ئەلۋىدا سۆيگۈ (4) دىلدار ئەزىز

ھايات- ماماتلىق سىناق

دىلدار ئەزىز

    – مېھماننى ئۆيگە باشلىمامسەن؟- دېدى گۈلبوستان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا بۇيرۇق قىلغان تەلەپپۇزدا. مەن ئەنە شۇ چاغدىلا ھوشۇمنى يېغدىم. مەن خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ دادىسىنىڭ يۈزىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغان كىچىك قىزچاقتەك خىجالەتچىلىك ئىچىدە روزاخۇننىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم-دە، ئۇنى ئۆيگە باشلىدىم. ئانام ئۇنى كۆرۈپ ھەم خوش بولدى، ھەم ھەيران قالدى.

– ھاك،روزاخۇن بالام،بۇ سىزما؟ سالامەت كەلدىڭىزما؟دىدى ئۇ قويۇق خوتەن تەلەپپۇزىدا. -دەپ قويماي كەپسىز-يا، بۇمۇ بولاپتۇ بالام، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى،قاچان كەگۈڭىز كەسە كېلىۋېرىڭ مۇشۇنداق. داۋزىمىز سىز ئۈچۈن ھەقاچان ئېچىلىغلىق بالام.- دېدى ئانام خۇددى مەندىن بۇرۇن روزاخۇننى كۈيئوغۇل قىلىشقا قوشۇلۇپ بولغاندەك. چۈنكى ئانامنىڭ گۈلبوستان بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزدىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئاندىن دەستۇرخان سېلىپ قول-قولچە روزاخۇن ياخشى كۆرىدىغان سۇيۇق ئاشتىن ئەتتۇق. روزاخۇن باشتىن ئاخىرغىچە ئانامنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەدەپ بىلەن قىسقاغىنا جاۋاپ بەرگەندىن باشقا، ھېچنەرسە دېمىدى. تاماقنىمۇ بەك ئىشتەي بىلەن يەپ كەتمىدى. ئۇ خۇددى كىسەل ئادەمگە تاماق تېتىمىغاندەك بىر خىل روھسىز ھالەتتە كۆرۈنەتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرى يەر ئاستىدىن ماڭا تىكىلىگلىك ئىدى. ئۇ مىنىڭ پاقىراپ تۇرغان كۆزۈمگە،ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە توختىماي مىدىرلاپ تۇرغان پۇتۇمغا،دەستۇرغانغا يىمەكلىكلەرنى تىزىۋاتقان قولۇمغا چاندۇرماي قاراۋاتاتتى. گەرچە مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پىتىنالمىساممۇ، ماڭا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھېلىمۇ ياشلىرى لىغىلداپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. گەرچە ئۇ ئەدەپ يۈزىدىن بولسىمۇ ئانامنىڭ سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قويمىسىمۇ، بىراق كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقى يەنىلا ماڭا ئەگەشكەندەك قىلاتتى.

ئارىلىقتا گۈلبوستان مىنى سىرتقا چاقىردى:-

– ھەي ئاداش،-دىدى ئۇ ئەنسىز تەلەپپۇزدا.- بىز چاتاق ئىش قىپ قويغاندەك قىلىمىز جۇما. روزاخۇننىڭ بۇگۇن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان چاغدىكى ھالىتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. ئۆيگە باشلىساممۇ كىرگىلى ئۇنىمىدى. شۇڭا ئانامغا سىنىڭ تۇققىنىڭ سىنى تاپالماي بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ، باشلاپ ئاپىراي، دەپ قويۇپ بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىم. قورقۇپلا كەتتىم دىگىنە، ئۇنىڭ شۇ ھالىتىنى كۆرۈپ.-دىدى ئۇ ئەنسىرىگەن تەلەپپۇزدا.

مەنمۇ نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ياخشى ئىش قىلمىغىنىمنىلا بىلەتتىم.

