2020-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى

—- لويىس گىلۈك خانىم  ۋە ئۇنىڭ شئېىرلىرى

     لۇيىس گىلۈك Louise Glück «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇسۇرسىز،گۈزەل  شېئىرىي ئاۋازى بىلەن يەككە ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلىگەنلىكى» ئۈچۈن 2020- يىللىق  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

لۇيىس گىلۈك كىم؟

ئامېرىكالىق  شائىرە ، يازغۇچى، پىروفىسسور لويىس گىلۈك 1943-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇيوركتا تۇغۇلغان. ھازىر  يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پرافىسسورى. ماسساچۇسېت ئىشتاتىنىڭ كامبىرج شەھىرىدە ياشايدۇ.

     گىلۈكنى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق ھازىرقى زامان شائىرى دەپ، قارايدۇ. گىلۈك شېئىرىي ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ، سەزگۈرلۈكى شۇنداقلا شئېىرلىرىدىكى  تەنھالىق ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ، ئايرىلىش ۋە ئۆلۈمگە بولغان تونۇشى بىلەن تونۇلغان. شائىر روبېرت خاس Robert Has.

 ئۇنىڭغا «ھازىرقى ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق لېرىك شائىرلارنىڭ بىرى» دەپ باھا بەرگەن. 2020-يىلى ئۇ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇسۇرسىز،گۈزەل  شېئىرىي ئاۋازى بىلەن يەككە ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلىگەنلىكى» ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ شئېىرلىرى  پوستمودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئىقرارچىلىق شېئىرىيىتىگە تەۋە بولسىمۇ بىراق ئۇ بۇنىڭدىن  ھالقىپ كەتكەن. گىلۈك شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى ھايات، ئۆلۈم، بەختسىزلىك ۋە مۇھەببەت باش تېما قىلىنغان بولۇپ بالىلىق دەۋر ۋە ئاتا – ئانا، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەر پىسخىكىلىق تەپەككۇرلار ئارقىلىق يورۇتۇلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 12 پارچە شېئرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

«تۇنجى بالا» (1968)،« مارشلاندتىكى ئۆي»، (1975)،«باغچە» (1976)،«تۆۋەنلەۋاتقان شەكىل» (1980)،«ئاچىللىسنىڭ غەلىبىسى»(1985)،«ئارارات» (1990)،«ياۋا پىچەكگۈل» (1992)،«يەتتە ئەسىر» (2001) ،«ئاۋېرنو»(2006)، «سەھرادىكى ھايات» (2009)، «1962-2012-يىللىردىكى شئېىرلار» (2012)،«سادىق ۋە پەزىلەتلىك كېچە»(2014) قاتارلىقلار بار.

لۇيىس گىلۈكنىڭ شئېىرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا كۆپ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقتىن شائىرە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە بەك تونۇش ئەمەس. بۇ قېتىم بۇ بوشلۇقنى نەزەردە تۇتۇپ چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭ بىر قانچە شئېىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم.

      تىل قابىليىتىمدىكى يېتەرسىزلىك ۋە تەجىربىسىزلىكىم تۈپەيلى شائىرەنىڭ شېئىر يېزىش ماھارىتىدىكى ئالاھىدىلىك ، پىكىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇق، ئۆزگۈچىلىكنى ياخشى يورۇتۇپ بېرەلمىگەن بولسام ئەپۇ سورايمەن.

لۇيىس گىلۈك شېئىرلىرىدىن 

تېلېسكوپ    

قىسقا بىر دەقىقىدىن كېيىن

باشقا ياققا قارايسەن،

قەيەردىلىكىڭنى ئۇنتۇيسەن ،

پەقەت  ئۆزۈڭنى

كېچە ئاسمىنىنىڭ جىمجىت  باغرىدا سېزىسەن.

بۇ  دۇنيانى تۈگەتسەڭ

باشقا بىر جايدا –

كىشىلىك ھايات

ھېچنىمە بىلدۈرمەيدىغان جايدا ياشايسەن.

سەن تېنىڭدىكى مەخلۇق ئەمەس.

