ئۇيغۇر قىزى

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا

ئايمۇسەن، يا كۈنمۇسەن كۆكتە چىققان،
يۇلتۇزمۇسەن، تۈننى بېزەپ چىمىرلاشقان،
گۆزەللىگىڭ  مۇشتەرىنى مەپتۈن قىلغان،
ۋا دەرىخا! پەرىزاتسەن، ئۇيغۇر قىزى.

ھەتتا چىقتى سۇ پەرىسى مەمنۇن بولۇپ،
تەۋرىدى يەتتە ئىخلىم سېنى كۆرۈپ،
شاھى سۇلتان جاھان كەزگەن ئاشىق بولۇپ،
ئەي دىلرابا، جانانىم سەن ئۇيغۇر قىزى.

جور بولۇشقان قامىتىڭگە سېنىڭ قەددىڭ،
خۇلقىڭ بىلەن ماسلىشىدۇ سېنىڭ تەپتىڭ،
يۈزىڭ سۈزۈك يارىشىپتۇ ئوماق خالىڭ،
دىلبەرلەرنىڭ دىلبىرى سەن ئۇيغۇر قىزى.

لالە گۈلگە قىياس ئېكەن سېنىڭ جىلۋەڭ،
يۈرەكلەرگە ئوت ياقىدۇ سېنىڭ كۈلكەڭ،
مەسخۇش قىلار ئادەمنى ئەركە نازىڭ،
گۈل نىگارى، پەرىزاتسەن، ئۇيغۇر قىزى!

ياركەنت شەھىرى
2018-يىلى

جاۋاب يېزىش