كەچتە،تاماقتىن كىيىن گۈلبوستان روزاخۇننى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. چۈنكى ئوغۇل بالا يوق ئۆيدە بىر ئەركەكنى قوندۇرۇش بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي قايىدىمىزگە توغرى كەلمەيتتى. گۈلبوستاننىڭ ئۆيىدە ئانىسى،دادىسى ۋە يەنە 4 ئىنىسى بار ئىدى. گۇلبوستان مىنىڭ نامىمنى،ئىززەت ئابروھىمنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى.  بىراق مەن روزاخۇننىڭ دوستۇم گۈلبوستاننىڭ ۋەلىنسىپىتىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا بىرلىكتە غايىپ بولغىنىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئىچىمنى  ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيدىغان بىر نەرسە چىمداپ ئۆتكەندەك بولدى. مانا بۇ ئىنساندىكى تەبىيى تۇيغۇ، يەنى ياخشى كۆرۈشتىن پەيدا بولىدىغان قىزغىنىش بولسا كىرەك. گەرچە مەن دوستۇمغا شۇنچىلىك ئىشەنسەممۇ، شۇ تاپتا مەن كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغان كىشىمنىڭ يېنىدا ئۆزەمنىڭ، پەقەت ئۆزۈمنىڭلا بولىشىنى بەكمۇ خالايىتتىم. بىراق ئەدەپ- قائىدىنىڭ چەكلىمىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئۆزەمنى تارتىشىم كېرەك ئىدى. يۈرۈگۈمدىكى بۇ خىل تۇيغۇمنى جىم-جىت ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم. چۈنكى دوستۇمنىڭ ماڭا ياردەم قىلغىنى، مىنىڭ ئىناۋېتىمنى ساقلىشىمغا ياردەم بەرگىنىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى.

ئەتىسى ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق ئۈچۈن  گۆش نان پۇشۇردۇم. ئانام بىلەن ناشتا قىلغاچ گۇلبوستاننىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىغىمنى دىدىم،ئاندىن مەن باشلىغىمنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە بىر كۈنلۈك روخسەت سوراش خېتىنى يېزىپ تاشلاپ قويۇپ، دەستۇرخانغا ئورالغان گوشناننى كۆتۈرۈپ،ۋېلىنسىپىتىمغا مىنىپ دوستۇم  گۇلبوستاننىڭ ئۆيىگە باردىم.

روزاخۇن دەستۇرخان ئۈستىدە ھالۋا ۋە ئىسسىق نان بىلەن  ئەتكەن چاي ئىچكەچ، دوستۇمنىڭ ئانىسى،پاتىمە مۇئەللىم بىلەن ئەدەبىيات ھەققىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ تۇنىگۈنكى ھالىتىدىن ئەسىرمۇ يوق بولۇپ، تەققىي- تۇرقى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپتۇ.  پاتىمە مۇئەللىم مىنى قىزغىن قارشى ئالدى. روزاخۇن تۈنۈگۈنكىدىن كۆپ ياخشىلانغان بولۇپ،مىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇرلار قايتىدىن چاقناپ، ماڭا يەنە باشقىدىن قوياشنىڭ نۇرىنى ھېس قىلدۇردى. مەنمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئۇلار بىلەن بىرگە يەنە بىر قىتىم ئەتتىگەنلىك ناشتىغا ئولتۇردۇم. چايدىن كىيىن  گۈلبوستان ماڭا چىلەكتىن بىرنى تۇتقۇزدى، ئاندىن قالغان ئىككى چېلەك بىلەن ئەپكىشىنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭ بويىغا ماڭدى. روزاخۇنمۇ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ مىنىڭ قولۇمدىن چېلەكنى ئالدى.بىراق گۇلبوستان روزاخۇنغا بۇيرۇق قىلىپ، مىنىڭ قولۇمدىكى چىلەكنى مىنىڭ كۆتۈرۈشۈمنى بۇيرىدى. چۈنكى گۈلبوستان بىلەن ئىككىمىز ھەر ئىككى ئۆينىڭ ئىشىنى شۇنداق تالىشىپ قىلاتتۇق. گۇلبوستانمۇ بىزنىڭكىگە بارسا خۇددى ئۆز ئۆيىدىكىدەك سۇ ئەكىلەتتى،ئۆيلەرنى تازىلايىتتى. ئۇ ھەر دائىم  ئۆزىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا مەندىن ئەپلىك ئىكەنلىگى بىلەن مىنىڭ ئالدىمدا ئۆزىدىن پەخىرلىنىشكە بھانا تاپاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنداق پەخىرلىنىۋېلىشىغا ئۆز رازىلىغىم بىلەن يول قوياتتىم. چۇنكى ھەممە كىشى ئۆز دوستىنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىپ ياشىشى كىرەك، دەپ ئويلايىتتىم ئۆزەم كىتاپتا ئوقۇغۇنىم بويىچە. شۇنداق قىلىپ بىز بىر ئەپكەش، ئۈچ چېلەكنى كۆتۈرۈپ جىڭ دەرياسىغا قاراپ سۇ ئەكەلگىلى ماڭدۇق. گۇلبوستاننىڭ ئانىسىمۇ خۇددى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك:» ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مىھماننى چارچىتىۋەتمەڭلا بالام. بولمىسا قايتا كەلمەيدىغان بوپ قالىدۇ»- دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. بىزمۇ » ماقۇل!» دېگىنىمىزچە ھويلىدىن چىقتۇق.