يۇلتۇزلارنىڭ يارقىنىدەك يورۇقسەن.

يۇلتۇزلارنىڭ  سۈكۈناتىغا ، پايانسىزلىقىغا چۆكىسەن.

بۇ دۇنياغا قايتقىنىڭدا ،

سالقىن بىر كېچىدە، تاغ  باغرىغا

ئورناتقان  تېلېسكوپنى چۇۋۇيسەن.

ئاندىن

ساختا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە باققاندا

سەن كۆرگەن مەنزىرىنىڭ يالغان  ئەمەسلىكىنى

تېخىمۇ بەكرەك ھېس قىلىسەن.

شۇنىمۇ چوڭقۇر بىلىسەنكى

نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقىدا

قانچىلىك مۇساپىنىڭ  بارلىقىنى.

كېچە يۇلتۇزى

ئۇزاقتىن بۇيان  تۇنجى رەت بۇ  ئاخشام ،

زىمىننىڭ گۈزەل ھەيۋىتىدىن

ۋەھىي ئالدىم.

كېچە ئاسمىنى شۇنداق ئويلايدۇ:

يۇلتۇز شۇنچە چاقنار،

زىمىن قاراڭغۇلاشقانچە.

نۇر ،ئۆلۈمنىڭ نۇرى

زىمىنغا قايتىدىغاندەك  قىلاتتى

يەر يۈزى تۈم  قاراڭغۇ بولالمىغانچە.

تەسەللىنىڭ كۈچى ئاشىدۇ،

پەقەت مەن نامىنى بىلىدىغان

يۇلتۇزدىن  باشقىسى كۆرۈنمىگەنچە.

ۋېنىرا،

كېچىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى،

مەن ئىلگىرىكى  ھاياتىمدا

ئۇنىڭغا ئازاربەرگەنتىم.

مەن بوشلۇقتىن ئالغان ۋەھىينى،

ساڭا بېغىشلايمەن.

سېنىڭ نۇرىڭدا،

مېنىڭ خىياللىرىم

تېخىمۇ يورۇيدۇ.

يامغۇرلۇق سەھەر

بۇ دۇنيانى سۆيمەيسەن.

سۆيسەڭ، شېئىرلىرىڭدا يازاتتىڭ.

جون دۇنيانى سۆيگۈچى،

جوننىڭ بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار:

،«باشقىلارغا ھۆكۈم قىلمىساڭلا، ھۆكۈم قىلىنمايسەن»

ئۇنىڭ بۇ ھېكمىتىدە ،

بىر ئادەمنىڭ رەت قىلىشنى سۆيمىكى،

رەت قىلىشنى بىلىشى

ئىنكار قىلىنغان.

سۆزلەشنى رەت قىلىش،

بىلىشنى چەكلەش مۇمكىنسىزدۇر.

باق جونغا !  تېشىدىكى دۇنياسىدا،

بۈگۈنكىدەك بەختسىز كۈنلەردىمۇ ياشىشىغا ھەتتا.

ئۆزۈڭنى پاكىز، قۇرۇق  تۇت،

خۇددىي تاپلارنى ئوۋلايدىغان

مۈشۈكنىڭ  ئېچىنىشلىق قىزىقىشىدەك

ھەۋەسلەردىن.

كۈز، يوقىتىش، زۇلمەت، ۋە باشقىلىرى

روھىڭدىكى نەپسانىيەت تېمىلىرىغا نەقەدەر ئۇيغۇن.

كۆزلىرىمىزنى يۇمغانچە

ھەممىمىز ھەسرەتلىرىمىزنى يازالايمىز.

باشقىلارغا ئۆزۈڭنى  كۆپرەك ئاشكارلا.

قەلبلەرگە پىنھان ئىشتىياقىڭنى جاكارلا.

شېئىر

ئۇ يېزىق ئۈستىلىدىن سەھەردە،

مۈكچەيگەن گەۋدىسىنى ئاستا كۆتۈرگەندە

كۆز ئالدىدا قىزىل گۈل كۆتۈرگەن

بىر ئايال بولىدۇ ئايان،

ئەينەكتە ئايالنىڭ چېھرىگە پۈتۈلگەن

ئەتىرگۈل غولىنىڭ يېشىل ئۈنلىرى  بايان.

