنىڭ راھەت ھايات ياشاش ئېھتىمالى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز ۋە بىر ئەرگە تايانماي بۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەردىن قاتمۇقات ئارتۇق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ قىيىنچىلىقلارغا، پۇتلاشلارغا، قاتىلاڭ ئىدىيەلەرنىڭ زىتىغا، خۇددى قىيا تاشنى يېرىپ چىققان گۈلگە ئوخشاش تىز پۈكمەس، قەيسەر، تىرىشچان، باتۇر كېلىمىز ۋە شۇنىسى ئايدىڭكى، بىز بۇ زېھنىيەت بىلەن مۇجادىلىنى توختاتمىغاندىلا، كەلگۈسىدە ۋەتەن تۇپراقلىرىدا، ئۇيغۇر ياشىغان ھەر يەردە، ئاياللار راھەت ئىچىدە، ئارزۇسىدىكىدەك بىر ھايات سۈرەلەيدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ. چۇنكى ئاياللارنىڭمۇ بايرام ئۆتكۈزۈشكە، خۇشال ياشاشقا ھەققىي بار.

جاۋاب يېزىش