گۈلبوستان بىزنى ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى  جىڭ دەرياسى بويىغا باشلاپ باردى. چوڭ قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە توختىدى-دە،بىزگە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلدى:

«ئەمدى مىنىڭ ھازىرچە سىلەر ئۈچۈن قىلالايدىغان خىزمىتىم مۇشۇنچىلىك بولىدۇ. قالغان گەپلىرىڭلارنى ئۆزەڭلار يۈزتۇرانە دېيىشىڭلا. مەن تۈنۈگۈن سىلەرنىڭ ئۆيدىن قايتىپ كەلگەچ  روزاخۇنغا ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىغىمنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى مىڭ جاپادا بىر قۇر چۈشەندۈردۈم ۋە كىچىرىممۇ سورىۋالدىم. ئەمدىكى گەپ ئۆزۈڭلەرگە قالدى. مەن ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپ چېلەككە سۇ تولدۇرغاچ تۇراي، گېپىڭلار تۈگىگەندە ئاندىن ئۆيگە بىللە قايتىپ كېتىمىز.»  ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ خۇددى ئوغۇل بالىدەك ئەپكىشىنى ۋە چىلەكلەرنى پولتۇڭلىتىپ بىزنىڭ يېنىمىزدىن يىراقلاپ كەتتى. بىزنى  كۆرەلىگۈدەك، بىراق ئاۋازىمىزنى ئاڭلىيالمىغۇدەك جايغا بېرىپ چېلەكلىرىگە تومۇر ساپلىقتا سۇ ئېلىشقا باشلىدى.

گۈلبوستان يىراقلاپ كەتكەندىن كىيىن روزاخۇن ماڭا قاراپ يىنىڭ بىرنى تىندى. ئاندىن گېپىنى باشلىدى:

» – سىزنىڭ ساق- سالامەت ئىكەنلىگىىزنى كۆرۈپ كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. بىلەمسىز. مەن سىزنىڭ خېتىڭىزنى كۆرۈپ سىزدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. خۇدادىن سىزگە ئامانلىق تىلىدىم. مىنىڭ سالامەتلىكىم، مىنىڭ ئۆمرۈم بەدىلىگە بولسىمۇ سىزنى سالامەت قىلىشنى ئاللاھدىن قايتا- قايتا  تىلىدىم. ھەتتا سىز راستىنلا مېيىپ بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ سىزنى بىر ئۆمۈر كۈتۈش، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن نىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. سىزنى كۆرگەندىن كىيىن كۆزلۈرۈمگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قالدىم. مەيلى سىز قانداق بوپ كەتمەڭ، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن، ھەم ئايرىلمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ ئەمدى بۇنداق چاقچاقلارنى قىلمىسىڭىز. مىنىڭ يۈرگۈم يەنە بىر قېتىملىق مۇشۇنداق چاقچاققا راستىنلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ…..» ئۇ شۇنداق دەۋىتىپ ئاۋازى بوغۇلغىنىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى.

