شامالغا خىتاب

ئايگۈل«تامچە»

مېى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟ ئەي غېرىپ شامال،

سېيلىمايسەن ھەم تال- تال چېچىمنى،

سۆيمەس بولدۇڭ توڭغاق مەڭرىمنى،

ياكى قايتتىمۇ رايىڭ سوغۇق تېنىمدىن،

ئۈمۈتلىرى يۈتكەن جىسمىمدىن ،

ئويغىنىشنى ئۇنۇتقان زېھنىمدىن،

تومۇرلىرىمدا قاتقان قېنىمدىن….

بىلىمەن ، ھەم ئۇچالىغىنىڭ ئۈچۈن،

پەرۋازلىرىڭ قىقاس سالالىغىنى ئۈچۈن،

قىيالاردا قايماس بولغىنىڭ ئۈچۈن،

مېنىڭدەك غەلبە  دوخمۇشىدا تەمتىرەۋاتقان،

ئۆلۈم گىرداۋىدا پەرۋاسىز ياتقان،

ھاياتىنى ئاشىقلار كۈنىدە سۆيەلمەيۋاتقان،

مەشۈغىنى ھايات تىنىقلىرىدا سۆيۈشتىن قورققان،

يۈرىكىنى مەجبۈرىي قان دېڭىزىدا ئېقىتىپ قويغان،

مەزلۈم كوچىسىدا كەزگۈڭ كەلمەيۋاتقان،

ئەمما ۋاپا بىلەن يەنىلا تاشلاشنى خالىمايۋاتقان،

مەزمۇتلىغىڭ  تىنىقلىرىمغا جۆر بولىۋاتقان،

مىنۇتلىرىمغا سەگىشىم كېرەك!

توغرا ، ھاياتقا نەپەس قوشۇشۇم كېرەك!

ئاشىقلار كۈنىدە مەشۈق كەبى……

جەسەتلەر دۇنياسىدىن سىلكىنىپ تۇرشۇم كېرەك!

ئەتراپىمنى تىمتاسلىق بۇسلىرى قاپلاۋاتقان،

تىمتاسلىقنى بۇزۇشۇم كېرەك!

ۋاپا بىلەن جاۋاب  قايتۇرۇشۇم كېرەك!

يۈرىكىنى سۇنۇپ تۇرۇپ مېنى جۇدۇنلاردا ساقلاۋاتقان،

سانسىزلىغان ئۆلمىگەن مۇردىلار ئۈچۈن …

ئەھدى بىلەن قانسىرىغان يۈرەكلىرىنى تىڭشاۋاتقان!…….

جاۋاب يېزىش