سۈزۈك پەنجىرىلەر ئېچىلار ھامان

تاكى تومۇرلار كۆپۈپ،

قەلەمنىڭ سىياھى پۈتكەنگە تامان.

بۇ ئازابلىنىشنىڭ بىر خىل جەريانى.

ئەمدى ئۇلارنى قانداق تۇتۇشنى ،

كۈلرەڭ ئۆيگە قانداق سولاشنى،

يۈرمەكتىدۇر  ئويلاپ ھەر زامان.

بۇ باھاردۇر ،

يۇمران ئاق چېچەكلەرگە تولغان نەشپۈت دەرىخىدۇر.

شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا چوقۇم كىرىدۇ.

قار ئۇچقۇنلىرى

بىلەمسەن؟ مەن نېمە، قانداق ياشىدىم؟

بىلەمسەن ئۈمىدسىزلىكنى؟

زىمىستاننىڭ ھەم مەنىسىنى؟

كۈتمىگەن ئىدىم ھايات قېلىشنى،

تۇپراق باسماقتا مېنى.

كۈتمىگەن ئىدىم شۇنداقلا يەنە،

ئويغىنىپ ،ھېس قىلماقنى.

نەم تۇپراقتىكى تېنىمنىڭ ،

جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئەسكە ئېلىشىنى.

ئۇزۇندىن كېيىن باش باھاردا،

بىر سوغۇق نۇرنىڭ چېچىلىشىنى.

قورقىمەن شۇنداق، خۇشلىقىڭلارغا  جۆر بولۇپ .

يىغلايمەن شۇنداق، خەتىرىڭلارغا جۆر بولۇپ.

يېڭى دۇنيانىڭ پىشمىغان شامىلىدا.

سادا  

مەن بىر جىنايەتچىگە ئايلاندىم

سېنى سۆيۈپ قالغاندىن كېيىن .

ئۇندىن بۇرۇن بىر تەنناز ئىدىم.

سەن بىلەن چىكاكوغا بارغۇم يوق.

سەن بىلەن توي قىلىپ، ئايالىڭنى قىينىسام،

ئايالىڭنىڭ ھاياتىنى ھەسرەتلىك دىراممىلارغا تولدۇرسام .

بۇ ئېسىل ئادەمنىڭ ئويىمۇ؟

جاسارىتىمگە قايىلمەن!

قاراڭغۇ ئايۋىنىڭنىڭ  بوسۇغىسىدا ئولتۇرۇپ

ھەممىنى ئېنىق بىلدىم:

ئەگەر ئايالىڭ كېتىشىڭگە ئۇنىمىسا،

ئېنىقكى، ئۇ سېنى سۆيمەيدۇ.

سېنى سۆيسە ئىدى،

بەختىڭنى تىلەر ئىدى.

ئەگەر ئىلگىرى ئۇنچە ھېسسىياتچان بولمىغان بولسام

تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولالايتتىم، دەپ ئويلايمەن.

ئۇ چاغلاردا سەككىز قەدەھ كۆتۈرەلەيدىغان

ئاجايىپ نازىنىن ئىدىم.

ساڭا چۈشلىرىمنى كۆپ ئۆرۈپ بەرگەن ئىدىم.

كېچە چۈشۈمدە:

بىر ئايال قاپقاراڭغۇ ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغۇدەك،

ھەم يىغلاۋاتقۇدەك،

بىر قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىۋاتقۇدەك،

يەنە بىر قولى بىلەن

بوۋاقلارغا تولغان بىر يەشىكنى سىلاۋاتقۇدەك.

ئاپتوبۇس يىراقلارغا كېتىۋاتقۇدەك.

بىراق بۇ ئايال چۈشتىن ئويغىنالمايتتى.

شىۋىتچىدىن راھىلە كامال تەرجىمە قىلدى

جاۋاب يېزىش