مەن ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ چانىغىدا لىغىلداپ تۇرغان ياشلىرىنىڭ رساتىنلا  مەڭزىنى بويلاپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇم ۋە ئۆزەمنىڭ شۇنداقمۇ بىر قاملاشمىغان چاقچاقتىن بىرنى قىلغىنىمدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم.

– كىچىرىڭ،- دىدىم مەن،ئەسلىدە   ئۇنىڭ قوللىرىنى  تۇتقۇم،ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويغۇم بار ئىدى. بىراق ئۇزارتغان قولۇمنى قايتۇرۇپ ئالدىم. بىر تەرەپتىن  قىزلىق غورورۇم بىر ئەركەككە نىكاھدىن بۇرۇن  قول تەگكۈزۈشكە يول قويمىسا، ھايالىق تۇيغۇلىرىم يىراقتا بىزنى كۆرۈپ تۇرغان گۈلبوستاندىن ھېيىقىۋاتقان ئىدى.

«مىنى كىچىرىڭ. -دېدىم مەن يەنە بىر قىتىم ئاران تەستە خىجالەتچىلىك ئىچىدە.- بۇنداق ئىش ئەمدى ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىمنى بىلمەكچى بولۇپ شۇنداق قىلغانتىم. ئەمدى بىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئالاقە قىلىۋاتقىنىمىزغىمۇ بىر يېرىم يىللار بولدى. مۇناسىۋىتىمىزنى خەت يۈزىدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈش جەريانىنىڭ يەنە قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلگۈم كەلدى بولغاي. شۇ سەۋەپتىن…… مەن گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي توختاپ قالدىم. چۇنكى مىنىڭمۇ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشىم، كۆزلىرىمگە ياش كەلگەن ئىدى.

«- مەن كۆڭلىڭىزدىكىنى چۈشىنىمەن،دىلدار. دېدى ئۇ.- ئەگەر شارائىتىم يار بەرسە سىزنى بۈگۈنلا  توي قىلىپ ئەمىرىمگە ئېلىۋالغۇم بار. بىراق سىزنى ئىززت ھۆرمىتىڭىز بىلەن ئەمىرىمگە ئېلىشىم كىرەك، قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس. مۇنداق دىسەم بەلكىم ئاتا- ئانىڭىزچۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.  مىنىڭ گەرچە ئاتا- ئانام ھايات بولسىمۇ، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ خۇددى يىتىم بالىدەك، يىتىملىك تۇيغۇسى ئىچىدە چوڭ بولدۇم. مەيلى ناھىيەدە تولۇقسىز ئوتتۇرنى ئوقۇغان مەزگىللىرىم بولسۇن، ياكى خوتەن شەھرىدە تولۇق ئوتتۇرنى ئوقۇغان يىللاردا  بولسۇن، ۋە ياكى ئۈرۈمچىدە  ئۇنىۋېرستدا ئوقۇغان جەريانىدا  بولسۇن مەن پەقەت دادامنىڭ «ياخشى ئوقۇڭ بالام»، دىگەن تىلىگىدىن باشقا  ئائىلەمنىڭ ھېچقانداق بىر ماددى قوللىشىغا ئىرىشىپ باقمىدىم. خوتەندە تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا قاتناشقا تۆلەيدىغان پۇلۇم بولمىغاچقا،ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم خوتەن شەھرىدىن قارقاش ناھايىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىغا پىيادە باراتتىم. شەنبە كۈنى كەچتە دەرىستىن چۈشۈپ يولغا چىقسام، كىچىنىڭ يېرىمىدە ئاران ئۆيگە يىتىپ باراتتىم-دە، قوسۇغۇم ئاچ پېتى يېتىپ قالاتتىم. ئۈگەي ئانامنىڭ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. پەقەت داداملا ھالىمنى سوراپ قوياتتى. ئاندىن ھەر قىتىم دەستۇرخان ئۈستىدە يەۋاتقان تامىغىنىڭ يېرىمىنى مىنىڭ قاچامغا قۇيۇپ بىرەتتى ياكى يەۋاتقان تامىغىنى قەستەن ئاشۇرۇپ ماڭا بىرەتتى. ئۈگەي ئانام ئاچچىغى يامان ئايال بولغاچقا، دادام ئۇنىڭغا كۆپ يول قوياتتى. كىيىن ئۇرۇمچىگە ئوقۇشقا كەلدىم. كىچىگىمدە ئېسىمنى بىلسەم دادام يېزىمىزنىڭ باش ئەتىرەت باشلىغى ئىكەن. گەرچە  ئائىلىمىز ئۇنچىلىك نامرات بولمىسىمۇ ئۈنىۋېرسىتتىكى ئوقۇش جەريانىمدا ئۆيدىن ماڭا بىر پارچە خەت ياكى بىر سىنىتلىق نەرسە كەپ باقمىدى. ياتاقداشلىرىم ئانا- ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن خەت-خالتا تاپشۇرۇپ ئالغان چاغلىرىدا مەن ئۇلارنىڭ يېنىدىن يىراق كىتەتتىم. چۇنكى ئۆزەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆڭلۈمدىكى يىتىملىق تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان ئازاپلىرىمنى چاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيىتتىم.

ئۈنۋىرسىتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، مىنىڭ تامىقىم ۋە ياتىغىم باشقا بالىلارنىڭكىدەك ھۆكۈمەتتىن بولدى، بىراق ئۇششاق خەجىم ۋە كىيىم چىچەكلىرىمنى تەتىللەردە خۇمداندا كېسەك قۇيۇپ، مەدىكار ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بىلەن قامدىدىم. بۇلارنى سىزگە دىيىشىمدىكى سەۋەپ، ئەگەر مەن سىزگە توي تەكلىپىي قويسام،مىنىڭ بېشىمدا تۇرۇپ تويۇمنى قىلىپ قويىدىغان  ھېچكىمىم يوق. تۇرمۇشۇمنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمىگەنلىگىمدىمىكىن -تاڭ،ئايلىق مۇئاشىممۇ ھەر ئايلىق تۇرمۇشۇمغا ئارانلا يېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئازراق ۋاقىت بىرىڭ. مەن ئەسەر تەرجىمە قىلىپ بولسىمۇ قولۇمغا ئازىراق پۇل پەيدا قىلىۋالاي. قولۇمغا پۇل كىرگەن ھامان دەرھال توي قىلغىلى ئالدىڭىزغا كېلىمەن.

روزاخۇننىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاۋېتىپ يۈرۈگۈم ئىزىلگەندەك بولدى. ئىختىيارسىز كۆزۈمگە قايتىدىن  ياش كەلدى.  ئۆزۈمنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.  مەنمۇ كىچىكىمدە گەرچە ئاتا -ئانام ھايات بولسىمۇ ئېسىمنى بىلسەم باشقا ئانىنىڭ  قولىدا چوڭ بولغان ئىكەنمەن. مەنمۇ روزاخۇنغا ئوخشاش ئاتا- ئانا مېھرىگە قانماي چوڭ بولغان ئىدىم. بىراق مەن چوڭ بولغان مۇھىت باشقىچە مىھرى- مۇھاببەتكە تولغان مۇھىت بولغاچقا،مەن چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسىنىڭ قولىدا باشقىچە خاراكتىردا ئەركىن يىتىلدىم. مەن تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغاندا ئاتا -ئانام ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن. ئەزەلدىن پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ باقمىغان مۆھتىرەم ئانام ماڭا بارلىق مېھرىنى بىرىپ چوڭ قىلدى. گەرچە مەن بۇ ئائىلىدە شۇنچىلىك قەدىرلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان بولساممۇ،ئۆزەم بەكلا شوخ قىز بولغاچقا، خوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئازارلىشىپ قالغان چاغلىرىمدا،ئۇلارنىڭ بەزىدە مىنى»باقما!»، » يىتىم ئوغلاق!» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالاتتىم-دە،يېغلىغان پىتىم ئۆيگە كىرىپ مۆھتەرەم ئانامغا شىكايەت قىلاتتىم. مۈھتۈرەم ئانام مەن ئۈچۈن شۇ ئېغىزىنى ئۇششۇتقان بالىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، قوشنىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قايتىپ كىرەتتى-دە،ماڭا تەسەللىي بىرىشكە باشلايىتتى: – بالام، سىز بەك ئوماق ھەم ئۇز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمىز. شۇڭا ئۇلار سىزگە چىدىماسلىق قىلىپ شۇنداق  دەپ ئېغىزىنى ئۇششۇتىدۇ. پەرۋا قىلماڭ بالام. قارىڭە، ئەگەر سىز باقما، يىتىم ئوغلاق بولسىڭىز، بىز سىزنى ھازىرقىدەك شۇنداق ياخشى كۆرەمتۇق؟ ئەگەر سىز بىزنىڭ بالىمىز بولمىسىڭىز بىزگە مۇشۇنداق ئوخشامتىڭىز؟ دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنى كۈلدۈرۈپ بىردەمدىلا قايىل قىلىۋېتەتتى. دېمىسىمۇ مەن گەرچە روزاخۇنغا ئوخشاش باشقا بىر ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بولساممۇ، ياخشى ئاسىرىلىپ، قوغدىلىپ ۋە پەرۋىش قىلىشقا ئىرىشكەنلىگىم ئۈچۈن، كىچىگىمدىنلار جانلىق، جۈرئەتلىك، خۇشخۇي مىجەزلىك چوڭ بولغان بولدۇم، كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلىگىلى ئامىراق، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان مىجەز بىلەن يىتىلگەن ئىدىم.   شۇڭا روزاخۇنغا ھېسداشلىغىم كەلدى. بىراق ئۇنى چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم. چۇنكى ھېسداشلىق قىلىش مۇھەببەت ئەمەس ئىدى. ھېسداشلىق، شۇ  ھېسداشلىققا ئېرىشكەن كىشىنىڭ غورورىغا ئېغىر جاراھەت ئېلىپ كىلەتتى. بۇنى مەن كىچىگىمدىن بىرى ئوقۇغان كىتاپلىرىمدىن بىلگەن ئىدىم.

مەن روزاخۇننىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا شۇنداق دىد ىم: مەن سىزنى قاچان تەييار بولۇپ ئاندىن ئانامنىڭ  ئالدىغا مىنى سوراپ كەلگەنگە قەدەر ساقلايمەن. سىز پۇل ئۈچۈن ئۇنچىلىك غەم  يەپكەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مىنىڭ بۇ يەردە بىرلا ئانامدىن باشقا تۇققانلىرىممۇ يوق. شۇڭا پەرىزىمچە بىزنىڭ تويىمىزغا ئۇنچىلىك كۆپ پۇلمۇ كەتمەيدۇ. پەقەت كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنى بەختلىك ئۆتكىزەلىسەكلا كۇپايە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئاناممۇ پۇلدىن كۆرە ئادەمنى بەكرەك چوڭ بىلىدۇ. بىلىشىمچە ئۇ سىزنى تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپلا ئۆز ئوغلىدەك ياخشى كۆرۈپ بولدى.

ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمنى جىم- جىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. مەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغان ۋاختىمدا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە بىر خىل نۇر ،خۇددى سەھەرە پارلىغان قوياشتەك بىر خىل ئوتلۇق نۇرنىڭ چاقناۋاتقانلىغىنى كۆردۈم. شۇ نۇر شۇ تاپتا مىنىڭ يۈرىگۈمگىمۇ تۇتاشقان ئىدى. ئۇنىڭ تىترىگەن لەۋلىرىدىن ئۇنىڭ دىمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن  ئىچكى دۇنياسىنىڭ شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجان ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىغىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ سەل تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن سۆزلىدى:

– ئانام بىلەن ئىككىڭلارنىڭ شۇنداق ئويلىغىنىڭلارغا رەخمەت. بىراق مەنمۇ سىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئەل قاتارى ھۆرمىتىڭىزنى قىلىشىم كىرەك. – دىدى ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن.

مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ  ئۇنىڭ دىگىنىگە قوشۇلدۇم. گەپلىرىمىزمۇ بىرەر قۇر دىيىلىپ بولغان ئىدى. گۈلبوستانغا قارىدىم. ئۇ چىلەكلەرگە سۇ توشقۇزۇپ بولۇپ، دەريادىكى سۇنىڭ ئۇستىدىن  تاش ئېتىپ ئويناۋاتقان ئىكەن. بىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ چىلەكلەرنى ئەپكەشنىڭ ئوتتۇرغا ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق. يولدا ماڭغاچ گۇلبوستانغا بولۇنغان گەپنىڭ بىر قىسمىنى دىيىشكىمۇ ئۈلگۈردۇم. ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن گۇلبوستان بولۇنغان گەپنى ئانىسىغا دىدى. پاتىمە مۇئەللىم شۇ كۈنى كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە، روزاخۇننىڭ ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئانامدىن قىز سوراپ بارىدىغان بولدى. چۇنكى روزاخۇن شۇ كۈننىڭ ئەتىسى سەھەردە ئۈرۈمچىگە قايىتماقچى بولغان ئىدى.

مەن دەرھال ئۆيگە قايىتتىم-دە، بولۇنغان گەپلەرنى ناھايتى تەسلىكتە ئانامغا دىدىم. چۇنكى مىنىڭ باشقا بىرەر تۇققىنىم بولمىغاچقا، بۇنداق گەپنى ئانىغا بىۋاستا دىيىش تولىمۇ تەسكە توختايىتتى.  شۇ كۈنى كەچتە پاتىمە مۇئەللىم ئۆزىنىڭ يەنە بىر تۇققىنى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە روزاخۇن ئۈچۈن مىنى سوراپ كەلدى. ئاناممۇ ئۇلارنى ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى ۋە ئەكەلگەن دەستۇرخانىنى ناھايتى قائىدىلىك ھالدا قايتۇردى.

شۇ كۈنى كەچتە مىھمانلارنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كىيىن، بىزنىڭ مەھەللىگە مەن بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەن روزاخۇن بىلەن خوشلىشىشقىمۇ ئۈلگۈردۇم.  چۇنكى ئۇنىڭ خىيالىدا بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق خىزمەت ئورنىغا قايتىپ،خىزمەتلىرىنى باشلاپ، كۆپرەك پۇل تېپىشلا بار ئىدى.

دوستۇم گۇلبوستان، مەن ئۇ ئۆيدىن چىققاندا دەرھال نانغا خېمىر يۇغۇرغىلى تۇرغان ئىدى. مەنمۇ ئانامغا روزاخۇننىڭ ئەتە سەھەردە ماڭىدىغانلىقىنى دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن دىدىم. ئانامنىڭمۇ روزاخۇنغا ئاتىغان يوللۇقلىرى تەييار بولغان ئىدى. ئەتىسى سەھەردە روزاخۇن ئىككى ئائىلىنىڭ تاييارلىغان يوللۇق نان- توقاچلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى، ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كەچتە ساق سالامەت يىتىپ بارغانلىقىنى تىلڧون ئارقىلىق ماڭا خەۋەرلەندۈردى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە بىزنىڭ خەتلىرىمىز داۋاملىشىۋەردى. بىراق ھەر قىتىمقى خەتلەر بۇرۇنقىدەك ئۇزۇن بولماستىن، قسقا ۋە مەزمۇنلۇق يېزىلاتتى. مەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋاختىنى ئەسەر تەرجىمە قىلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىغىنى بىلەتتىم. بىراق يېرىم يىلدىن كىيىن ئۇ ئىشىگىمنىڭ ئالدىدا قايتا پەيدا بولغان ۋاختىدا مەن ئۇنى تونىيالمايلا قالدىم.

2022- يىلى 9- ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىڧورنىيە شىتاتى، مونتېرې شەھرىدە يېزىلدى.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش